• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز دورىسىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

1. قايسى ئامىللار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟

① دورا ئامىلى: بەزى دورىلار (مەسىلەن، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار، تۇبېركۇليوزغا قارشى دورىلار) ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ دورىلارنى ئىشلەتكەندە قان تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىسىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئاق قان دانچىلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن بولسا، دورا ئالماشتۇرۇش ياكى توختىتىش كېرەك؛

② كېسەللىك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش: تارقىلىشچان زۇكام، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

③ باشقا كېسەللىكلەر: ھەرخىل قان كېسەللىكلىرى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكى، بىر قىسىم خىمىيىلىك ئامىللار، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆسمىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىمىيىلىك داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىپ كەتكەن ئادەمدە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-قول بوشىشىش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، تۆۋەن قىزىتما، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق غەيرىي خاسلىقتىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى زىيادە ئاز بولغان بىماردا يەنە دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولىدۇ، ئۆپكىسى يۇقۇملىنىدۇ ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ياللۇغلىنىدۇ.

ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا باھالىتىش، كېسەللىك سەۋەبىنى ئىزدەش، كېسەل ئالامىتىگە قارىتا داۋالىنىش كېرەك. ئەگەر ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېنىك دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى دورا ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بەزى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئۆرلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا بولىدۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى بىمارلار بولسا، دورىنى ئازايتىش ياكى دورىنى توختىتىش كېرەك.


2. قانداق ئامىللار بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟

ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، قەي قىلىش، ئىچى سۈرۈش، بۆرەكنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، قوشۇلۇپ يۇقۇملىنىش ۋە HIVدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆزى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۆرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولسا بەدەندىكى مېتابولىزىم قالدۇقلىرى نورمال يول ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنالماي، بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ بىنورمال بولۇشى قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلار يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، ئاقسىل ۋە سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلىشى، بۆرەكنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ، بۆرەكنىڭ زەخملىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولغىنى شۇكى، نۇكلىئوسېد تۈرىدىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار (مەسىلەن زىدوۋۇدىن، لامىۋۇدىن قاتارلىقلار) نىڭ كۆپىنچىسى بۆرەكنىڭ مېتابولىزمىنى تېزلىتىدۇ، ئەگەر بۆرەك ئىقتىدارى زەخملەنسە، ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن دورا مىقدارىنى تەڭشەش كېرەك، مۇشۇ سەۋەبتىن بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ.

3. قانداق ئامىللار قان يېغىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟

قان يېغىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار:

① ئېرسىيەت ئامىلى، ئاساسلىقى گېن ئارقىلىق بولىدىغان بىرلەمچى يۇقىرى قان مېيى كېسىلى؛

② ئىككىلەمچى ئىچكى ئاجراتمىدىن بولىدىغان ماددا ئالمىشىش كېسەللىكى ياكى باشقا سىسىتېمىدىكى كېسەللىكلەر، مەسىلەن سېمىزلىك، دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسىنىڭ نورمالسىزلىقى، بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ئالاھىدە دورىلار (بىر قىسىم ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى)؛

③ ناچار تۇرمۇش ئادىتى: چېنىقىش كەمچىل بولۇش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، يۇقىرى قەنتلىك ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر.

قىسقا مۇددەتلىك يۇقىرى قان يېغى كېسىلى ئورگانىزمدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى قان يېغى كېسىلى قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى، قېتىش، تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە قاندىكى ياغنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. دورا ئىشلەتمەي ياخشىلاشتىكى پايدىلىنىش چارىلىرى:

① يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش؛

② بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش: BMI 20~23.9kg/m2؛

③ مۇۋاپىق چېنىقىش: ھەر ھەپتىدە بەش~يەتتە قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئىشلەش.

④ ھاراق ۋە تاماكا تاشلاش.

يۇقىرىقى چارىلەر ئۈنۈم كۆرسەتمىسە، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

4. قانداق ئامىللار قان قەنتىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشىك ئىشلار قايسى؟

دورا ئامىلى، يېمەك-ئىچمەك ئامىلى، كىلىمات ئامىلى، كەيپىيات ئۆزگىرىشى، تاشقى زەخملىنىش، ئوپېراتسىيە، يۇقۇملىنىش، ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار، دىئابېت كېسىلى، دورىغا چىدامچانلىق مىقدارىنىڭ نورمالسىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قان قەنتىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان قەنتى تۆۋەنلەپ كەتسە يۈرەك ئېغىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، ئېچىرقاش، چىرايى تاتىرىش، تىترەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەي قىلىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا بىنورماللىق ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن ئاڭ تۇتۇقلۇقى، روھى پائالىيەت غەيرىلىشىش، پۇت-قولى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، ئېغىر ئۇيقۇغا كېتىش، ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ قان قەنتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى زەخملىنىدۇ. كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك، ئوزۇقلۇق تەكشى بولۇش، قەرەللىك ھالدا قان قەنتىنى تەكشۈرۈش، بىنورماللىق بايقالغان ھامان كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا چارە قىلىش لازىم.

5. قانداق ئامىللار قان پلاستىنكىسىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشىك ئىشلار قايسى؟

قان پلاستىنكىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

① قان پلاستىنكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئازلاپ كېتىش؛

② قان پلاستىنكىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى كۆپىيىش؛

③ قان پلاستىنكىسىنىڭ تارقىلىشى غەيرى بولۇش قاتارلىقلار.

قان پلاستىنكىسى ئازلاپ كەتسە تېرىدە قان نۇقتىلىرى، قان ئۇيۇش داغلىرى، كۆك ئىزى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، يەنە بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش، ئاياللاردا ھەيز مىقدارى كۆپىيىش، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قاناش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى كۆرۈلگەن ھامان ئەستايىدىللىق بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە شۇنىڭغا قارىتا چارە كۆرۈش.

6. قانداق ئامىللار قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشىك ئىشلار قايسى؟

تاماق تاللاش، ۋېگېتارىئانىزم (گۆش يېمەسلىك)، قارىغۇلارچە ئورۇقلاش، ئوزۇقلىنىش ناچار بولۇش، قاناش، بىر يولىلا يۇقۇملىنىش، ئۆسمە ۋە دورا ئامىلى (مەسىلەن ۋىرۇسقا قارشى دورا، تۇبېركۇليوزغا قارشى دورا ) قاتارلىقلار قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كلىنىكىدا چىرايى تاتىرىش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك قوزغىلىش، دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولىشىغا دىققەت قىلىش، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر