يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالاش رەسمىيىتى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمىغان مېھىر يەتكۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ HIVدىن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش يېشىل تونېلى ۋە 2018-يىللىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتى:

1. ھەقسىز كېسەللىك يۈكلىنىشى: ئېھتىياج بويىچە تۇنجى يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 قېتىم ھەقسىز ۋىرۇس يۈكلىنىش تەكشۈرۈشى قىلدۇرىدۇ، ئىككىنچى يىلى دۆلەتنىڭ ھەقسىز سىياسىتىدىكى قېتىم سانى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛

2. ھەقسىز CD4: تۇنجى يىلى ھەقسىز بەش قېتىم CD4 تەكشۈرتۈشى قىلدۇرىدۇ، ئىككىنچى يىلى دۆلەتنىڭ ھەقسىز سىياسىتىدىكى قېتىم سانى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛

3. پۈتۈن قىممەت بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ: داۋالىنىشتىن ئاۋۋالقى تۇنجى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ ئادەتتىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 800~1200 يۈەن بولىدۇ، پۈتۈنلەي ئاتچوت قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىۋاسىتە ھالدا CD4 تەكشۈرتۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ، تۇنجى قېتىملىق كېسەللىك يۈكلىنىشى ۋە دورىغا چىداملىق تەكشۈرۈش (تەخمىنەن 2000 يۈەن) ھەققىمۇ ئېلىنمايدۇ.

4. داۋالاش ياردەم پۇلى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق، يەنە ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش شەرتى بولمىغان بىمار ئەگەر پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملانغان بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6000 يۈەنلىك داۋالاش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنىدۇ؛

5. ئارام ۋاقتىدىكى ئامبۇلاتورىيە: بەش ئايلىق داۋالاشتىن كېيىنكى تۇراقلىشىش باسقۇچىدىن كېيىن، ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئۈچ ئايلىق دورىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ، تۇراقلىشىش باسقۇچىدىن كېيىن يەنە شەنبە، يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا كېلىپ دورىسىنى ئېلىۋالسا، شۇنداقلا يەنە ئادەتتىكى تەكشۈرتۈش قىلدۇرسا بولىدۇ.

6. يانفون APP: ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسى يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق نومۇر ئېلىش، تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى كۆرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەسىس قىلدى.

7. تېز سۈرئەتلىك تونېل: دۆلەت چېگرىسى بولمىغان مېھىر يەتكۈزۈش تىببىي ئىجتىمائىي خىزمەتكارلىرى ۋە ھەمراھ مەسلىھەت بېرىش خادىملىرى پۈتۈن لىنىيەلىك يېشىل تونېل كۆرسىتىپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ، يەنە بىمارلارنىڭ چېپىپ يۈرۈشىنى ئازايتىپ، مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ.

8. VIP مۇلازىمىتى: 302-دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىز كېسىلى مۇتەخەسىسى جياڭ دوختۇر (يۇقۇملىنىش 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى) ئۆزى كېسەل كۆرۈپ، مەخسۇس ئالاھىدە سالاھىيىتى بولغان بىمارلارغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەخپىي، ھوقۇقلۇق، ئۆچىرەتسىز، بىرگە بىر بولغان داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدۇ.

9. جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش: جامائەت پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى 302-دوختۇرخانىسى دۆلەت چېگراسى بولمىغان مېھىر يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن ھەمكارلىق سۇپىسى ھازىرلاپ، قەرەللىك ھالدا ھەر خىل ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ، پىسخىكا يېتەكچىلىكى، بىرلەشمە دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

10. بالنىتسىدا يېتىش رەسمىيىتى: بېيجىڭغا بېرىپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاتماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن CDC ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغۇچى مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بېيجىڭغا كېلىش كېرەك.

ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمىغان مېھىر يەتكۈزۈش ئىشخانىسى

بېيجىڭ دۆلەت چېگراسى بولمىغان مېھىر يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى

يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش قىززىق لىنىيىسى: 01062225515

نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 15321535515

ئىشخانىنىڭ مېھر-شەپقەت ئىجتىمائىي خىزمەتچىلىرى:

شياۋۋاڭ : 189 1174 9419

شياۋبيەن: 150 1040 6066

ئادرېسى: بەيدۇ خەرىتىسىدىن بېيجىڭ ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى (北京解放军第302医院门诊楼)نى ئىزدەڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر