بۇ 10 خىل ئامىل سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


1. تاماكا چېكىش-تاماكىنى كۆپ چەككەندە سۈت بېزى راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
نۇرغۇن پاكىتلار تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن سىستېمىلاردا كېسەللىك ياكى ئۆسمە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا ئاسانلا گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ، تاماكا چېكىشنىڭ ئەمچەككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلار بىردەك ئەمەس.
بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاماكا چېكىدىغان ئاياللاردا ھەيزنىڭ تەبىئىي كېسىلىشى بالدۇر، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى تۆۋەنرەك ھەمدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا تاماكا چېكىش سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە باشقا مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاماكا چېكىش ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى، بولۇپمۇ ياشلىق مەزگىلى بىلەن ھەيز كېسىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن ھەمدە تاماكا چېكىش سانى، يىلى ئاشقانسېرى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدىكەن. تاماكىنىڭ ئانىلىق ھورمۇنغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى سۈت نەيچىسى ئېپىتېلىيىسىگە كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك تەسىردىن ئاز بولغاندا، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تاماكىنى پاسسىپ چېكىش سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىشتىكى خەتەرلىك ئامىل. پاسسىپ چېكىلگەن تاماكا ئىسىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى، ئاممونىي نىترات، بېنزوپېرىن قاتارلىقلار راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلاردۇر.
2. ھاراق ئىچىش- كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ئاسان سۈت بېزى راكى پەيدا قىلىدۇ
    1977-يىلى ۋىليامىس ھاراق ئىچىشنىڭ سۈت بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇش ئېھتىمالىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئىچكەن ھاراقنىڭ مىقدارى بىلەن ھاراق ئىچكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بولۇپمۇ باشقا خەتەرلىك ئامىللار بىللە كەلگەندە، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلاندى. بۈگۈنكى دۇنيادا ھاراق مەدەنىيىتى جىنستىن ھالقىپ كەتتى، نۇرغۇن ئاياللار ھاراقنى جىق ئىچىدۇ. بۇ سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىكى بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
3. يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرى - ماي تەركىبى كۆپ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش ئاسانلا سۈت بېزى راكى پەيدا قىلىدۇ.
ھەرقايسى ئەللەردىكى سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ، بۇنى پۈتۈنلەي ئىرسىيەت ئامىلى ياكى ھومون تەسىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ( ياكى تاماق قۇرۇلمىسى ) ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيەسى سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئاسىيا، ئافرىقىدا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ، بۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ غەربلىشىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. سۈت بېزى راكىنى « بايلار كېسىلى » دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر، ھايۋانات ئاقسىلى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، تالالىق ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئامېرىكا سۈت بېزى راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ياپونىيەدە بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن، ياپونىيەلىكلەر ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمىكىنىڭ غەربلىشىشىگە ئەگىشىپ، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ تەدرىجىي ئۆرلىگەن.
يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ھەيز بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك ئۆسۈپ يېتىلىشنى تېزلىتىپ، بالدۇر ياشلىق دەۋرىگە كىرگۈزۈپ، تۇنجى ھەيز كۆرۈش يېشىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ھەيز كېسىلىش يېشىنى كەينىگە سۈرۈپ قويىدۇ.
لېكىن، بەزى تەتقىقاتلاردا ئوزۇقلىنىش بىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، دەيدىغان قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سۈت بېزى راكى نۇرغۇن راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ ئامىللار ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا بار بولۇپ، ئەگەر 50 ياشتىن ئاشقاندا ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتسە، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن.
4. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش- سەمرىپ كەتكەن ئاياللار ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
ئانىلىق ھورمۇن بەدەندىكى ياغ كىسلاتاسىدىن پەيدا بولىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سېمىز ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. سېمىز ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تۇنجى ھەيزنىڭ كېلىشى بالدۇر، ھەيزنىڭ كېسىلىشى كېيىن بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ياشلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولغان قىزلارنىڭ كەلگۈسىدە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.
ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن سەمرىپ كەتسە، تۇخۇمدان سىرتىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ( ئاساسلىقى بۆرەك ئۈستى بېزىدە بىرىكىدۇ ۋە ئاجرىلىپ چىقىدۇ ) نىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.
5.  رادىياتسىيە- رادىيوئاكتىپ نۇرنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلار ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
ياپونىيەدە ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندىن كېيىن ھايات قالغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، كۆكرىكىنى كۆپ قېتىم رېنتىگېندە تەكشۈرتكەن ئاياللارنىڭمۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئۆرلەپ كەتكەن. ئادەتتە ياشلىق مەزگىلى يېتىلىۋاتقان سۈت بېزى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىدىغان ھەرىكەتچان مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا رادىياتسىيەگە سەزگۈر بولىدۇ، 40 ياشتىن كېيىن رادىياتسىيەنىڭ خەتىرى كىچىك بولىدۇ.
رادىياتسىيەنىڭ تەسىرى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار زەخىملىنىدۇ. ئەلۋەتتە، خەتەر رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى بىلەن جۇغلانمىسىدىن كېلىدۇ، ئەگەر كۆكرەكنى ئاندا-ساندا رېنتىگېن ياكى مولىبدېن نىشانلىق رېنتىگېندە رەسىمگە ئالدۇرساق، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولمايدۇ. رادىيوئاكتىپ نۇر ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاشقا كەلسەك، بۇ پەقەت بىر ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى، بۇ چاغدىكى راك كېسىلىنىڭ خەتىرى رادىيوئاكتىپ نۇر ئېلىپ كېلىدىغان زىياندىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.
6. روھىي ئامىل- روھىي بېسىم ئېغىر بولغان ياكى روھىي زەربىگە ئۇچرىغۇچىلار ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
كىلىنىكىلىق خىزمەت جەريانىدا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئازار يېگەنلىكىنى ياكى باشقا تۇغقانلىرىنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىشى، ئاجرىشىپ كېتىش، ئائىلىدە چىقىشالماسلىق، خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولماسلىق، بېسىم ئېشىپ كېتىش، ھەتتا تۇيۇقسىز خۇشال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقىدۇق. 1984-يىلى چەت ئەلنىڭ بىر تەتقىقاتىدا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان %41 بىمارلارنىڭ ئاساسەن تۇرمۇشتىكى بېسىم تۈپەيلىدىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنداق چەكتىن ئاشقان روھىي بېسىم ياكى زەخىم بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ مۇۋازىنىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ. بۇ ئۇيقۇسىزلىق، چارچاش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا دىياگنوز قويۇپ داۋالىغانىدۇق. ئېسىمدە قېلىشچە، بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان 30 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايالدىن كېسەللىك تارىخىنى سوراش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئەسلىدە بەختلىك بىر ئائىلىسى بارلىقىنى، بىر يىل ئىلگىرى ئېرىنىڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى، ھازىر ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمچىكىدە ئىششىق پەيدا بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالانماي، كېچىكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۇق.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئېغىر دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرىغان ۋە تۇرمۇشىتا ئېغىر روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان ئاياللاردا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ دەرىجىسى 3.2 بولىدىكەن. ئەگەر بۇنداق بېسىمنى دەرھال يېنىكلەتمىسە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش، يۆتكىلىش خەتىرى يەنە ئاشىدىكەن.

7.يۇقۇملىنىش ئامىلى- بەزى يۇقۇملىنىشلار راكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ سۈتىدە ئەۋلادىغا قالىدىغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا- چاشقان سۈت بېزى راكى ۋىرۇسى بولىدىكەن. ئادەمنىڭ سۈت بېزى راكى توقۇلمىلىرىدىمۇ EB ۋىرۇسى ياكى ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، يۇقۇملىنىش سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ياكى سۈت بېزى راكىنىڭ توقۇلىلىرى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھازىرچە تېخى بېكىتىلمىدى.
8. مۇھىت بۇلغىنىشتىن- كۆپلىگەن بۇلغانمىلار راكنى پەيدا قىلىدۇ.
تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا كۆپلىگەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار مەۋجۇت. مەسىلەن، ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىلىرى دېگەندەك دانىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ، داۋاملىق DDT قاتارلىق دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىمىيەلىك ماددىلار بەدەندە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ قالسا راكنى پەيدا قىلىدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،  ياكى باشقا خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشتىن پەيدا بولغان ھاسىلاتلىرى بەدەندە « ئاجىز ئانىلىق ھومون » غا ئوخشاش رول ئويناپ، ئەمچەك توقۇلمىلىرىنى غىدىقلايدىكەن ھەمدە سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدىكەن.
9. تاشىقى مەنبەلىك ھورمۇن- تاشقى مەنبەلىك ئاياللىق ھورمۇنىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.
ئاياللىق ھورمۇننىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى رولىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، ئادەتتە بىز ئىچىدىغان تاشقى مەنبەلىك ھورمۇن ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
① ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنىشچە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى روشەن بولىدىكەن. مەسىلەن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دورا يېگەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئاشىدىكەن. لېكىن، ئۇ ئاددىي ھەم ئىشەنچلىك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىدۇر.
② ھورمۇننىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى : ئاياللار ھەيز كېسىلىش باسقۇچىغا كىرگەندە بەدىنىنى ھۆل ئىسسىق قاپلاپ، ئۇيقۇسى قېچىش، كېچىسى ئوغرى تەرلەش، مىجەزى ئوساللىشىش، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش، جىنسىي تەلەپ ئاجىزلاش قاتارلىق كلېماكتىرىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ باسقۇچ ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە بولىدۇ. غەرب ئەللىرىدە 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلاپ كلېماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارغا ئانىلىق ھورمۇن يېگۈزۈپ كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىغان ھەمدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ئانىلىق ھورمۇننى يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ ۋە سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن ھەمدە  دورا يېگەنلەرنىڭ تېرىلىرى پارقىراپ، تېخىمۇ ياش كۆرۈنگەن، ھورمۇننى قىسقا ۋاقىت ( ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە ) يېسە، كېسەللىكنى كونترول قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ ھەم بىخەتەر بولىدۇ. لېكىن، داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيز كۆرۈش ۋاقتىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇزارتقانغا باراۋەر بولىدۇ، شۇنداقلا ھورمۇننىڭ ئەمچەكنى غىدىقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ. تەجرىبىلەرگە قارىغاندا 10 يىلدىن ئارتۇق دورا يېگەنلەرنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %35 ~ %30 گىچە ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىلىق ھورمۇنغا قارشى دورىلاردىن- ( 他莫昔芬 ) تاموكسىفېن سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ، مانا بۇمۇ بىر پايدىلىق ئەھۋال.
ھورمۇننىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ داۋالىنىدىغانلار، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ھەيز كېسىلگەن ئاياللارنىڭ ھورمۇن بىلەن داۋالىنىشى تېخى ئومۇملاشمىدى.
10.  باشقىلار
يۇقىرىدا سۈت بېزى راكىنىڭ كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق. يەنە راكنى پەيدا قىلىدىغان باشقا ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋاقىت ماگنىت مەيدانى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش ( كومپيۇتېر، توكلۇق ئەدىيال، ماگنىتلىق ئوچاق، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، ھەتتا تېلېۋىزور قاتارلىقلار )، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئالاھىدە كەسىپلەر ( توكچى، ماي بوياق ئىشلىتىدىغان سەنئەتكار قاتارلىقلار ) بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ.
ئومۇمەن، سۈت بېزى راكى كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئەمچەكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرغاندىلا، راك كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر