• يېڭى ماقالىلەر

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى تىپتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


تېڭشۈن ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ھايۋانات تېنىدە سىناق قىلىش ئارقىلىق، بۇ دورىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى. 26-ئاپرېل شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئورگان تورىدا، مەزكۇر مەكتەپ مىكرو ئورگانىزملار فاكۇلىتېتى ئەيدىز تەتقىقات ئورنى يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلدى. ھايۋانات تېنىدە سىناق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئانتىتېلانىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقى ھەمدە چاشقان تېنىدىكى يوشۇرۇن ياللۇغلارنىڭ بىر قىسمىنى تازىلاپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىر بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيا جانلىقلار مېدىتسىنا ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «كلىنىكىلىق تەتقىقات ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان.

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنىڭ تۆھپىسى بىر خىل ئارقىمۇئارقا ئۇلانغان قوش قىممەتكە ئىگە كەڭ سپېكتر تەركىبىدىكى ئانتىتېلاغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ ئانتىتېلانى «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش» ئۈنۈمىگە ئىگە دېيىشكە بولىدىكەن، ئۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئالاھىدە ھالەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە بىلەن بىرلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇنداق بولغاندا باشقا ھۈجەيرىلەرنى داۋاملىق ياللۇغلىنىشتىن قوغداپ قالالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى نېيتىراللاشتۇرالايدىكەن، ھايۋانات بەدىنىدىكى سىناقتىن، تاشقى مەنبەلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان چاشقاننىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى تامامەن قوغداپ قالالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. 

 

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى لى جياچېڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەيدىز تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور چېن جىۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ تەتقىقاتتا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان يېڭى تىپتىكى ئانتىتېلا كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنى يېڭى نەزىرىيە ۋە ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز بىمارلىرىنى پۈتۈنلەي ساقايتالايدىغان دورىلارمۇ پات يېقىندا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

 

ئەيدىز كېسلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم بايقىلىپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يەنىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان بىر خىل كېسەل بولۇپ كەلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 40 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھازىر ئەيدىز كېسلى بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئادەم 37 مىليون. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قارىتىلغان، شۇڭا دورا قاتارلىق كلىنىكىلىق ۋاستە بىلەن ئۇنى پۈتۈنلەي ئادەم بەدىنىدىن چىقىرىپ تاشلاش قىيىن. يەنە كېلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە ئىنتايىن يۇقىرى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە، كۆرىنەرلىك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئەھۋالى پەيدا بولۇپلا قالسا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتە، ئۈنۈملۈك ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.

 

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغۇچى تەخمىنەن 700 مىڭ بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن قازا قىلغانلار تەخمىنەن 220 مىڭغا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش دورىسى ئۈچۈن سالغان مەبلىغى تەخمىنەن 150 مىليون يۈەنگە يەتكەن، گەرچە بۇ سان پۈتۈن دۇنياغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ يىللاردا كۆرىنەرلىك كۆپەيدى. يەنە كېلىپ ئېلىمىزدە ھازىر بار بولغان ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن دورىلار ئىنتايىن ئاز، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىمپورت قىلىنىدۇ، توشۇش ۋە تاموژنا باج خىراجىتىمۇ ئىنتايىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىز ئالىمى خې دايۈ 1996-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «كوكتېيل ھارىقى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» ھازىرقى ئەيدىز كېسىلىنى ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، بۇ ئۇسۇلدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ھازىر مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالانغان بىمارلار ئىچىدە، خېلى نۇرغۇنلىرى 70 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈپ، ياشانغاندىكى تۇرمۇش سۈپىتىمۇ خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر