• يېڭى ماقالىلەر

دورىدىن باشقا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CD4 ھۈجەيرىسى بولسا ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ چارلىغۇچى ئەسكىرى بولۇپ، HIV ۋىرۇسى بولسا CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىنى ئاسانلا باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.

 

 

بىر ئادەم HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۆزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھېس قىلمايدۇ، قارىماققا نورمال ئادەملەر بىلەن پەرقسىز كۆرۈنۈشى مۇمكىن. لېكىن ۋىرۇس ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئاسانلا باشقا كېسەللىكلەرگىمۇ گىرىپتار بولىدۇ، مەسىلەن پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە قاتارلىقلار.


CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچتۇر. ئەگەر CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى 400~500 ئەتراپىدا كونترول قىلغىلى بولسا، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش دېگۈدەك بولىدۇ. ئەگەر CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 200دىن تۆۋەن بولسا، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ياش، CD4 نىڭ سەۋىيىسىنى داۋالاشقا باشلىغان ۋاقىت، دورا ئىچىش ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى CD4نىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. كۆپ قىسىم بىمارلار داۋالىنىپ 5يىلدىن كېيىن، CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 400~500گە يېتىدۇ. دورا ئىچىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگىلى  بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سەۋرچان بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك.


دورا ئىچىشتىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان باشقا چارىلەرمۇ بار.


تۆت خىل چارە ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

1. ئۇخلاش ئەڭ ئاددىي چارىدۇر.


ئۇيقۇ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇتەخەسىسلەر «ئۆزلۈك ئۇيقۇ» تەجرىبىسى ئارقىلىق شۇنى بايقايدۇكى، ياخشى ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىككى خىل لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ. كىلىنكلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنى مۇرامىك كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيقۇ ئېلېمېنتى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئېلېمېنت ئاق قان دانچىلىرىنى كۆپەيتىپ، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنى جانلاندۇرىدۇ، جىگەرنىڭ زەھەر پارچىلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەنگە ھۇجۇم قىلغان ۋىرۇس ۋە كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى يوقىتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاشمايدۇ:


ئىنسان ھاياتىنىڭ 1/3 قىسمى ئۇيقۇدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. ساغلام ئوزۇقلىنىش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


ساغلام ئوزۇقلىنىشتىن باشقا يەنە سۇنىمۇ كۆپ ئىچىپ بېرىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، كۆپرەك ئارام ئېلىش كېرەك؛ تاتلىق-تۈرۈمنى ئىلاجنىڭ بېرىچە ئازراق ئىستېمال قىلىش، مايلىق تاماق يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاقسىل، ۋىتامىن A ۋە C قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك.

3. تۆۋەندىكى يەتتە خىل ھەرىكەت ئاددىي ھەم مۇۋاپىق.


تېز قەدەملەپ مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، پەي توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسپىت ھەيدەش، تىك-تاك توپ، يوگا گۇمپىسى قاتارلىقلار. كۈنىگە 30 مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە، ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە بەش كۈن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

4. ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش.


ئۈمىدۋار كەيپىيات ئادەم بەدىنىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كۈچلۈك ئىجتىمائىي بېسىم ئادەملەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قارشى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۈمىدۋار كەيپىيات ساغلام بەدەننى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر