زەھەر ياشلىق ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 سۇلتان مەقسەت

  ئېغىزى خۇددى چۆللۈكتە ئۇسسۇز قالغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز سۇغا ئېرىشىپ يايراپ كەتكەندەك ئاجايىپ شىرنىلىك سېزىمغا ئىگە بولۇپ، قەلبى مەست بولۇپ كەتتى، ۋۇجۇدى خامۇشلۇقتا ۋاقىتنى يوقاتتى، رېئاللىقمۇ ئۇنىڭ ئېڭىدا ئۆزىنى يوقاتقان ئىدى، شۇڭا ھاياتلىقنى ھېس قىلمايتتى، نېرۋىسى ئاجىزلاپ كەتكەندەك مەۋجۇتلۇق ئېڭى غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەس ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇ زەھەر چەككەن ئىدى.

  ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئالاھىدە باسقۇچ ياشلىق يالقۇنجاپ تۇراتتى، چاپچىپ تۇراتتى، ئېرىشىشكە ئىنتىلىپ تۇراتتى، تەشنالىق قانمايتتى، شۇڭا ياشلىقتىكى يېتەكلىنىش ئىنساننىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى.  ياشلارنىڭ ياشلىقى تىنىمسىز دېڭىز دولقۇنىدەك توختىماي ئۆركەشلەپ داۋالغۇپ تۇراتتى. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش پىسخىكىسى، باشقىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدىيە-قىممەت ئېڭى، يېتەكلىنىش مۇھىتىنىڭ تەسىر كۈچى دەرىجىسى قاتارلىق تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ياشلىقنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاكتىپلىق، قىزغىنلىق بىلەن تەۋەككۈلچىلىك، قاراملىقمۇ تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. غايىسى، نىشانى تۇرغۇزۇلمىغان ياشلار ۋاقىت چەمبىرىگە ئۆزلىرىنى سولىۋېلىپ بوشلۇققا چىقىشنى بىلمىگەچكە زېرىكىپ كېتىپ، چۈشكۈنلىشىپ  ۋاقىتتىن قاچماقچى بولۇپ يۈرۈشىدۇ. ئەمما ئىنسان ۋاقىتتىن قاچالمايدۇ، پەقەت ياشلىقتىكى ئىنسان تەبىئىتى ئۆزىگە سىڭىپ قالغان قىممەت ئېڭىنىڭ سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈشىگە بەك ئۇچرايدۇ. جۈملىدىن، ياشلار ئويۇن-تاماشىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياشلارنى يېتەكلەش ياشلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
   ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، قورقۇپ كەتتى، يۈرىكى ئاغرىپ كەتتى، كاللىسى قېيىپ كەتتى، ۋۇجۇدى تەۋرەپ كەتتى، كۆز ئالدى قېتىپ قالغاندەك، روھى قېچىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ قالدى. قىلمىشىنى ئويلىدى، پۇشايمان قىلدى، بېشىنى تاشقا ئۇرغۇسى كەلدى، ئەمما يېنىدا تاش يوق ئىدى. ئۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈمنى ئويلىدى، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈمدىن قورقتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئىدى.
      بىر قىسىم ياشلاردا زەھەر ياشلىق ئەيدىز ئۆزئارا گىرەلىشىپ قېلىۋاتاتتى. زەھەر بىلەن ئەيدىز ئەنە شۇ بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىككى قانىتىدەك ئۇلارنىڭ ھالىنى قويماي ھالسىرىتىپ قۇيۇۋاتاتتى. ئەسلىدە ياشلار زەھەر چېكىشكە تۆرەلمىگەن ئىدى، ياشلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالالايتتى. ئادەم زەھەرنى بىر قېتىممۇ چەكمەسلىكى كېرەك ئىدى، ئادەم بەدىنى زەھەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. دېمىسىمۇ، ئادەم مەينەت-پاسكىنا نەرسىلەر، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەر، تاپقا ئايلانغان ھايۋانات گۆشلىرىدىن سەسكىنىدۇ، ئۇنىڭدىن يىراققا قاچىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ئادەمنى زەھەرلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كىشىلەر زەھەرلىك يىلان، چايان قاتارلىقلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن قورقىدۇ. جەمئىيەتتە ئادەمگە داۋالاش  ئۈچۈن دورا مەجبۇرى ئىچىرىلىدۇ، جازالاش ئۈچۈن زەھەر مەجبۇرى ئىچىرىلىدۇ، تېخى بەزىلەرگە مەست قىلىش ئۈچۈن ھاراق مەجبۇرى ئىچىرىلىدۇ.
   جەمئىيىتىمىزدە زەھەرنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدىغان، يەيدىغان، ئىچىدىغان، ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان ياشلار پەيدا بولدى ھەم پەيدا بولۇۋاتىدۇ. تېخى زەھەر دەپ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ئاقىۋەت، بەزىلەر زەھەر ئۇرغان ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن قېتىپ قېلىپ ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ قېلىۋاتىدۇ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ زەھەرنىڭ نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىش بىلەن ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا ماسلاشماي بىر تېرە-بىر ئۇستىخان ھالەتتە خارلىق بىلەن جاندىن ئايرىلىۋاتىدۇ.  زەھەر ئۇنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى ئادىمى ھاياتلىق مۇددىتىدىن بۇرۇن ئۆلۈمگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە شۇنداق بىر سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ. زەھەر ئىستېمال قىلىدىغانلار پات ئارىدا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ، زەھەر ئىستېمال قىلىش باتۇرلۇق ئەمەس، قەيسەرلىكمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ-تۆت كىلوگىراملىق ھالەتتە تۇغۇلغان ئادەم بالىسىدىن قانداق چوڭ بولغانلىقنى بىلمەيدىغان، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ قىلغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان، قىممەت ئېڭى شەكىللەنمىگەن، ئەقىدە-ئېتىقادى تۇرغۇزۇلمىغان، ھاياتلىقتا نېمىنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەيدىغان  ھالەتتىكى ساراڭلارلا زەھەر ئىستېمال قىلامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، زەھەر ئىستېمال قىلىش ئادەمنى قېرىماي تۇرۇپلا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدىن بىر ھەسسە قىسقا بولىدۇ. بولۇپمۇ زەھەر چېكىشكە باشلاپ 15-20 يىلدىن كىيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. قېرىغان ئادەم بىلەن ياش ئادەمنىڭ ئۆلۈم تۇيغۇسى پەرقلىنىدۇ. قېرىپ قالغان ئادەملەر ئۆلۈمگە يېقىنلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ-سىزىملەردە بولسا، ئەكسىچە قېرىمىغان ئادەملەر  ئۆلۈمدىن قاچىدۇ، ئۆلۈمنى ئويلىمايدۇ، ھاياتلىققا قانمايدۇ. چۈنكى، ياش ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ھاياتى كۈچ بىلەن قېرىغان ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ھاياتى كۈچ ھەم  ياشلارنىڭ ئۆلۈم تەسەۋۋۇرى بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسەۋۋۇرى  ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ياشلارنىڭ ئۆلۈم ئازابى بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈم ئازابى پەرقلىنىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈمىگە قارىغاندا ياشلارنىڭ ئۆلۈمى ئېلىپ كېلىدىغان ئىچ ئاچچىقلىق ئوخشىمايدۇ، ياشانغانلارغا ئامال يوق دېيىلىدۇ، ئەمما  ياشلارغا ئامال يوق دېيىلمەيدۇ.
  شۇڭا، زەھەر ئىستېمال قىلىپ ياش تۇرۇپ ئۆلىدىغانلار تېخى ئۆلىدىغان ۋاقتىغا كەلمىگەن ئادەملەر بولۇپ، ھاياتلىق قانۇنىيىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى، جەمئىيەتنىڭ سەرپىياتى ئالدىدىكى ئارتۇقچە يوقىتىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن زەھەر چېكىۋاتقانلار زەھەرنىڭ مەنىسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى، ئەخمەقلىق قىلىپ ھاياتىنى ئاتاپ زەھەر بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھەر خىل زەھەرنىڭ نامى، خەتىرى، ئاقىۋىتى جەمئىيەتتە كىشىلەرگە نامەلۇم ئەمەس. شۇنداقلا، خېروئىن، نەشە، مۇزسىمان زەھەر، گىلدىڭلاتقۇ، ك  تالقىنى دېگەندەك ھەر خىل زەھەرلەر ئەڭ ئالدى بىلەن ياشلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى.
  زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %30 يەتكەن ئىدى. شۇنداقلا، زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدا ياشلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتتى، زەھەر چېكىپ ئىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىمۇ ياشلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتتى. ھەم يەنە بارلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىمۇ ياشلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتتى. گاڭگىراپ يۈرگەن، مەڭدەپ قالغان، جىسمى بىلەن روھىنىڭ ئېھتىياجى ئالدىدا قايمۇقۇپ قالغان بىر قىسىم ياشلار زەھەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدىغان يوللاردا تەمتىرەپ يۈرىشەتتى. مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى بىلگەن زەھەر ياشلارنى ئوڭدا قۇيۇش، نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى نىشانلايتتى.
زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ پالاكىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشلارنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىلىشى زەھەر ياشلىق ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئويلىنىشىمىزنى قوزغايتتى، تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلايتتى. ياشلىق ئىنساننىڭ ئالتۇندىن قىممەت چاغلىرى ئىدى. لېكىن، ياشلىقنىڭ مۇشۇنداق بىباھا چاغلىرى  نېمىشقا زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ ئازابلىق زەنجىرىگە باغلىنىپ قالىدۇ-ھە!
 
   «زەھەر» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا زەھەرلەيدۇ، جاننى ئالىدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئەينەكتەك ئېنىق بولۇپ، شۇنداقلا خېروئىن، مۇزسىمان زەھەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا-تونۇشىدا زەھەر دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلارنى ئاساس قىلىپ بىلىپ-بىلمەي زەھەر چېكىشكە كىرىشىۋاتىدۇ، زەھەر چېكىشكە باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ ھەممىدىن زەھەر چېكىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى زەھەر چېكىشكە پۇل تېپىش ئۈچۈن زەھەر سېتىۋاتىدۇ. زەھەرگە قۇل بولغانلىقتىن ئىستېمال قىلغاندا زەھەرنىڭ خارلىشىغا ئۇچراپ قېتىپ قېلىپ ئۆلىۋاتىدۇ. زەھەر چېكىش پىسخىكىلىق ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، دۇنيا قارىشىدا مەسىلە بار، قىممەت ئېڭى تۆۋەن، غايە-نىشانى ئېنىق ئەمەس، پەقەت خۇمارنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈشكۈنلۈك قىلمىشى بولغاچقا، زەھەر چەككۈچىلەر ھەممەيلەننىڭ ئۆچمەنلىك-نەپرىتىنى قوزغايدۇ.   
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ ئورۇنلىشىپ ئايرىم ياتاقتا يېتىپ-قوپۇپ تەنھالىققا كۆنەلمىگەن بىرەيلەن كەيپىيات ئىزدەپ يۈرۈپ، قاۋاقخانىدا  يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا، خۇددى ئوۋچىغا ئۇچرىغاندەك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. قىز ئۇنى ئوۋلىدىمۇ ياكى ئۇ قىزنى ئوۋلىدىمۇ بىلەلمەي قالدى. بۇ ئىككىيلەن پاراڭلىشىپ تونۇشۇپ ئىزدىشىپ قالدى. بىر قېتىم يىگىت قىز چاقىرغان سورۇنغا بېرىپ، بىر-بىرسىدىن قاملاشقان بىر توپ قىز-يىگىتلەرنىڭ توپلىشىپ زەھەر چېكىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالدى. يىگىت قىزلارنىڭ ئالدىدا ئەركەكتەك بولۇشقا مەجبۇرلىنىپ، «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دېگەندەك، مەردانىلىق بىلەن زەھەر چېكىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.
    -كەيپ قىلالمىغان ئوغۇل بالا ئەمەس، ئوغۇل بالا ھاراق ئىچەلەيدۇ،  تاماكا چېكىش دېگەن ئەر كىشىنىڭ ئىشى، قىز بالا چېكەلىگەن خېروئىننى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئادەم ئەركەك ئەمەس...ئۇ مۇشۇنداق گەپنىڭ تۈرتكىسى بىلەن زەھەر چېكىشنىڭ پاتقىقىغا پېتىشقا باشلىغان ئىدى.
    بىز دائىم يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كەيپ-ساپا سورۇنىدا ئوغۇلبالىچىلىقنى تەلەپ قىلىش ھەم كەيپ-ساپا سورۇنىدا بىر تەرەپلىمە غۇرۇر چۈشەنچىسى بويىچە ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىپ، ئوغۇلبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ئوغۇلبالىنىڭ جىسمى بىلەن روھىنى نابۇت قىلىشقا يۈزلىنىش ئەھۋاللىرى جەمئىيەتتە مەۋجۇت ئەھۋال ئىدى. دېمىسىمۇ ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىش، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىش، پاھىشە بىلەن پاھىشەخانىلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خېروئىن چېكىش ھەم ئوكۇل قىلىپ ئورۇشقا قىزىقتۇرۇپ، زەھەرگە  خۇمار بولۇشقا باشلاپ بارىدىغان ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ  ھەقىقىي مەنىدىكى ئوغۇلبالىچىلىق ئەمەسلىكىنى كۆپ ساندىكىلىرىمىز بىلمەي قالمايمىز. ئەمما، ئەنە شۇنداق مۇھىت-سورۇنغا دۇچ كەلگەندە غۇرۇر پىسخىكىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق قارىشىمىزدىن باشقىلار ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، بىزنى يامان يوللارغا باشلايدۇ. دېمەك، ئوغۇلبالىچىلىقنى نەدە، نېمە ئۈچۈن  ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك بىلەن زىيان تارتىۋاتقان، نابۇت بولۇۋاتقان ئوغۇل بالا-ئەركەكلىرىمىز كەيپ-ساپا سورۇنىدا ئاز بولمايۋاتىدۇ. بۇنداق چۈشەنچە مەدەنىيەت پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش قارىشى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدىكى ئوغۇل-قىزلىق پەرق چۈشەنچىمىزدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئوغۇل بالا يۈرەكلىك بولۇشى كېرەك، ئوغۇل بالا باشقىلار قىلالىغاننى قىلالايدىغان  بولۇشى كېرەك، ئوغۇل بالا قىز بالىنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇلسا بولمايدۇ... دېگەندەك ياخشى نىيەتتىكى  تەربىيەلەش قاراشلىرىغا نېمە قىلسا بولىدىغان ھەم  نېمە قىلسا بولمايدىغانلىقى بەك سىڭدۈرۈلمىگەچكە، توغرا-خاتانى بەك ئايرىيالمايدىغان ئوغۇلبالىچىلىق چۈشەنچىسىدىكىلەر ئۆز چۈشەنچىسىدىكى ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېتىۋاتىدۇ.
خېروئىن چېكىشنى ئوغۇل بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قاراپ، ئاقىۋەت ئوغۇل بالا بولالماي بەلكى خارلىنىپ، كەمسىتىلىپ، ھۆرمىتى، قەدىر-قىممىتى بولماي قالغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ بولۇپ، بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالدارچىلىق چۈشەنچىسى نۇرغۇن ياشلارنى يامان يوللارغا باشلاپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدە ئوغۇل بالا دېگەن كەيپ-ساپادا ئوغۇلبالىچىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا سەكرىمەي، بەلكى ناھەقچىلىك، يولسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، كەمسىتىش-كۆزگە ئىلماسلىق، بوزەك قىلىش ئالدىدا مەيدانغا چىقىپ، ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەتراپىمىزدىكى تونۇش خاراكتېرلىك خاتالىققا سۈكۈت قىلىش، توغرا بولمىغان چۈشەنچىلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا رەددىيە-تەنقىد بەرمەسلىك  پوزىتسىيەدىكى سۇسلۇق بولۇپ، بۇنداق مەدەنىيەت پىسخىكىسى مۇھىتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
 
  شۇنداق سورۇنلارغا ئارقا-ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم قاتنىشىپ يۈرۈپ، زەھەر چېكىشنىڭ ھۇزۇرىغا باغلىنىپ قالدى، زەھەرنىڭ تارتىش كۈچىكىمۇ قۇل بولۇپ قالدى، كۈندە زەھەر چەكمىسە تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى، زەھەر چېكىدىغان ئۆلپەتداشلىرىنىڭ جاھاننىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ چېتىگىچە تاققا-تۇققا سۆزلەيدىغان پاراڭلىرى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا دورا بولۇپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇپ زەھەرگە تۇتۇلغان ئىدى. مۇشۇ جەرياندا خۇمارىغا بەرداشلىق بېرەلمەي باشقىلار ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ بولغان ئىشپىرىس بىلەن ئۆزىگە بىرنەچچە قېتىم زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپمۇ بولدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ خۇددى دۆتلىشىپ قالغاندەك باشقا ئىشلارغا زېھنىنى بېرەلمەي، زەھەر چېكىشنىڭ كويىدىلا يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.
  ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى نەگىدۇر يوقاپ كەتكەن ئىدى. بىر يىلدىن كىيىن ئىدارىسىدىن خىزمەتچىلەرنى بىر تۇتاش سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولۇش بىلەن ئۇ بېشىغا تاغ ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولۇپ قالدى. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش قېلىش ئۇنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن ئىدى. «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن دېگەندەك» ئۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، توردىن ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ زەھەر چەككەندە ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتكەچكە يۇقۇملانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئەمدى مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ھېچنېمە ئورنىغا كەلمەيتتى. ئەمدى ئۇنىڭ كاللىسىغا ئېغىر غەم چۈشتى. ئىدارىسى ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغالىقىنى بىلىپ قالسا خىزمىتىنى قانداق قىلار، خىزمەتداشلىرى بىلىپ قالسا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلار، ساقايماس ئەيدىز كېسىلى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيار...
  مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇ زەھەر چېكىشتىن قورقمىغان بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن قورقۇپ كەتتى. زەھەرنى پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىپ يوشۇرۇنچە چەككەن بىلەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى باشقىلار بىلىپ قالسا يۇقۇپ قالىدۇ دەپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچاتتى. زەھەر چېكىش كىشىنىڭ شەخسى ئىشى بولغان بىلەن، ئەمما ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەنلا كەتمەيتتى. باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىق، توي قىلىش قىيىنچىلىقىغا ئۇچراش، دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورا خىراجىتىنى چىقىم قىلىش دېگەندەك بىر قاتار ئەھۋاللار ئۇنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا پەيدا بولغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ھەم شۇنداق ياش تۇرۇپ، ساقايماس ھەم يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلىگە دۇچار بولۇپ قېلىش ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ھايات ھەممە ئادەمگە قۇچىقىنى كەڭرى ئاچىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق تەربىيەلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق تاللىشىغا باغلىق بولىدۇ. ئاز بولمىغان ياشلار نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ھەم قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزى ھەم باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلالمايدۇ. ئادەم توغرا ياشاشنى ھەم ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى بىلسە ھاياتى راۋانلىقتا يۈرۈشىدۇ.
 
  زەھەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان كىشىلەرگە ھاياتلىقنىڭ ئىچى تىتىلدايدۇ. شۇنداقلا  زەھەر چېكىپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىغا ھاياتلىقنىڭ كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قوش كېزەك بالايى-ئاپەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ھاياتلىقنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ.
  دېمىسىمۇ، ئادەملەرگە زەھەر چېكىش جازاسى بېرىلمىگەن ئىدى. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئېنىق بولغاچقا، ئادەملەر ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنىڭ ئازابىنى تارتىپ يۈرمىسىمۇ بولاتتى. ئەپسۇس، زەھەرگە قۇل بولۇپ، ئەيدىزگە خار بولۇپ قېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى. ئەنە شۇ ئادەملەر بۇ دۇنياغا كېلىشنىڭ مەنىسى بىلەن قىممىتى ئالدىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. چۈنكى، زەھەر بىلەن ئەيدىز ئۇلارنى باشقۇرۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلارغا چىدىيالمىغۇدەك بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنداقلا، زەھەر بىلەن ئەيدىز ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىسراپ قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. زەھەر بىلەن ئەيدىز ئىنسان ئۈچۈن ئارتۇقچە تەقدىر ئىدى. زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەر چېكىشكە ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى خالىمايتتى. لېكىن خۇمارى تۇتقاندا ئىشپىرىس-يىڭنىنى باشقا زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ،  زەھەر چېكىش جەريانىدا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرى بولسىمۇ  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يولىدا ئۆزلىرى خالاپ مېڭىپ قېلىشاتتى. ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ئالدىنى ئالماي، ئاقىۋەت بېشىغا كەلگەندە ئازابقا پېتىپ يۈرىدىكەن،  ئادەم دېگەن مۇشۇنداق بولسا كېرەك دېسەكمۇ، ئەمما كۆپ سانلىق ئادەملەر زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن يىراق تۇرالايدىكەن. ئەسلىدە ھېچقانداق ئادەم ئۆزلىرىنىڭ خالىماسلىقى بويىچە زەھەر بىلەن ئەيدىزگە باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر ئاۋۋال زەھەرگە، ئاندىن كىيىن ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈۋاتىدۇ!
  ھاياتلىقنىڭ كۆزى زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلىدۇ. دېمىسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قىلىدىغان ئىشنى، ماڭىدىغان يولنى ئۆگىتىشى كېرەك. بالىلىرىنىڭ ئويلايدىغانلىرىنى، ئىزدەيدىغانلىرىنى، ئارىلىشىدىغان كىشىلىرىنى چۈشىنىشى، ھېس قىلىشى، بىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى نۇرغۇن كۈچىنى، ۋاقتىنى، زېھنىنى سەرپ قىلىپ چوڭ قىلغاندىن كىيىن، خۇددى بېشىنى باغلىمىغان ئېشەكتەك جەمئىيەتكە قۇيۇۋەتسە بولمايدۇ. قانۇنغا بويسۇنۇشنى، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشنى، سالامەتلىكنى ئاسراشنى ئىنسان بالىلىرى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقاندەك، قانداق نەرسىلەرنىڭ زەھەر ئىكەنلىكىنى، زەھەرنىڭ قانداق ئورۇنلاردا ھەم كىشىلەردە كۆپلىكىنى، زەھەر چېكىشكە كىرىشىپ قالسا قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، ھەم زەھەر ساتىدىغانلارنىڭ قانداق ئالدامچىلىق بىلەن باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە ئۆگىتىپ قۇيىدىغانلىقىنى مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، پوزىتسىيەسى كەسكىن ھالدا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىپ بىلىپ كاللىسىغا سىڭدۈرىۋېلىشى كېرەك. دېمىسىمۇ، ھەرقانداق مەسىلە بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. زەھەرنى بىلگەنلەر، زەھەر چېكىشكە قىزىقتۇرىلىشنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەنلەر خۇددى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقنى بىلگەندەك زەھەرگە يېقىن يولىماسلىق ئىرادىسىنى نامايەن قىلالايدۇ. جۈملىدىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ زەھەردىن خەۋىرى بولمىسا بالىلىرىغا بۇ جەھەتتە تەربىيە بېرەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئەيدىزنىمۇ ئوڭلاپ چۈشەنمىسە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ ئۆگىتەلمەيدۇ.
 
  جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇمىنىشتىن قالسىلا، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتاتتى. زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى خۇددى بىلىپ تۇرۇپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانغا ئوخشايتتى. زەھەر چېكىشنىڭ ئۆزى سېپى ئۆزىدىن خاتا ئىش بولۇش بىر ۋاقىتتا، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئىشپىرىس بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشىمۇ سېپى ئۆزىدىن خاتا ئىش ئىدى. ئادەملەر ئارا ئىشپىرىس-يىڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش تېببىي قانۇنىيەتكىمۇ ناھايىتى ئېغىر خىلاپ ئىش ئىدى. دېمەك، مۇشۇنداق تۆپە-تۆپىلەپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، زەھەر چېكىدىغانلار «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەندەك، ئىنساننىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ زەھەر چېكىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ھاياتلىقنى كۆزگە ئىلمىغانلىققا ئوخشاپ  قالغان ئىدى. زەھەرگە خۇمار بولغانلار نېرۋا كېسەلگە ئايلىنىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار روھى كېسەلگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. زەھەر چېكىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئوخشاشلا جىسمانىي ھەم روھى جەھەتتە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشقا ئايلانغان ئىدى. ئەمما، بۇ كېسەللىكنى زەھەر چېكىدىغانلار ئۆزلىرى ئىزدەپ تېپىشقان ئىدى. شۇنداقلا، زەھەر چېكىدىغانلار ئىشپىرىسنى ئوراق ئىشلەتمەي ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىسىمۇ، ئەمما ئەسلىدىكى ساق كاللىسىنى زەھەرنىڭ ساراڭ قىلىشى بىلەن نىكاھنى كېرەك  قىلمايدىغان قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن ئاسانلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىۋاتاتتى. يەنە خىلمۇ-خىل زەھەر چېكىدىغانلار زەھەر چېكىش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي ھەمجىنىسلار توپىغا قېتىلىپ، ئىختىيارسىز ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىپ، بەچچە-بەچچىۋازلىق بىلەنمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتاتتى.
 ئەمدى 22 ياشقا كىرگەن يالقۇن ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدە ئىشتىنى تېقىمىغا سىرىلگەن ھالدا دۈمچەيگىنىچە سېۋىتى ئۆرۈلۈپ كەتكەن تازىلىق قەغەزلىرىگە بېشىنى قۇيۇپ قېتىپ قالغان ئىدى. سول بىلىكىدە ئوكۇل يىڭنىسى سانجىقلىق تۇراتتى. يالقۇن ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپلا، خەنزۇچە سەۋىيەسى ياخشى بولغاچقا خەنزۇ تىلى تاللاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن ئىدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا ياۋا كۆز بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ توي قىلماي تۇرۇپلا ئۇنى خوتۇن قىلىپ يۈرگەچكە، ئىشقا چۈشۈشى بىلەن قىزىڭ بويىدا قالغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراپلا توي قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. قىزنىڭ خىزمىتى يوق بولۇپ تىجارەت قىلىدىغان ئاپىسىغا ئەگىشىپ يۈرەتتى.  ئېھتىياج بويىچە يالقۇن جىددىيلىك بىلەن خىزمەتكە چۈشكەچكە، يېرىم يىلدىن ئاشقاندىن كىيىن مائاشى بىراقلا تۇلۇقلاپ بېرىلىپ، قۇلىغا بىراقلا بىرمۇنچە پۇل كىرىپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالىمۇ ئېغىرلىشىپ قالغاچقا ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن يالقۇن يانچۇقىدىكى بىرمۇنچە پۇل بىلەن يالغۇزلۇقتا قالدى. بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا نەشە چېكىپ يۈرگەن بولغاچقا، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە نەشەنى ئويلاپ قېلىپ نەشە چېكىشكەن ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈشتى. ئەمما شۇ چاغدا نەشە چېكىشكەن ساۋاقداشلىرى ھازىر خېروئىن چېكىۋاتقان بولۇپ، يالقۇن تەبىئىي ھالدىلا ئۇلار بىلەن خېروئىن چېكىشكە كىرىشىپ كەتتى، چۈنكى يانچۇقىدا ھەم پۇلى بار ئىدى ھەم ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئىدى. ئايالى يەڭگىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككى ئايچە تۇرۇپ كەلگىچە يالقۇننىڭ يېنىدىكى پۇللارمۇ بىر يەرگە بېرىپ خېروئىنغا بىر ئوبدانلا خۇمار بولۇپ بولغان ئىدى. ئايالى ئۇنىڭ پۇللارنى تۈگىتىپ زەھەر چېكىپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپ قالدى. ئائىلىدە زىددىيەت باشلاندى، يالقۇن ئايالى تەرىپىدىن كەمسىتىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن يالقۇن زەھەر خۇمارى بىلەن ئايالى ئالدىدا قوش بىچارىگە ئايلاندى. ئايالى يالقۇنغا گەپ ئاڭلىتالماي بالىسىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئۆي ئەمدى يالقۇنغا ئوڭچە قالغان ئىدى. يېنىدا پۇل قالمىغان يالقۇن ئۆيدىكى گىلەم دېگەندەك پۇل يارايدىغان نەرسىلەرنى ئاچىقىپ سېتىپ زەھەر چېكىپ تۈگەتتى. ئۇنىڭ ئۆيى سويغان پىيازدەك قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ئىدى. يالقۇن شەھەردىكى دادىسىنىڭ نامىنى سېتىپمۇ باشقىلاردىن پۇل قەرز ئېلىپ زەھەر چېكىپ يۈردى. ئايالى ئەمدى تۇغۇلغان بالىسىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالغاچقا، ئايالىغا بولغان خاپىچىلىق بىلەن بازار ئويناپ يۈرىدىغان بىر قىز بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، خۇددى نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىدەك نەچچە قېتىم ئۆيىگە ئاپىرىپ قوندۇرۇپمۇ قالدى.
  بىر مەزگىلدىن كىيىن قاتتىق زۇكام بولۇپ كېتىپ دورا يەپ ئوڭشىلالماي، دوختۇردا يېتىپ قالغاندا دوختۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى كۆرۈپ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى سوراپ بىلىپ، ئالاھىدە قان تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، دېگەندەك يالقۇن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەيدىزنى زەھەر چەككەندە باشقىلار بىلەن ئورتاق شىپىرىس ئىشلىتىپ يۇقتۇردىمۇ ياكى ھېلىقى بازارلىق نىكاھسىز ھەمراھىدىن يۇقتۇردىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ زەھەر خۇمارىغا قۇل بولغاچقا ھاجەتخانىدا زەھەرنى ئۆزىگە ئوكۇل قېتىپ قالغان ئىدى.
  دېمەك، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ نېمىلىكىنى ھەم ئاقىۋىتىنى، شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ دەردىنى ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلگەندە، ياشلىقتىكى قېنى قىزىپ تۇرغان ياشلار، شۇنداقلا ھەممەيلەن زەھەر چېكىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن يىراق تۇرالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپلىق تەشۋىقات-تەربىيەنىڭ كۈچى ئارقىلىق ياشلارنى زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قوغدىشىمىز كېرەك.
 
   («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان.) 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر