ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

1. ئەيدىزنى داۋالاش جەريانىدىكى بىمارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى تەدبىرىدۇر. لېكىن WHO نىزامنامىسىنىڭ ساغلاملىققا بەرگەن ئېنىقلىمىسى كېسەل بولماسلىق ۋە ئاجىزلىق بولماسلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارى قاتارلىق ئۈچ جەھەتنىڭ ئوخشاشلا ياخشى ھالەتتە بولۇشىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە پىسخىكىلىق ساغلاملىق HIVدىن يۇقۇملىنىش جەريانىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە، شۇنداقلا يۇقۇملانغۇچىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچىسى. پسىخىكىلىق ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئۈچ «90» نىشانىغا يېتىشتىكى ھالقىلىق ئامىلدۇر. ياشلاردىكى HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا %60تىن ئارتۇقىنىڭ پىسخىكىلىق مەسىلىسى بار.

2. يۈئەن دوختۇرخانىسىنىڭ HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا قاراتقان پىسخىكىلىق تەكشۈرۈشى

يۈئەن دوختۇرخانىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە نۇقتىلىق دوختۇرخانا بىلەن بىرلىشىپ، HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى باھالاپ، شۇنى بايقىدىكى، HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئاسانلا تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق كۆرۈلىدىكەن. تەكشۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، %27.4 يۇقۇملانغۇچى تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، %32.9 يۇقۇملانغۇچى خامۇشلۇق ھالىتىدىكەن. يېشى بىرقەدەر چوڭ، تەربىيە ئېلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئىشسىز، ئائىلىسى ياكى دوستلىرىنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغان، ئۇيقۇ توسالغۇسى، شۇنداقلا  ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلىشىگە قارشى داۋالاش (anti-retroviral therapy, ART) لاھىيىسىنىڭ ئالمىشىش چاستوتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خامۇشلۇقنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن؛ HIVدىن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە تەشۋىشلىنىش كېلىپ چىقىشىنىڭ خەۋپى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.

3. بىمارنىڭ كۈندىلىك داۋالاش داۋامىدا پىسخىكا ساغلاملىق تەرتىپىگە ئارىلىشىش

بىزنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇسشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار پىسخىكا ساغلاملىق ھالىتى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا بىر قەدەر ناچار پىسخىكلىق ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. پىسىخىكا ساغلاملىق مەسىلىسى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇش، بويسۇنۇش خاراكتېرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئىلمىنىڭ كېچىكىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، كىلىنىكىدا HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلار پىسخىكا ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈنۈشىگە موھتاج، شۇنداقلا پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى ۋاقتىدا ئۆز ۋاقتىدايۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىكا كىرىزىسىغا ئارىلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىن كىرىپ يۇقۇملانغۇچىلار تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىشى لازىم. بەزى ئالىملار شۇنى ئوتتۇرىغا قويغانكى، روھى توسالغۇنى داۋالاش ۋە ئۆزئارا ئارىلىشىش جۇغلانما ئېففېكتىغا ئىگە، بۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى باھالاش ۋە داۋالاش تەكلىپىنى بېرىش ئادەتتىكى خىزمەت تەرتىپىدۇر.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر