• يېڭى ماقالىلەر

ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش كېچىكتۈرۈلسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بەزىلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما بەدىنىدە ئالاھىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەم بىئارام قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك داۋالانغۇسى كەلمەيدۇ، دائىم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى ئويلىشىدۇ. بۇ خىل قاراش تۈپتىن خاتا. چۈنكى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكسە، ھەتتا داۋالىنىش تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن باشلانسا تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

(1) داۋالاشتىن كېيىنكى ئىممۇنىتېتنى قايتا قۇرۇشتا ياللۇغ يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش كۆپىنچە مۇمكىن بولماي قالىدۇ.  

(2) دورىلارنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ.  

(3) دورىغا بولغان چىدامچانلىق تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئىتائەتچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ناچار دورىغا چىداملىق بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ.  

(4) پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش دورىلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى كۈچەيتىپ، دورا ئىشلىتىش لايىھەسى تاللاش پۇرسىتىنى ئازايتىۋېتىدۇ.  

(5) ۋىرۇس كۆپ مىقداردا ساقلانغاندا ۋىرۇسنى تېزلىكتە چەكلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ (ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ)، ۋىرۇسنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

(6) ۋىرۇسىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، ساقلىنىش ئامبىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، فۇنكىسيەلىك داۋالاش نەتىجىىسىگە يېتىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. 

(7) بىمارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر