يامان غەرەزدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقاتقۇچىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 تېڭشۈن ئۈندىدار سالونى خەۋىرى: 

يېقىنقى بىرقانچە كۈندە بىر سىن كۆرۈنۈشى مىكرو بىلوگلاردا بەس-بەستە تارقىتىلدى، سىن كۆرۈنۈشىدە بىر ئەر بىلەن بىر ئايال كېچىچە ئەيىش-ئىشرەت قىلغاندىن كېيىن، ئەر ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپ ئايالغا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئايالنىڭ بۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئايالنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلغاچقا سىن كۆرۈنۈشىنى يوللىمىدۇق، كۆپچىلىك توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىك بۇ ئايالنىڭ ئازابلىق چىرقىراشلار ئىچىدىكى ئۈمىدسىزلىكىنى ھەمدە بۇ داشقال ئەرنىڭ ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان نومۇسسىز ئەپتى-بەشىرىسىنى ھېس قىلىپ يەتتى. كېيىن تەيۋەنلىك ئايال چولپان ليۇ لېيەن سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئەرنىڭ تيەن شياۋشەن (تيەن چىڭشەن) ئىسىملىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئايالنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئارتىس قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىپ، يوشۇرۇن قائىدىنى قوبۇل قىلىپ مۇشۇ ئاقىۋەتكە قېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپلا قالماي يەنە ئىككى قېتىم قورساقتىكى بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 

 

سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق، بۇ يەردە ھەممىنى سۆزلەپ ئولتۇرماي، شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇ ئايال ئىنتايىن ئەخمەقلىق قىلغان، قىلغان ئىشى ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. لېكىن مېنىڭچە بۇ ئىشتا ئادەمنىڭ ئەڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغىنى يامان نىيەتتە قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقاتقان ئاشۇ داشقال ئەر. ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتقان، قىز بۇلارنى ئاڭلاپ يۆلەكسىز ھالدا ساراڭ بولاي دەپ قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، خۇددى مەيىن شامالدا ئاستا شىۋىرلىغاندەك، گويا ئۇنىڭغا كىچىككىنە زۇكام يۇقۇپ قالغاندەك بىر ھالەتتە مۇشۇنداق گەپنى قىلغان.

ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىن چاتاق چىقىپ زادى قايسى دەرىجىگە يەتكەن؟ قورقۇنچلىق يېرى بۇ پەقەت يامان غەرەزدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقاتقۇچىلارنىڭ كىچىككىنە بىر مىسالى خالاس. 10 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارغا قالايمىقان يىڭنە سانجىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغان. ھازىرمۇ يەنىلا ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارغا يىڭنە سانجىيدىغان ئىشلار پات-پات ئاشكارىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. (لېكىن يىڭنە سانجىغان بىلەنلا ئاساسەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ يىڭنىنى قالايمىقان سانجىشقا بولمايدۇ.) چۈنكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ، شۇڭا مۇئەييەن ساندىكى ئەيدىز بىمارى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، يوشۇرۇن مەزگىلدىن پايدىلىنىپ قان تەقدىم قىلىدۇ. مۇشۇ ئىككى يىلدا قان سېلىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار خېلى بار.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي قاراشنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، YP ھادىسىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەستەن باشقىلارغا يۇقتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. كېنىيەدە 19 ياشلىق بىر ئايال ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن 300 ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 2000 غا يەتكۈزۈش ئىكەن. بۇلتۇر «ئەنگلىيەدىكى ئاشۇ ئىشلار» پىروگىراممىسى بىر ھەقىقىي ئىشنى خەۋەر قىلدى، ئەنگلىيەدىكى 26 ياشلىق ھەمجىنىس ئەر ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ھەمراھىنى HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغاندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە غالجىرلىق بىلەن يەنە 10 ئەرگە يۇقتۇرغان. مۇنداق ئىشلار ھېلىھەم ئۈزۈلمەي يۈز بېرىۋاتىدۇ.

 

بۇلارنى سۆزلىشىمدىكى مەقسەت ھەرگىز كۆپچىلىكىنى ئەيدىز بىمارلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار دېگىنىم ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن يامان نىيەتتە جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مۇشۇ توپنىڭ بىر قىسمى. مەن كۆپچىلىكنى تۇرمۇشتا ئېھتىيات قىلشنى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قوغداشنى ئاگاھلاندۇرىمەن. قارىماققا ئىنتايىن يىراقتەك قىلغان ئاشۇ خەۋپ راستىنلا يېنىمىزدا يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئويلاپ قالىمىز، نېمە ئۈچۈن بۇ بىر قىسىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىيەتتىن غالجىرلىق بىلەن ئۆچ ئالىدۇ؟ چۈنكى جەمئىيەت ۋە كۆپچىلىكىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىدىن قورقۇش ۋە ئۇلارنى كەمسىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە ھەممە كېسەلگە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ، دەرۋەقە بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرىغا ئانىسىدىن، يۈرىۋاتقان يىگىتى ياكى لايىقىدىن، داۋالىنىش جەريانىدا قان سېلىشتىن يۇققان بولۇشى مۇمكىن. 

 

ئەمدى كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىرقانچە نۇقتىنى ئېيتىپ بېرەي:

1. ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، قۇچاقلاشسا ھەتتە سۆيۈشسە ئاساسىي جەھەتتىن يۇقمايدۇ. سىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا، قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت 3 خىل يول بىلەن يۇقىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى ساۋاقدىشىڭىز، خىزمەتدىشىڭىزدىن قورقۇشىڭىزنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق، ھەتتا ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشسىڭىز، بىرلىكتە تاماق يەپ قەھۋە ئىچسىڭىز، ئۇلار بىلەن خاتىرجەم دوست بولۇپ ئۆتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

2. ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە چوقۇم يۇقۇپ قېلىشى ناتايىن.

بەدەندىكى ۋىرۇس مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە ياكى قارشى تەرەپنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرگەندىلا يۇقىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، قارشى تەرەپ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، لېكىن بەدەندىكى ۋىرۇس يۇقۇملىنىش چېكى ئىچىدە كونترول قىلىنغان بولسا، قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ يۇقمايدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىز تەلەي سىناپ بېقىش مەقسىتىدە قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.

ئۆزىنى قوغداشتا ئەسقاتىدىغان بىرقانچە ئۇسۇل:

1. قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تولۇق بىلمىگەن ئەھۋالدا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، چوقۇم گاندون ئىشلىتىشنى ئۇنۇتماڭ.

2. ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە قەغىزىنى سېتىۋېلىڭ.

3. تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى چوقۇم قىلىڭ.

4. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر