• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 


تېڭشۈن ئۈندىدار سالونى خەۋىرى: 

ھازىرقى جەمئىيەتتە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك چوڭقۇر ئەمەس، ئەيدىز كېسىلىدىن قورقىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. مەسىلەن: ئاممىۋى سورۇنلاردا ناتونۇش كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كەتكەن ياكى تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن ۋاقىت، تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە باشقىلار قولىنى يۇيغان سۇ چاچراپ كەتكەن ۋاقىت، ئەيدىز بىمارى بىلەن بىللە تاماق يېگەن ۋاقىت، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنىغا تېگىپ كەتكەن ۋاقىت قاتارلىقلار. مۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئۆزىنىڭ بەدىنى خۇددى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندەك ھېس قىلغاچقا، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يولى ئۈچ خىل: جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش، قاندىن يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. ئەمدى بىز ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

1. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە؟

1) ئەيدىز كېسىلىنىڭ تېببىي ساھەدىكى تولۇق نامى بولسا ئىنسانلاردىكى ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى (ئىنگىلىزچە قىسقارتىپ يېزىلىشى HIV)، بۇ نام ۋىرۇسنىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم CD4T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بەدەندىكى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى − يەنى بىزنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى ئىنتايىن ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.

 

2) ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەملەر ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ (تېببى ساھەدە ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندا كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ، ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى AIDS). تېببى ساھەدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 7~10 يىلغىچە بولغان يوشۇرۇن مەزگىلىدىن كېيىن، كېسەللىك قوزغىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئەيدىز بىمارى دېيىلىدۇ.

3) ھازىرغىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى يوق ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىغانلىقتىن، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. لېكىن مۇۋاپىق داۋالانسا ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

2. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

گەرچە ھازىر تېببى ئىلىم بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش يەنىلا بىر خىل مۈشكۈل ئىش بولماقتا. ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش پىرىنسىپى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىگە ئۆزى ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكشۈرىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

1) ئەيدىز كېسىلىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدىماقچى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە قەغىزىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە قەغىزى ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە ئەيدىز كېسىلى بار ياكى يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بىلەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا تەجرىبە قەغىزى سېتىۋالغاندا چوقۇم مۇنتىزىم دورىخانا ياكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدىن سېتىۋېلىش، تەجرىبە قەغىزى لاياقەتسىز بولغانلىقتىن خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قېلىپ، ئۆزىڭىزگە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

2) ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك خەۋپلىك قىلمىشلىرىڭىز بار-يوقلىقىغا قاراڭ: جىنسىي تۇرمۇش بىرقەدەر قالايمىقان بولۇش، ھەمجىنىسلىق، زەھەر چېكىش ياكى باشقىلار بىلەن شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئوكۇل يىڭنىسى ياكى قاندا ياسالغان بويۇملاردىن يۇقۇملىنىش تارىخىنىڭ بار-يوقلىقى، ئانىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىمارى ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلار.


3) ئەگەر خەۋپلىك قىلمىش بار ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئەھۋال كۆرۈلسە قاتتىق ھوشيار بولۇش كېرەك: يېقىنقى مەزگىلدە بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز %10 دىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىش، ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش ياكى يۆتەل بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىش، ئۇدا ياكى ئارىلاپ قىزىش ۋاقتى بىر ئايدىن ئېشىپ كېتىش، بەدەندىكى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدىغان لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، بەلباغسىمان قاپارتما قايتا-قايتا پەيدا بولۇش ياكى ئاستا خاراكتېرلىك تارقىلىشچان ئاددىي قوقاق بىلەن يۇقۇملىنىش، ئېغىز-يۇتقۇنچاق تەسۋىسىمان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش.

4) قان ئېلىپ تەكشۈرتكەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئازايسا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈيدۈك تەكشۈرۈشتە ئاقسىللىق سۈيدۈك پەيدا بولغان بولىدۇ.

5) دوختۇرخانىغا بېرىپ HIV-1 ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى قىلغاندا، ELISA ئۆلچەش ئۇسۇلى نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىم مۇسپىي بولۇپ چىققانلار قايتا WB ئۇسۇلىدا تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

6) قان، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە ۋە مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدىن ئەگەر ئادەم ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ چىققىلى بولسا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر