ئەيدىزنىڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر يوشۇرۇن مەزگىلىدە ھېچقانداق ئۆزى سەزگۈدەك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىزىش، بېشى قېيىش، ھالسىزلىنىش، گېلى ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، ئەسۋە چىقىپ قېلىش، پۈتۈن بەدىنىدە قاپارتمىلىق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتە 1-2 ھەپتىگىچىلا داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنلا بىمار كېسەللىك ئالامىتى يوق بولغان يوشۇرۇن مەزگىلگە كېرىپ كېتىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلدىكى بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، قان زەردابىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندا مۇسبەت بولۇپ چىقىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان يۇقۇملاندۇرۇش مەنبەسى. شۇنچىلىك ئۇزاق مۇددەتلىك بولغان يوشۇرۇن مەزگىلدە، يۇقۇملانغۇچى گەرچە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سېزەلمىسىمۇ، تاشقى جەھەتتىن ئىنتايىن نورمال كۆرۈلسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئىمونېتىت سىستېمىسى يەنىلا داۋاملىق ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ئېمونېتىت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى مۇداپىيەلىنىشنىمۇ تەمىنلىيەلمىگەندە، نورمال ئادەملاردە كېسەللىك پەيدا قىلالمايدىغان كۆپ خىلدىكى مىكرو جانلىقلار بىماردا شەرتلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ، مېڭە، ئۆپكە، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ كېسەل تۈپەيلى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بىر قىسىم يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرمۇ بىمارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولغان. ئەيدىز بىمارىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بولسا چۈنكى شەرتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىپ يۇقۇملاندۇرىدىغان ئىچكى ئەزالار ۋە چىقىپ قالىدىغان ئۆسمىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.
 
 
دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ: 
(1)ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامىتى داۋاملىق قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، سوغۇق تەرلەش، ئېغىرلىقى ئۈچ ئاي ئىچىدە %10 ، كۆپ بولغاندا %40 تۆۋەنلەش، بىمارنىڭ ئورۇقلىقى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇش.
(2)نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئۇزاق مۇددەت يۆتىلىش، مەيدىسى ئاغرىش، نەپەسلىنىش قېيىن بولۇش، ئېغىر بولغاندا قان ئارىلاش بەلغەم كېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىش.
(3)ھەزىم قىلىش يولىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ئېغىر بولغاندا چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلار. ھەمدە ئادەتتە ھەزىم قىلىش يوللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ بۇنداق ئىچى سۈرۈشكە كار قىلماسلىق.
(4)ئۆسمىدىنمۇ كۆپ خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش، بەدەندىكى شۇ بەزى ئۆسمىلەردە قىزىل ياكى كۆك قىزىل بولغان ئەسۋە پەيدا بولۇش قاتارلىقلار. شۇڭا ئەيدىزنىڭ كېسەللىك ئالامىتى  بولسا ئىنتايىن مۇرەككەپدۇر.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر