خالىغانچە داۋالىنىشنىڭ خەتىرى چوڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

مەنبە: نۇر تورى


ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بەزى ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنىئۆزى سېتىۋېلىپ ئىشلەتتى، شۇنداقلا بەزىلەر دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدىغان مۇۋاپىق داۋالاش ۋاقتىنى تاللىمىدى؛ بەزى ئاغرىقلار دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆرۈلگەن ياخشىلىنىش ئالامىتىگە ئاساسەن دورىنىڭ ئۈنۈمىگە ھۆكۈم قىلىپ دورىنى ئازايتتى ياكى توختىتىپ قويدى، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمىدى. يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر ياشنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ئۇ داۋالىنىشنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئويلىماي، پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى دەرھال تىزگىنلەشنىلا ئويلىغان، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن داۋالانغاننىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن.

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئىنتايىن مۇرەككەپ، تېخنىكىلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، پەقەت دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئاغرىقنىڭ مۇۋاپىق داۋالىنىش ۋاقتى ۋە دورا يېيىش لايىھەسىنى تاللاش كېرەك. يولغا قويۇلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈچ زۆرۈر ئامىلى ـــ دورا، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىلىك داۋالاش خادىمى. پەقەت بىرلا دورا بىلەن داۋالاش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايىتى تېزلا دورىغا چىدامچانلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋالاش مۇمكىنچىلىكى يوققا چىقىدۇ. ھەربىر خىل دورىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەكس تەسىرى بولىدۇ، تەجرىبىلىك دوختۇر ئاغرىقنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان داۋالاش لايىھەسىنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاغرىقنىڭ دورا ئىچىش ئاكتىپلىقى داۋالاشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئاغرىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بىر باشلاپ كەتسە، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي داۋالاش جەريانىدا نۇرغۇن ئاغرىق دورىنىڭ ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىن دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ».

خەلقئارادا بولۇۋاتقان داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن مەلۇمكى، مۇۋاپىق ھەم توغرا بىرلەشمە دورا ئىشلىتىش ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆمرىنى تەبىئىيلا ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى روشەن ياخشىلايدۇ. ئۆلچەمسىز داۋالاش ئېنىقلا دورىغا تايىنىۋېلىشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاغرىققا نىسبەتەن يېڭى ئازاب، ئەلۋەتتە. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى دەرھال ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق، ئەمما ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالايمىقان داۋالانسا، ئۇزاق ۋاقىت ئىچىلگەن دورىنىڭ زەھىرى تەسىر قىلىدۇ ۋە دورىغا تايىنىش پۇرسىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى، ئالامەتسىز باسقۇچى، ئۈزلۈكسىز لىمفا ئىششىش ۋە كېسەللىك باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئادەتتە ئالامەتسىز باسقۇچىنىڭ ئوتتۇرا-كېيىنكى باسقۇچىدا كارغا كېلىدۇ، ئەمما قاچان داۋالانسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەشتە چوقۇم تەجرىبىلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنماي بولمايدۇ».

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر