• يېڭى ماقالىلەر

دىلشات ياقۇپ: ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشىغا ياردەم

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش»، «شىنجاڭنىڭ بىرۇتسېلليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش» ... تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى دىلشات ياقۇپ تاپشۇرغان بەش تەكلىپ لاھىيەسىنىڭ ئىككىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا، ئۈچى ئاممىۋىي سەھىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

دىلشات ياقۇپ ئاپتونۇم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان مەزگىللىرىدە «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئەزا» دەپ ئاتالغانىدى. ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل جەريانىدا ئۇ سۇنغان تەكلىپ لاھىيەلىرىنىڭ يېرىمى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە چاقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولدى.

«ئەيدىز ئىنسانىيەت ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىغا موھتاج.» دىلشات ياقۇپ ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى: «بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ماڭا بەرگەن مۇھىم تاپشۇرۇقى، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئورۇنلىشىم كېرەك!»

ئۇنىڭ خىزمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 10 يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى، يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايون بېكىتكەن ھەر تۈرلۈك نىشانلارغا ۋاقتىدا يېتىلدى. ئۇنى تېخىمۇ خۇش قىلىدىغان يېرى، ھازىر تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭقۇر ئورنىدى.

دىلشات ياقۇپ: «بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى> تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ھەر كۈنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ بەك خۇش بولدۇم» دېدى. 10 يىل ئىلگىرى كىشىلەر ئەيدىز توغرىسىدا سۆز بولسا قاتتىق قورقۇپ كېتەتتى. دىلشات ياقۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلىي ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتچىلەرنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرىلاتتى، شۇنداقلا كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىپ يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ تەشۋىقات قىلدى، لېكسىيە سۆزلىدى. بىر يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى، لېكسىيە مەزمۇنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى قان بېسىم، دىيابىت قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

دىلشات ياقۇپ: «كۈچۈمنىڭ بارىچە ساغلام كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشىغا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشىغا ياردەم قىلىمەن» دېدى. ئۇ مۇشۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 10 يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىكى يېزا-كەنت، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا باردى.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ جاپادىن قورقمىدى. ھەربىر جايغا بارغاندا كۈندۈزى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خادىملارنى تەربىيەلىسە، كەچلىرى يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاممىغا لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. ئۇ يەنە ۋاقتى بولسىلا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چىڭ تۇتۇپ رەتلىدى، سىن دەرسى تەييارلاپ تورغا يوللىدى.

دىلشات ياقۇپ يەنە: «بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ماڭا تاپشۇرغان ئېغىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىمنى بېغىشلايمەن» دېدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر