ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان دورىغا چىدامچانلىق مەسىلىلىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ۇر تورى تەرجىمىسى:

دائىم كۆرۈلىدىغان ئىغۋا:

X 1. داۋالانمىسا دورىغا چىدامچانلىقى بولمايدۇ.

X 2. بىرلا دورىغا چىدامچانلىق كۆرۈلسە بارلىق داۋالاش مەغلۇپ بولىدۇ.

 

گەرچە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى HIVنى كونترول قىلىشقا ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا زر دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دورىغا چىدامچانلىق مەسىلىسىدە يەنىلا نۇرغۇن ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلماقتا.

1. داۋالىنىشنى باشلىمىغان بولسا دورىغا چىدامچانلىقمۇ بولمامدۇ؟

دورىغا چىدامچانلىق يۇقىدۇ! بىرلەمچى دورىغا چىدامچانلىق ئەزەلدىن داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ بىر خىل ياكى كۆپ خىل VIHغا قارشى دورىلارغا چىداملىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە دورىغا چىدامچانلىقنى HIVنىڭ تارقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.

2. بىر خىل دورىغا چىدامچانلىق كۆرۈلسە بارلىق داۋالاش مەغلۇپ بولغان ھېسابلىنامدۇ؟بىر خىل ۋىرۇس تۈپىگە ئىگە دورىغا چىدامچانلىق كۆرۈلسە داۋالاشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ھازىرقى داۋالاش لايىھىسى ئادەتتە ئۈچ خىل دورىدىن تەركىب تاپقان، ھەر بىر خىل دورىدا كۆپ خىل ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر مەلۇم بىر خىل دورا HIV نىڭ ھۈجەيرىسىدىكى مەلۇم ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلالمىسا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى يەنە بىر خىل ياكى ئىككى خىل ئۈنۈم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.

 

3. گىرەلەشمە دورىغا چىدامچانلىق

تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش HIVنىڭ فېنوتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە، ھەرقانداق دورىغا چىدامچانلىق ئوخشاش تۈردىكى باشقا دورىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ دەل گىرەلەشمە تاقابىلچانلىقتۇر.

 

4. دورىغا چىدامچانلىق توساتتىن پەيدا بولغانمۇ؟

ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئۇزاق مۇددەت تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. گەرچە HIVنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولسىمۇ، لېكىن دورىغا چىدامچانلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرمەيدۇ، بەلكى ئاستا تەرەققىيات جەريانىنىڭ مەھسۇلىدۇر. HIVنىڭ ئىزچىل نۇسخىلىنىشىنىڭ ئاساسىدا، بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ۋىرۇسلاردا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي دورىغا چىدامچانلىق شەكىللىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق مەلۇم دورا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.

5. ئەگەر ھەر ئىككىلا تەرەپتە ۋىرۇس تىزگىنلەش بولمىسا، گاندون ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

بار! HIV ھەر زامان ھەر يەردە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، سۈرئىتىمۇ بەك تېز. ھەر بىر قېتىملىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئالاھىدە ۋىرۇس تۈپى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھەربىر ۋىرۇس تۈپى ئوخشىمىغان تۈردىكى، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى دورىغا چىدامچانلىققا ئىگە. شۇڭا يەنىمۇ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، گاندون ئىشلىتىش ئەڭ ئەۋزەل.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر