ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى تۆت تەكلىپ، ئىككى ئىلتىماس

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە

— مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپنى زىيارەت

 

مەنبە: خەلق تورى

ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى بەش نەتىجە، تۆت تەكلىپ، ئىككى ئىلتىماس


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

 

  مۇھەررىردىن: شىنجاڭدا 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالدى. 23 يىلدىن بۇيان، دىئاگنوز قويۇلغان ئەيدىز بىمارى سانى 44 مىڭغا يەتتى. نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ۋاكسىنىسى بار، بىراق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھازىرغىچە ۋاكسىنىسى يوق، داۋالاپ پۈتۈنلەي ساقايتقىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر.

يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى دىلشات ياقۇپ خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان تەكلىپلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

 


 خەلق تورى مۇخبىرى زىيارەت مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىقتى.


ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى بەش نەتىجە

بەش تۈرلۈك خىزمەت تەرتىپلىك ئىشلەندى.

1. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلار قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر يېزىلاردا يىلىغا 3-4 يۈز مەيدان لېكسىيە سۆزلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ھەر يىلى 100 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تور، تېلېۋىزىيە، رادىيو، گېزىت، ژۇرناللاردىمۇ تەشۋىقات سالمىقى كۈچەيتىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشى ئۆستى. بەش يىلدىن بۇيان، ئامما ئارىسىدا ئەيدىز بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئەسلىدىكى %50تىن ھازىرقى 70%تىن 80%كىچە بولغان نىسبەتكە يەتتى.

2. ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، يوشۇرۇن مەزگىلىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېنىدە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىغانلىقتىن، ئۆزلىرىمۇ بىلمەي قالىدۇ ھەمدە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئاسان كېسەل يۇقتۇرۇۋالىدىغان كىشىلەر توپى، ھامىلىدار ئاياللار، يېڭىدىن توي قىلماقچى بولۇۋاتقان قىز-يىگىتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم خىزمەت. بەش يىل بۇرۇن، ھەر يىلى تەكشۈرۈلىدىغان ئادەم سانى 4 مىليونغا يەتمەيتتى. ھازىر بولسا يىلىغا تەكشۈرۈلىدىغان ئادەم سانى 12 مىليوندىن ئاشىدۇ، يەنى ھەر يىلى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز.

3. ئەيدىز بىلىملىرىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنى داۋالاشقا بولغان پوزىتسىيەسى ئانچە توغرا ئەمەس، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلگەن ھامانلا ئۆلىدىغان بولدۇم، دەپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ھازىر ئەيدىزنى داۋالاش تېخنىكىسى كۆپ ئىلگىرىلىدى. مەسىلەن، بالدۇر بايقالغان ھامان، توختىتىپ قويماي ھەر كۈنى دورا يېگەندە، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ئوتتۇرىچە يېشىغىچە ياشىيالايدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 74 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ 74 ياشقىچە ياشىيالايدۇ.

ئادەتتە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى باشقىلارنىڭ تېنىگە كىرگەندە، ئاندىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدۇ. داۋالاش ئارقىلىق، بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى زور دەرىجىدە ئازلايدۇ ھەمدە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا داۋالاش ئەيدىزنى كونترول قىلىشتىكى ياخشى ئامال.

2012-يىلىدىن بۇرۇن داۋالايدىغان ئادەم سانى 10 مىڭغا يەتمەيتتى، ھازىر يىلدا داۋالىنىدىغان ئادەم سانى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ.

4. ئانىلاردىن بالىلارغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر دورا يېمىسە ۋە ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىسا، ئۆزىنىڭ بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. يېڭى ھامىلىدار بولغان ئاياللارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكى بايقالسا، بالدۇر بايقىلىپ بالدۇر داۋالانسا، ئەيدىزنى ھامىلىگە يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولغان ئالدىنقى 12 ھەپتە ئىچىدە بايقالغان ھامان دورا يېيىشنى باشلىسا، بالىسىغا قەتئىي يۇقمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

5. زەھەر چەككۈچىلەر، ھەمجىنىسلار، قالايمىقان يولدىكىلەرگە بولغان ئەيدىزدىن ساقلىنىش تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، گاندون، شىپىرىس تارقىتىلدى. زەھەر چەككۈچىلەرگە قارىتا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يەتمىش نەچچە مېتادون تارقىتىش نۇقتىسى قۇرۇلدى. مېتادون خېروئىننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بۇيۇم بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەر ھەر كۈنى بىر قېتىم مېتادون يېسە، زەھەر چەكمىسىمۇ بولىدۇ، مېتادون ئارقىلىق خۇمارىنى باسقىلى بولىدۇ.

ئەگەر زەھەر چەككۈچىلەر مېتادون يېيىشنى خالىمىسا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 90دىن ئارتۇق شىپىرىس تارقىتىش نۇقتىسىدىن پاكىز، بىخەتەر شىپىرىس ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

يۇقارقى بەش تۈرلۈك خىزمەت ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %9تىن %5تىن تۆۋەنگە چۈشتى. نۆۋەتتە، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ پاكىز بولمىغان شىپىرىس ئىشلىتىش، شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ئەيدىز يۇقۇش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىمىز.

بەش يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، تەكشۈرۈش، داۋالاش ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا يۇقۇش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولماقتا، ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى يۇقۇشمۇ تەدرىجىي تۆۋەنلىمەكتە، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى.


 

  ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى تۆت تەكلىپ

 

  ئەيدىزدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر كۆپ، بىراق بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىنغا مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلدىم:

1. ئاساسىي قاتلامدىكى خادىملارنىڭ ساپاسى بىردەك ئەمەس، تەشۋىقات- داۋالاش خىزمىتى بەزى رايونلاردا بىر قەدەر ياخشى ئىشلەنمەكتە، يەنە بىر قىسىم رايونلاردا كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى ئەمەس.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە- شەھەرلەر ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتتە شىنجاڭغا زور ياردەم بەرمەكتە. مەن بۇ 19 - شەھەرنىڭ ياردەم بېرىش دىققەت نۇقتىسىنى ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپرەك قارىتىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىيە كۆرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر بىر ناھىيەگە بىر -ئىككىدىن خادىم ئەۋەتىپ، يەرلىكتىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزدىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە، دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم.

2. ئەيدىزنى داۋالاش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىزدىن ئۆلۈش نىسبىتى بارغانسىرى تۆۋەنلىمەكتە، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ، داۋالاشنىڭ مالىيە بېسىمىمۇ ئاشماقتا. شۇڭا، مەركەز شىنجاڭغا ئەيدىزنى داۋالاش مەبلىغى ئاجرىتىپ بەرسە، دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم.

3. شىنجاڭنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر چوڭ تەرەتنى ياخشى بىر بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %60 بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا %50 بولماقتا. دۆلەتنىڭ نىشانى بولسا 2020-يىلىغا بارغاندا %80كە يەتكۈزۈش بولۇپ، شىنجاڭ بۇ نىشاندىن يەنىلا بىر قەدەر يىراق. ئەگەر شىنجاڭ مالىيەسىگىلا تايانغاندا، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بەكلا تەس. شۇڭا دۆلەت شىنجاڭنىڭ پاكىز ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرسە، دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم.

4. شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە يود ئەڭ كەم رايونلارنىڭ بىرى. يود دېڭىز سۈيىدە بولىدۇ، شىنجاڭ دېڭىزدىن ئەڭ يىراق رايون بولغاچقا، شىنجاڭدا يود ئىنتايىن كەمچىل. يود «ئەقلىي مېتال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھامىلە يېتىلىش باسقۇچى، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ ئاي چوڭ مېڭە شەكىللىنىدىغان مەزگىل. ئەگەر بۇ ئۈچ ئايدا يود كەمچىل بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماي، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇ مەسىلە شىنجاڭدا بىر قەدەر ئېغىر.

ئۇزۇندىن بۇيان، يودنى قانداق تولۇقلاش ئىزچىل تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسى ھەر يىلى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يود قوشۇلغان تۇز سېتىۋېلىپ، ئاممىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەرمەكتە. شۇڭا مەن، دۆلەت يود تولۇقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق قوللىسا، دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم.

ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى ئىككى ئىلتىماس

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئەيدىزنىڭ ياشلار ئارىسىدىكى يوقۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، بولۇپمۇ دوستلار ئارىسىدا. مەسىلەن، بەزى يىگىتلەر نەچچە قىز دوست تۇتۇۋالىدۇ، بەزى قىزلارنىڭ نەچچە ئوغۇل دوستى بار. ئۇلار ئۆزئارا ئىشەنگەچكە، جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا بىر قانچە ئادەم بىراقلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ھازىر بىز يولۇقۇۋاتقان ئەڭ قىيىن مەسىلە شۇكى، گاندون ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيۋاتىمىز.

ياشلارغا بېرىدىغان تەكلىپىم شۇكى، زەھەردىن يىراق تۇرايلى، ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىزنى ئاشۇرايلى، قالايمىقان دوست تۇتمايلى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمايلى، جىنىسي مۇناسىۋەتتە چوقۇم گاندون تاقايلى. ئەگەر ئۆزىمىزنى زەھەردىن يىراق تۇتساق، گاندون ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرساق، ئەيدىزدىن مۇداپىيە قىلىشنىمۇ چوقۇم ياخشى ئىشلىيەلەيمىز.

 

 

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر