جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا تۇغماس بولۇپ قالامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا ئاسانلا مەزى بېزى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
مەزى بېزى يەللىكى كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ناھايىتى مۇرەككەپ، داۋالاش قىيىن كېسەللىك. جىنسىي كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسىدە ئۇچتىن بىر قىسىم ئەرلەرگە مەزى بېزى يەللىكى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. %4 ~ %5 سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى يەللىكى ياكى سۆزنەك كېسەللىكلىرىگە مەزى بېزى يەللىكى ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل سۆزنەك ياكى سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى يەللىكىدىن كېيىن پەيدا بولغان مەزى بېزى يەللىكىنىڭ كۆپىنچىسى سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى ياكى تىراخوما خىلامىدىيەسى ۋەياكى مىكوپىلازمىدىن بىۋاسىتە پەيدا بولماستىن، بەلكى بۇ خىل جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن جىنسىي يول قىسمىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش ياكى يەرلىك ئورۇندىكى باكتېرىيە توپلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بەزى باكتېرىيەلەردىن ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىپ، مەزى بېزى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى مەزى بېزى يەللىكلىرىدىن ھېچقانداق كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى تاپقىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.

جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا تۇغماس بولۇپ قالامدۇ؟
تۇغماسلىق جىنسىي كېسەللىكنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىدىن بىرى. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار سۆزنەك باكتېرىيەسى، تىراخوما خىلامىدىيەسى قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كۆپىنچىسىدە ئۆزىگە بىلىنگۈدەك ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ ياكى پەقەت ئاق خۇن كۆپىيىش، سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش قاتارلىق خاسلىقى بولمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ چاغدا بالىياتقۇ بوينىدىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرىغا ئۆرلەپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە يەللىكى، تۇخۇم نەيچىسى يەللىكى، داس بوشلۇقى قورساق پەردە يەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يەللىنىش نەتىجىسىدە تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇش، چاپلىشىپ، سۇ يىغىلىشلار پەيدا بولۇپ، تۇخۇم نەيچىسى تۇخۇم توشۇيالمايدۇ ياكى تۇخۇم نەيچە سىرتىدا قېلىپ تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ ۋەياكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا كىرەلمەي غەيرىي ئورۇندىكى ھامىلىدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلەر تۇخۇم نەيچىسى يەللىكىنى ۋاقتىدا داۋالىسا تۇغماسلىقنى ساقايتقىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، يەنىلا %50 ئايال تۇغماس بولۇپ قالىدۇ.


سىفلىسقا گىرىپتار بولغان ئاياللارمۇ تۇغماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى مەزگىللىك سىفلىسقا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ تەخمىنەن %20 ى تۇغماس بولۇپ قالىدىكەن.
ئەرلەر سۆزنەك باكتېرىيەلىك ياكى سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى يەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ سۈيدۈك يولىدا تاتۇق پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك يولى تارىيىدۇ يەنە قوشۇمچە ئۇرۇقدان يەللىكى، ئۇرۇق خالتىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئورۇنلاردىكى يەللىك ئىسپېرمىنىڭ ساقلىنىشى، ھايات تۇرۇشى ۋە توشۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاخىرىدا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر