ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كىملەر ئىزدەيدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، ھەرقانداق كېسەل دوختۇرنى ئىزدەيدۇ. ئەكسىچە، ئەيدىز كېسەللىرىنى (يۇقۇمدارلىرىنى) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى (دوختۇرلار) ئىزدەيدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ دوختۇرنى ئىزدىمىگەنلىكى ئاز كېلىپ قالغاندەك، بىر قىسىم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەتچىلىرى (دوختۇرلار) ئىزدىسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغان، تېلېفونىنى ئالمايدىغان، تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋېتىدىغان، ئۆيىگە ئىزدەپ بارسا خاپا بولىدىغان، ھەتتا تىللاپ قوغلايدىغان ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەتچىلىرى سەۋىرچانلىق بىلەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى، كەسپى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشمايۋاتقان قىيىنچىلىق ئالدىدا «نېمە بولساڭ مېنىڭ نېمە كارىم!» دەپ ۋاز كەچمەستىن ئالاقىلىشىپ-ئىزدەپ يۈرۈپ، بەزىلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالىنىشقا قايىل قىلىپ، سالامەتلىكىنى قوغداپ، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم قىلىدۇ. لېكىن، بىر قىسىملىرى خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى نىيىتىگە ئېشەك تەپكەندەك مۇئامىلە قىلىپ، بەغەرەزلىك بىلەن ئۇلارغا چالۋاقايدۇ.

-كېسەل بولسام مەن بولدۇم، سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار! كېسەلنىڭ دەردىنى تارتالماي يۈرگەندە كۆزۈمگە كىرىۋالماڭلار... ساقايمايدىغان كېسەلگە دورا يەڭلەر دەپ مېنى ساراڭ تاپماڭلار! ياشامدىم-ئۆلەمدىم ئۆزەمنىڭ ئىشى! سىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، داۋايىممۇ يوق!...

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان مانا مۇشۇنداق يۇقۇمدارلارمۇ بار. چۈنكى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قانداق روھى ھالەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى دۇچار بولغان ۋىرۇسنىڭ تەرەققىياتىنى ھەم باشقىلارغا قانداق يۇقۇپ قالىدىغانلىقىنى دەماللىققا توغرا چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىشنىڭ ئۇسۇلىنى ھەم ۋىرۇسقا قارشى دورىنىڭ ھەر تەرەپلىمە پايدىسىنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. جۈملىدىن، ئەيدىزنىڭ نامىنىڭ يامان يۇقۇملۇق كېسەل ئىكەنلىكى، شۇڭا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ناھەق كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، ئادەمنىڭ  بىرلا قېتىم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالسا ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغانلىقى، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشتە باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيدىغانلىقى، بەزى ئائىلىدە، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا، خىزمەتداشلار ئارىسىدا، يۇرت-مەھەللىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ئىختىيارسىز ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقى، شۇڭا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچكى-تاشقى روھى بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئوخشاشلا چۈشىنىدۇ.

باشقا يۇقۇمسىز كېسەللەرنى ھەر خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاساسەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى، ھەم بۇنداق كېسەللەرگە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىن-يورۇقلارنىڭ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ جىددىلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېسەل بولغۇچىنى تۇشمۇ-تۇشتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، دوختۇرلارغا يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ كېتىشىدۇ. ئەمما، ئەيدىز كېسەللىرى (يۇقۇمدارلىرى)نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلى (يۇقۇمى) بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالسا، خېلى كۆپ ساندىكىلىرى كېسەل بولغۇچىغا باشقىچە قارايدۇ، قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى سوئال-سوراق قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدۇ، ھەتتا نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. يەنى، ئۇلار يۇقۇمسىز كېسەللەرگە گىرىپتار بولغۇچىغا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆڭۈل بۆلۈش پوزىتسىيەسىنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»تەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆز كېسىلى ئۈچۈن دوختۇرنى ئىزدىمەكتە يوق، بەلكى كېسىلىنى ئائىلىسىدىكىلەردىنمۇ يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، كېسەل بولۇپ قالغۇچى يېنىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىغا يېتىشىگە بەك موھتاج بولىدۇ. ئەمما ئەيدىز كېسىلى (يۇقۇمى) بولغۇچىلار كېسىلىنى ئاشكارىلىيالمىغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېسەلگە كۆڭۈل بۆلۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاقىۋەت، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، يالغۇزلۇقتا دەرد-ئازابىنى باشقىلارغا ئېيتالماي ئىچىنى بوشىتالمىغاچقا، پىسخىك تەڭپۇڭلىقىدا چاتاق چىقىپ روھى بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي تۇرغاندا، ئەيدىز كېسەللىرىنى باشقۇرۇپ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قىلىدىغانلار ئىزدەپ ئالاقىلاشقاندا، «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى» دېگەندەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقىلى ئۇنىماي قالىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەيدىز كېسىلى (يۇقۇمى) بولغۇچى دوختۇرنى ئىزدىمەي، بەلكى دوختۇرلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ئىزدەيدىغان ئالاھىدە ئەھۋال كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەيلى يۇقۇملانغۇچى بولسۇن-بولمىسۇن خېلى كۆپ سانلىق كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، ھەم توغرا بولمىغان يوللاردىن يۇقتۇرىۋالغان دېگەن قاراش كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ قالغان.

ئەيدىز كېسەللىرىگە (يۇقۇمدارلىرىغا) بولغان بۇنداق كۆڭۈل بۆلمەسلىكى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ھەم ئەيدىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى نامايەن بولىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ئەمما، ئەيدىزدەك بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەلگە دۇچار بولغۇچىغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاساسەن كۆڭۈل بۆلەلمەسلىك، چەتكە قېقىش خاھىشى ئۇلارنىڭ ئۆز كېسىلىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالماسلىق ھەم ئالالماسلىق ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەتچىلىرى ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ (يۇقۇمدارلىرىنىڭ) ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ئۇچرايدىغان روھى ھالىتىنى چۈشەنگەچكە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلى مانا مۇشۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغۇچىلاردىن ئىبارەت يۇقۇم مەنبەسى ئارقىلىق، باشقىلارغا قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، بالىغا ئانىدىن دېگەن يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. دېمەك، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن يۇقۇم مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان ئەيدىز كېسەللىرىنى (يۇقۇمدارلىرىنى) ئىزدەپ باشقۇرۇپ، داۋالاپ كۆڭۈل بۆلۈش ياخشى ئىشتۇر. نەتىجىدە بۇنداق ياخشى ئىشلار داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىن، ئەيدىز كېسەللىرى (يۇقۇمدارلىرى) ئۆزلىگىدىن دوختۇرلارنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، ئۆز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق تىزگىنلەشنى ھەم باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر