• يېڭى ماقالىلەر

دۇنيادا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سۆزلەش»نىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. كۆپ يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، سانلىق مەلۇمات ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك سانلىق مەلۇمات بىزنىڭ ئېنىق ۋاقىت، كېسىش نۇقتىسىنى بېكىتىشىمىز ۋە ئۆلچىنىشچان نىشاننى بەلگىلىشىمىزگە ھەمدە ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز ئۈچۈن ئىز قوغلاپ ئىلگىرىلەش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشىمىزگە ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يەر شارىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قانچىلىكنى بىلىسىز؟

 
 
 

ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ بولغان ئەيدىزنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى ۋە ئالدىنى ئېلىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ ۋە تەھلىل قىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ئۇچۇر توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى 1996-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە جايلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

2030 - يىلىغا بارغاندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كونكرېت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، توغرا سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ب د ت گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئەيدىز كېسىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى»دىكى «ئاخىرلاشتۇرۇش سىياسەت خىتابنامىسى»دا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان-ئاشۇرمىغانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە.

مەنبە : xjaids

 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر