ئەيدىز كۆز كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئالتۇن ۋاقىت

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى جەريانىدا %45~%92دىن ئارتۇق بىمارلارنىڭ كۆزى زەخمگە ئۇچراپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشى، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك بولۇش ۋە ھەتتا ئەما بولۇش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بىمار شياۋۋاڭ كۆز بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى بىمارى، كېسەل كۆرسەتكەندىكى ئاساسلىق شىكايىتى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. دوختۇر ئۇنىڭ كۆز تېگىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان. تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن، شياۋۋاڭنىڭ چوڭ ھۈجەيرە كۆرۈش تور پەردىسى ياللۇغى (CMVR)غا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان. دوختۇر شياۋ ۋاڭغا كۆرۈش قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان ھامان ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ئىمكانقەدەر نۆۋەتتىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

شياۋۋاڭ بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان، كېيىنكى تۇرمۇشىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن.

بىمار شياۋلى ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ياتاقتا ياتقۇزۇلۇپ داۋالانغان، كۆز بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى بىمارى كېسەل كۆرسەتكەندە ھېچقانداق بىئاراملىق بولمىغان. دوختۇر ئوخشاشلا OCT، كۆز تېگىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان. تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن، شياۋلىنىڭمۇ ئوخشاشلا چوڭ ھۈجەيرە كۆرۈش تور پەردىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان، پەقەت كېسەللىك ئۆزگىرىش دائىرىسى تېخى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ھازىرچە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەڭ سەزگۈر ئورنى، يەنى سېرىق داغقا تەسىر قىلمىغان. دوختۇر دەرھال مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرى قوللىنىپ، كېسەللىكنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسىنى كونترول قىلغان ھەمدە سەللىمازا ساقايغان، ھازىر شياۋلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تۇرمۇشىدا بۇرۇنقىدىن ھېچقانداق پەرق يوق، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى مەمنۇن بولغان.

ئوخشاش ئىككى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور پەرق بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شياۋلى كۆز كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويمىغان، شياۋۋاڭ بولسا دەل ئەكسىچە بولغان.

ئەيدىز كۆز كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئالتۇن ۋاقىت.

(1) ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان، ۋاقتىدا كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش لازىم؛

(2) CD4> 200个/µL بولسا، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم، ھەر يىلدا تەكرار تەكشۈرتۈش لازىم؛

CD4≤ 200个/µL بولسا، ھەر بىر پەسىلدە بىر قېتىم، ھەر يېرىم يىلدا تەكرار تەكشۈرتۈش لازىم.

(3) ئەگەر كۆز كېسىلى بايقالغان ھامان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش؛

(4) دەسلەپتە ئەيدىزگە قارشى دورا ئىشلىتىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، دورا ئىشلىتىپ بىر، ئىككى ھەپتە، ئىككى، ئۈچ ئايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەكرار تەكشۈرتۈش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر