ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﯘﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ 

 
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ»ﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ-ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ 2018-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ  ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﻯ» ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﻖ, ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ.  ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ-ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻟﻰ ﻓﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯜﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ-ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﮔﻮ ﺷﺎﯞﺧﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «2019-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮪﻪﻡ 2020-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻰ»ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻦ ﺟﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﮪﯧﺴﺎﯞﺍﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ-ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﺪﻯ. 

 
ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ, ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ
ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ, ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ-ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
 ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.  ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ-ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
مەنبە : نۇر تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر