• يېڭى ماقالىلەر

«دورا خاراكتېرلىك مۇھەببەت» ھەمجىنسلارنىڭ HIVدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، GBMSM (ئەر ھەمجىنسلار، ئايال ھەمجىنسلار) ئارىسىدا ئەۋج ئالغان «دورا خاراكتېرلىك مۇھەببەت» ئۇلارنى ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە باشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەر بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.

«Chemsex» يەنە «يىغىلىشتىكى ئويناش» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر روھلاندۇرغۇچى دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان بىرىكمە زەھەر ئارقىلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ ھەم خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ دورىلار مۇزسىمان زەھەر، مېتوكسى ئېفېدرىن، كوكايىن، كېتامىن ۋە باشقا ئافېتامىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئەيدىز كېسىلى مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. لوندون سانت جورج ئۇنىۋېرستېتى دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2014-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى جىنسىيەت ساغلاملىقى شىپاخانىسىدىكى 1840 ئادەمنىڭ MSM ئۇچۇرىنى قايتا تەكشۈردى.

«Chemsex»كە قاتناشقانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بەش ھەسسە، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى توققۇز ھەسسە، باشقا جىنسىي كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار «Chemsex»نىڭ ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىغانلىقىنى، چۈنكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىسپىرت قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەرنى ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانماي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە دورىلار كىشىلەرنى ئالاھىدە ئەركىن ھېس قىلدۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سانت جورج ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى ھاۋالە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يازغۇچىسى، دوكتۇر ئاسىل خېگازى (AseelHegazi): «تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان بۇ سانلىق مەلۇمات يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە Chemsex ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى.

GBMSMلەر ئارىسىدا Chemsex مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەندە چوقۇم ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ياكى PrEP قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، زۆرۈر بولغاندا ئاممىنىڭ Chemsexنىڭ يوشۇرۇن ئاقىۋىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىش جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىر خىل دورا يەپ HIVدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئاسان بولۇشى ۋە ئۇچرىشىشلاردا ئىشلىتىشنىڭ كۆپ بولۇشى Chemsexنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتتى.

فىرانسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2016-يىلى «ھازىرقى زامان دورىلار مەسىلىسى» ژۇرنىلىدا (Contemporary Drug Problems Journal) ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دورا خاراكتېرلىك مۇھەببەت يىغىلىشىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئادەم ئىزدەيدىكەن، مەغلۇبىيەتلىك ھېسسىيات مۇناسىۋىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەرلەر زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئازادىلىككە ئېرىشىدىكەن.

باش تەتقىقاتچى رومەين ئامارو (Romain Amaro): «ھېسسىيات مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىنكى ئازاب ۋە يالغۇزلۇق زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلىمىسىز ئىشلىتىشكە سەۋەب بولىدۇ، زەھەر چەككەندىن كېيىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ پەيدا بولغان خىيالىي تۇيغۇ تېخىمۇ كۆپ خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەۋەب بولىدۇ. بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رومانتىك مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئادەمنى تۇرمۇش ۋە روھىي جەھەتتە يۆلەنچۈككە ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە تايىنىشچانلىقى ۋە زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر