ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇم مەنبەسىگە ئايلانغان يۇقۇملانغۇچى ئادەمدىن ساق ئادەمگە يۇقۇپ تارقىلىدۇ. مەلۇم يۇرت-رايوندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىدىن ئىبارەت يۇقۇم مەنبەسى بولمىسا ئەيدىز كېسىلى تارقالمايدۇ. ئەمما، شۇ يۇرت-مەھەللىدىكى كىشىلەردىن باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئۆزىگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ كېلىپ، ئاندىن يېنىدىكىلەرگە ۋە يۇرتىدىكىلەرگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويىدىغان ياكى باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق، ئەيدىزنى بۇ يۇرتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويىدىغان ھالەتتە، ئەيدىز يۇرتلار ھەم ئادەملەر ئارا تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى يول قاتنىشىنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا يوللىرى بىلەن ئىنتايىن راۋانلىقى، قاتناش قوراللىرىنىڭمۇ ئىنتايىن قولايلىق ھەم تېزلىكى، دۆلەت-قىتئەلەردىن ھالقىغان قاتناش ئالاقىسىنىڭ دۇنيانى قاپلىغانلىقى، تۆنۈگۈن يەر شارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئادەمنىڭ بۈگۈن يەر شارىنىڭ بۇ تەرىپىدە پەيدا بولالايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش يول-قوراللىرىدىنمۇ ئۆتە ھالدا راۋان بولۇپ تېزلىشىپ كەتكەن ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى بىلەن، ئادەملەرنىڭ تونۇشۇش، ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ ئىنتايىن قولايلىشىپ كەتكەنلىكى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىمۇ ئادەملەر ئارقىلىق يۇرت-دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئادەملەر ئارا يۇقۇپ تارقىلىپ يۈرىۋاتىدۇ.

 

دېمىسىمۇ، ئەيدىزنىڭ قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، بالىغا ئانىدىن يۇقۇشتىن ئىبارەت تارقىلىش يوللىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئوخشاش بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىرقى، دۆلىتى، ئولتۇراقلاشقان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئوخشاش بولمىغان بىلەن ئەمما جىسمىدا ئېقىۋاتقان، يۈرىكىدە ئايلىنىۋاتقان قىزىل قانلىرى ئوخشايدۇ. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئەر-ئاياللار قايسى ئىرىق، قايسى دۆلەتتىن بولشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاش جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىشىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار-ئانىلارنىڭ ھامىلدار بولۇشى ئوخشاشلا توققۇز ئاي بولۇپ، ئاساسەن ئوخشاش ئېغىرلىق-ئېگىزلىكتىكى بالا تۇغىدۇ. دېمەك، ئادەملەرنىڭ قېنىنىڭ ئۇچرىشىپ-ئارىلىشىپ قېلىشى ئىرىق ياكى دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەر-ئاياللارنىڭ تەبئىي جىنسىي مۇناسىۋىتىمۇ ئىرىق، دۆلەت، مەدەنىيەتنىڭمۇ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت-ئىرىقتىكى ئاياللارمۇ ئوخشاش ھالەت ۋە جەرياندا قوساق كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بالا تۇغۇش يولى-ئۇسۇلىمۇ ئوخشايدۇ، ئانىلار بالىلىرىنى ئوخشاشلا ئېمىتىپ باقىدۇ. دېمەك، ئەيدىزنىڭ دۇنيادىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى يۇقۇش ئەھۋالى ئوخشايدۇ. ئەيدىز يۇقۇش جەھەتتە دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ تەرقى-تۇرقى بىلەن تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى يوق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئەيدىز دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلانغان.

ئەيدىزنىڭ دۇنيادىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى يۇقۇش-تارقىلىشنىڭ گېپىنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ، پەقەت ئادەملەر (چۈنكى ئەيدىز پەقەت دۇنيادىكى ئادەملەر ئارىسىدا يۇقۇپ تارقىلىۋاتىدۇ) ئارىسىدىكى يۇقۇش-تارقىلىش ئۇسۇللىرى توغرىلىق توختىلايلى.

دېمەك، بەزى يۇقۇملانغۇچىلار بىر ئادەمگە يۇقتۇرۇپ قويغان بولسا، بەزى يۇقۇملانغۇچىلار بىرنەچچە ئادەمگە يۇقتۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ ھېچقانداق ئادەمگە يۇقتۇرۇپ قويماي ياشاۋاتقانلارمۇ ئاز بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويسا، بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەھۋالىنى يوشۇرغىنىچە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ يۈرۈشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىي ئىستەكلىرىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋالسا، بەزىلەر جىنسىي سودا قىلىپ يۈرۈپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن. بەزىلەر ئائىلىدىكى ھەمرايىنىڭ يولدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئەر-خوتۇنلارنىڭ نورمال بىللە بولۇشى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. بەزىلەر زەھەر خۇمارىغا قۇل بولۇپ ئىشپىرىسنى تالىشىپ يۈرۈپ ئورتاق ئىشلىتىپ بۇلغانغان قان ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانسا، بەزىلەر داۋالاش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك-لاياقەتسىزلىك بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. بەزى ئانىلار ساغلام قوساق كۆتۈرۈش بىلەن سۈپەتلىك بالا تۇغۇش ئالدىدىكى لاياقەتسىزلىكى سەۋەبلىك بالىسىنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا يۇقۇشىغا سەۋەب بولغۇچى يەنە بىر ئادەمنىڭ توغرا بولمىغان قىلمىشى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئالدىدىكى بىلىمسىزلىكى، ساغلاملىق جەھەتتىكى مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ساپاسىزلىقى دېگەندەك ئەھۋاللار ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئادەم سەۋەبسىزلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ. پەقەت باشقىلاردىن يۇقىدۇ ياكى يۇقتۇرۇۋالىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ توغرا بولمىغان قىلمىشى، ئەيدىزدىن ساقلىنىش پوزىتسىيەسى، باشقىلارغا قىلغان مۇلازىمىتى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر باشقىلار سەۋەبلىك ئۇۋالچىلىققا، زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، بەزىلەر ئۆز قىلمىشىنىڭ دەردىنى، جازاسىنى تارتىدۇ. لېكىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئادەم باشقىلارغا ئىشىنىشتىن ئاۋۋال، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پوزىتسىيەسىگە كېلىشى كېرەك. چۈنكى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ناھايىتى ئېنىق، لېكىن، بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھېچكىم قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى قاراپ بىلەلمەيدۇ. شۇنداقلا بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملىنىپ بولغانلىقىنى تەكشۈرتۈش قىلمىغان ئەھۋالدا بىلەلمەي قالىدۇ، ھەم بەزىلەر جىنسىي ئىستەكلىرى ۋە جىنسىي سودىسى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىدىن يوشۇرىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ئالاقىسىنى باشقۇرۇشى كېرەك.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر