ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻟﯧﻨﺘﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮪﺎﺭﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/12/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ 4-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 6:25ﺩﻩ «ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮪﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ--2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻟﯧﻨﺘﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮪﺎﺭﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.

ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻟﻰ ﭼﺎﯕﻨﯩﯔ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺧﯘﺍﯓ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﻮﺭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﺍﯓ ﻟﯘ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻛﺎﯓ ﯞﯦﻨﺘﯩﯔ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﺎﮪﺎﺭﮔﯜﻝ ﺳﻪﻣﻪﺕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﻟﯩﻠﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﻪ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﻪ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺭﯦﻦ ﺟﯩﭽﻴﺎﯓ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﭘﯘ ﺳﯜﻧﺸﯩﻦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺧﯘﺍﯓ ﺟﻴﻪﻧﻜﯜﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺟﺎﯓ ﺷﻴﺎﯞﻧﻪﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻏﻮﺟﯩﺌﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ.

ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺟﺎﯓ ﺷﻴﺎﯞﻧﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﯚﺯﻯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ: «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮪﺎﺭﻯ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﯕﮕﯜ، ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻝ-ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻟﻰ ﭼﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﯞﻩ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﮪﻤﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ «ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻪﮪﺮﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﺵ» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

«ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻳﻠﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﻪﮪﻨﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ» ﻣﺎﯞﺯﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﯘ ﺳﯜﻧﺸﯩﻦ، ﯞﺍﯓ ﻟﯘ، ﺳﻮﯓ ﻳﯜﺷﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ.

ﮔﺎﯞ ﺷﯩﻨﺠﻴﻪﻥ، ﺭﯦﻦ ﺟﯩﭽﻴﺎﯕﻼﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ «ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ.

ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ، ﭘﯘ ﺳﯜﻧﺸﯩﻦ «ﻗﻪﺩﻩﮪ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ»ﻧﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﯞﻯ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘ ﺳﯜﻧﺸﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﺟﻰ ﺧﯘﺍﯓ ﺟﻴﻪﻧﻜﯜﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ «ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻟﯧﻨﺘﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ»ﻧﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ.

ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر