ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. 

2017-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 9-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ يېڭىدىن بايقالغان ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ 5227 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ئەيدىز بىمارى 528 نەپەر. بۇ يىل ئىچىدە، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ 1029 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

2017-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ دوكلات قىلىنغان ھايات ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﻰ 43484 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ 11322 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ 12114 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

ﮪﺎﺯﯨﺮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1.5:1 ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﺳﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %21.7ﻧﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ (ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ) %72.3ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.

 ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﺎﻗﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﭼﻮﯓ. ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ %5.7ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ. 

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ %6.7ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ.

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺶ ﻧﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﻯ، ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﺘﻰ. 

ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﻮﯕﺎﻳﺪﻯ. 

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، 2017-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﺍ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ 2012-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻧﻪﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻪﺭﻩﻟﺴﯩﺰ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. 2017-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ «ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ <13-ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ> ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ» ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، «ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﺘﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﭼﻪﻛﺘﻪ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ»ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ، ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. 

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ «ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ»ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ (ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺷﻪﮪﻪﺭ)، ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮪﻪﺭ، ﺭﺍﻳﻮﻥ) «ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ»ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. «ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ» ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ، ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭ-ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﮪﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ-ﻳﯧﺰﺍ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ-ﻛﻪﻧﺖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﻗﯘﺗﻘﯘﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﺍ، ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺗﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺋﻪﺩﻳﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻪﯕﮕﻠﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. 

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 20ﺳﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 309ﻯ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 499ﻯ، CD4ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ 68ﻯ، ﯞﯨﺮﯗﺳﻨﯩﯔ ﺗﻮﺷﯘﻟﯘﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 15ﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ، ﺋﺎﻧﺎ-ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ، ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ، ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 4 ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﭖ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻧﯘﻛﻠﯧﺌﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻﻧﺪﻯ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻪﻙ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺳﺎﻧﻰ 2010-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 48ﺩﯨﻦ 2017-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 94ﻛﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، ﭘﺎﮪﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭ ﮪﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ، ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯘﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 101ﻯ، ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ 485ﻯ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﭙﺮﺍﭘﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ 29ﻯ، ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 46ﺳﻰ، ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 97ﺳﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﻛﯚﭖ ﯞﺍﺳﺘﻪ، ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﮪﺎﻟﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ، ﺗﻮﺭ، ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ، ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﻩ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ-ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻛﯚﺯﻧﯩﻜﻰ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ «ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳﯘﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻮﺳﯘﺵ» ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. 

2017-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ 30-ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ». ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ» ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ» ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ «ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻪﮪﺮﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﺵ» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ. ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻯ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ «ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻪﮪﺮﻟﯩﻨﯩﺶ»ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر