ئەيدىز بىمارلىرى جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈشى كېرەك

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ئۈچۈن

سۇلتان مەقسەت


- ئەيدىز ئاتلىق بۇ نىجىس كېسەل بىلەن يۇقۇملانغىنىمغا يەتتە يىل بولۇپ قالدى، دەسلەپتە كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە شۇنچىلىك تەستە ئۆتكەن. شۇ كۈنلەردە دوختۇرخانىغا بارغاندا باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باش چۆكۈرۈپ ماڭاتتىم، دوختۇر بىلەنلا كۆرۈشۈپلا قايتاتتىم، بىراق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يېرىم يىلدا بەدەن ئېغىرلىقىم ئون كېلوگىرام ئاشتى، روھىي كەيپىياتىم نورماللاشتى، خىزمىتىم جايىدا، سالامەتلىكىممۇ يامان ئەمەس. بۇ جەرياندا مېنى خوتۇنۇم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللاپ، ياشاش ئۈمىدىمنى نۇرلاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكىم بۇرۇنقىدەك بولمايدىغىنى ئېنىق، ئەمما مەن قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشايمەن، بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئاتىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن ھەم كېيىنكى ئۆمرۈمنى ياخشى ئۆتكۈزىمەن...- دېدى مەن زىيارەت قىلغان بىر ئەيدىز ئاغرىقى. شۇنداق، ئۇ دەسلەپتە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلغان، شۇڭا غايەت زور روھى بېسىم ۋە ئازاپقا دۇچار بولغان؛ تۇرمۇشتا باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،ئۇلارغا ئەيدىز ئاغرىقى ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشقان. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممە ئەيدىز ئاغرىقىدا بولىدىغان روھى ھالەت، ئەمما ئۇلار نېمىشقا بۇنداق ئەنسىزلىكتە ياشايدۇ؟

ئەسلىدە ئەيدىز ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تارقالغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەيدىز يامان ئاتاققا قالغان، شۇڭا ھەممە ئادەم ساقايماس كېسەل ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ياشىغان، ھەتتا كىشىلەردە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى ئارىغا ئالمايدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەچكە، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، باشقىلاردىن تەبىئىي ھالدا قاچىدىغان، چۈشكۈنلىشىپ ياشىغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان؛ دېمىسىمۇ شۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان تېخنىكا ۋە دورا يوق ئىدى، شۇڭا ئەيدىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ساقايماس كېسەلگە ئايلىنىپ قالغان.

دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز 1981-يىلى، مەملىكىتىمىزدە 1985-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1995-يىلى بايقالغان، بىراق ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ئاغرىقىنى داۋالاش 2004-يىلى ئەمەلگە ئاشقان، دېمەك، ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا ئۇنى داۋالايدىغان دورا بولمىغاچقا، ئەيدىز ئاغرىقلىرى بىئەجەل ئۆلۈپ كېتەتتى. بۇ كەچمىش كىشىلەرنىڭ يادىدا ھېلىھەم بولغاچقا، ئەيدىز ئاغرىقلىرى چەتكە قېقىلىشقا دۇچار بولغان. ئەمما ھازىر ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋىرۇسقا قارشى داۋالانسا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى باشقىلاردەك نورمال ياشىيالايدۇ. شۇنداقتىمۇ ھازىر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلىدىغانلاردا داۋالاشقا ئىشەنمەيدىغان ياكى داۋالاشقا ماسلاشمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولغاچقا، داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس؛ شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت كونا تونۇش سەۋەبىدىن ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۆزىدىن نومۇس قىلىدىغان، خۈدۈكسىرەيدىغان، ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولىدىغان ئەھۋال تېخى تۈگىگىنى يوق.

مانا بۇ جەمئىيەتتە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى كەمسىتىش چۈشەنچىسىنىڭ يوقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب، بۇ قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ساغلام چاغلىرىدا بۇ كېسەلگە باشقىچە قاراشتا بولغانلىقى تىرەك بولغان. بۇنىڭدىن ئايانكى، جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن قانداق قاراش مەۋجۇت بولسا، شەخسمۇ شۇنداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ئاغرىقلىرى بۇ كېسەلدىن قورقماي، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختى ھەم خوشاللىقىنى تېپىشقا تىرىشسا، جەمئىيەتتە توغرا تونۇش پەيدا قىلىپ، كىشىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزەلىگەن بولاتتى.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر