• يېڭى ماقالىلەر

THE LANCETدا دېيىلگەن ئەيدىز ۋاكسىنىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

​پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 37 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھەريىلى يەنە بىر مىليون 800 مىڭ بىمار قوشۇلۇپ بارىدۇ. گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنى كەشىپ قىلىش ئالىملار ئۈچۈن يەنىلا مۈشكۈل بىر جەڭدۇر.

ئىلگىرى HIV ۋاكسىنىسى سىنىقى دۇنيادىكى بەزى رايونلاردا بايقالغان ئالاھىدە ۋىرۇس تۈپى بىلەنلا چەكلىنەتتى، ھالبۇكى، THE LANCET ژۇرنىلىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: بۇ ۋاكسىنىنىڭ مەقسىتى ھەر خىل ۋىرۇس تۈپىگە قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن تەمىنلەشتۇر.

بىر تۈرلۈك ئىختىيارىي، قوش ئەمالىق (ئارىسالدىلىق)، بەزلەش دورىسى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىش جەريانىدا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئامېرىكا، رىۋاندا، ئۇگاندا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 18~50 ياشقىچە بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ساغلام 393 نەپەر قاتناشقۇچىغا 48 ھەپتە ئىچىدە تۆت قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇپ، %100لىك HIVغا قارشى ئالاھىدە بىرىكمە ئانتىتېلا شەكىللەنگەن. ئالىملار يەنە بىر تۈرلۈك پاراللېل تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، 72 گانگې دەرياسى مايمۇنىغا ۋاكسىنا ئەملىگەن، %67دە ئادەمسىمان مايمۇن ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (يۇقۇملانغان مايمۇندىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان) غا تاقابىل تۇرىدىغان ئانتىتېلا شەكىللەنگەن.

يەنى «MOSAIC» ۋاكسىنىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چەكسىز مىقداردا دېگۈدەك ئەيدىز ۋىرۇس تۈپىگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇپ، بۇ نەتىجىلەر بىر مۇھىم نامايەندىگە ۋەكىللىك قىلغان. لېكىن بىرىنچى ئاپتور خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورى DAN BAROUCHنىڭ دېيىشىچە، گەرچە بۇ ۋاكسىنىلار ئىنسانلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىدىكى ئالاھىدە ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغىيالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار چوقۇم مەزكۇر ۋاكسىنىنىڭ ئىنسانلارنى ئەيدىزدىن ساقلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار كېيىنكى نۆۋەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 2600 نەپەر يۇقۇملىنىش خەۋپى بولغان ئاياللارنى داۋالايدىغان بولۇپ، مەزكۇر ۋاكسىنا 2b نۆۋەتلىك كىلىنكلىق داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا كىرمەكچى.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر