HIVئىلگىرى قاباھەتلىك، ھازىر داۋالىنىپ، كەلگۈسىدە ساقايغۇسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

2018AIDS يىغىنى گوللاندىيەدە ئېچىلدى، يىغىندا ئەيدىز كېسىىنى داۋالاشقا ئائىت ھەر تەرەپلىمىلىك سەرخىل مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى. ئەيدىزنى مەخسۇس داۋالاش ئەندىزىسىگە قارىتا نادىر نۇتۇقلار سۆزلەندى. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش تارىخىغا نىسبەتەن «HIV ئىلگىرى قاباھەتلىك، ھازىر داۋالىنىپ، كەلگۈسىدە ساقىيىدۇ»دىن ئۈمىد بار ئىدى.

1981-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە، ئەيدىز كېسىلى ساقايماس كېسەل باسقۇچى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنى چۈشەنمەيتتى، يەككە تابلېتلىق دورىلار ئارقىلىق ۋىرۇسنى تىزگىنلىگىلى بولمايتتى، بۇنىڭدىن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ كۆپ كۆرۈلەتتى؛ 1987-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ داۋالاش تەس بولغان باسقۇچى دەپ ئاتالدى، گەرچە كىشىلەر ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىش دەۋرىدىكى ئالاھىدىلىكى... قاتارلىقلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىككىلەمچى دورىغا چىداملىق مەسىلىسى يەنىلا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇزاققىچە كونتروللۇققا ئېرىشتۈرمەيتتى؛ 1996-يىلىدىن ھازىرغىچە داۋالاشقا بولىدىغان باسقۇچى دەپ ئاتالدى، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا ئاز بولمىغان بۆسۈشلەر كۆرۈلدى. ھازىرغىچە HIV بىمارلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى نورمال ئادەملەر بىلەن باراۋەر دېگۈدەك دەرىجىگە يەتتى.

 

ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئالتۇن ئۆلچەم بولغىنىغا 20 يىل بولۇپ قالدى، شۇنداقلا داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ئۇزاققىچە مۇقىم ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى ھەمدە يېڭى بىر ئەۋلاد ماس ئېنزىم داۋالاش لايىھىسىدا دورىغا چىداملىق كۆرۈلمىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ قىبلىنامە تەۋسىيە قىلغان بىر نەچچە خىل ئېنزىم (INSTI) ئاساسىدا بىرىكتۈرۈلگەن ئۈچ بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (B / F / TAF,E/C/F/TAF, DTG + F / TAF ۋە DTG / ABC / 3TC): دەسلەپكى داۋالىنىۋاتقان ۋە ئالماشتۇرۇلغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن، يەنە كېلىپ دورىغا چىداملىق كۆرۈلمىگەن.

دۆلىتىمىز دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى WHOنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ «90-90-90»غا ئىلگىرلەپ، 2012-يىلىدىن باشلاپلا «بايقالسىلا داۋالاش»تەك  ئومۇمىي خادىملارنىڭ داۋالاش تاكتىكىسى يولغا قويدى: بارلىق بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى داۋالاش كېرەك، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھىسى ئەڭ زور دەرىجىدە بارلىق بىمارلارغا ماس كېلىشى كېرەك، ئورۇنسىز چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرت بەك كۆپ بولماسلىقى كېرەك (مەسىلەن ۋىرۇس يۈكلىنىش مىقدارى، CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى قاتارلىقلار)، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىشەنچلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولغان، ئىلغار بىخەتەرلىك ۋە چىدامچانلىققا ئىگە، دورىغا چىداملىق توسۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، ئاددىي دورا ئىچىش ئۇسۇلى ببىلەن تەمىنلەش كېرەك. پۈتۈن يەر شارى ئاللىقاچان ماس ئېنزىم قاتارلىقلار ئۈچ بىرلەشكەن يەككە تابلېتلىق دورا ياساش دەۋرىگە كىردى، يېڭى دورىنىڭ تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالىشى يەنە خەلقئارا بىلەن ماس قەدەم بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارنى مەنپەئەتلەندۈرگۈسى.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر