HIV ھۈجەيرىسى ۋىرۇسنىڭ جانلىقلىقى ۋە يوشۇرۇنلۇقىنى كونترول قىلالايدۇ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

غول ھۈجەيرە بىر خىل چەكسىز مۇمكىنچىلىككە ئىگە ھۈجەيرە بولغانلىقتىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئالىملار ئىزچىل ئۇنىڭ قانداق قىلىپ داۋاملىق بۆلۈنىدىغانلىقىنى ياكى ئالاھىدە ھۈجەيرە تىپىغا، مەسىلەن، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسى ياكى مېڭە ھۈجەيرىسى دېگەندەكلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىرىدى.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۆلۈنۈش تەدبىرى بار. ۋىرۇس ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرغاندا ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش ئۈزچاتىنى كونترول قىلىۋېلىپ ھۈجەيرىنىڭ ۋىرۇسنى ھەسسىلەپ كۆچۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ گېنىنى ئۇيقۇ ھالىتىدە تاقاپ قويۇپ ئۇنىڭ باشقا ھۈجەيرىلەرگە يوشۇرۇنۇۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ ئاخىرىدا پۇرسەت تېپىپ ئۆزىنى قوزغىتىدۇ.

 

گىلەد سىتون تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لېيگ ۋېيبېرگېر (Leigh S. Weinberger): «خەتىرى يۇقىرى، پايدىسى كۆپ پايچېك بىلەن خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى ئاز ئامانەت ھېساباتىدا پۇل ساقلاپ تارقاق مەبلەغ سېلىش بازار تەۋرىنىشىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. ئوخشاشلا جانلىقلار دۇنياسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت. ئەيدىز ۋىرۇسى جانلىق ۋىرۇس ۋە ئۇيقۇدىكى ۋىرۇس ئامبىرى قۇرۇش ئارقىلىق مۇقىمسىز مۇھىتقا تاقابىل تۇرىدۇ.

ناۋادا ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ئىككى ھالەت ئارىسىدا خالىغانچە ئالماشسا قانداق قىلىپ بىر خىل ھالەتنى ساقلايدۇ؟

ۋېيبېرگېرنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكىلەر ھازىر بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى ھەمدە جانلىقلارنىڭ سىستېمىسىنىڭ بۇ قارارنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ بايقىشى داڭلىق ئىلىم-پەن ژۇرنىلىرى «Cell»دا ئېلان قىلىندى.


ئەيدىزنى داۋالاش تەدبىرىنىڭ تېخى تەتقىق قىلىنمىغان نىشانى

بۇ تەتقىقاتتا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مەقسىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئۈنۈملۈك جەرياننى ساقلاش ئىكەنلىكى بايقالدى ھەمدە ئالىملارنىڭ ئۇنى تۈزىتىش ئارقىلىق ۋىرۇسقا ئېغىر زەربە بېرەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بايقاشلار يېڭى تىپلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاش تەدبىرى تەرەققىياتىنىڭ بىلىنمىگەن نىشانىنى ئېچىپ بەردى.

ۋېيبېرگېر كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو شۆبە مەكتىپى دورىگەرلىك خىمىيەسى پىروفېسسورى. ئۇ: «قايتىش يولىنى كېسىپ، ئۇلاش بىزگە ۋىرۇسنى داۋالايدىغان ئۆزگىچە ئۇسۇل ئاتا قىلدى. بەزىلەر ئارقىغا سۈرۈلۈش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى <بېكىتىپ> ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپى بەردى. بىراق، بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېنىق ئەمەس» دېدى.

تەتقىقاتچىلار ۋىرۇسنىڭ قايتىش يولىنى كېسىپ، ئۇلاش ۋە «بېكىتىش ۋە توسۇش» داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن ھالەتكە كېلىۋېلىشىنى زور كۈچ بىلەن توستى.

بۇ دەل فۇنكىسىيەلىك داۋالاشنىڭ ئۆلچىمى.

ئاساسىي مېخانىزمنى ئېچىپ بېرىشنىڭ بىئولوگىيەدىكى ئەھمىيىتىمۇ ناھايىتى زور. %20-%10 گېندا تۆۋەن ئۈنۈملۈك كېسىش، كۆچۈرۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل قايتىش يولىنى ئادەتتە ئەڭ كىچىك گېننىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى ئىختىيارىي تەۋرىنىشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەم باشقا جانلىقلارنىڭ مۇقىم ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق تەدبىر بەلگىيەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر