• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار دائىم چارچاپ ماغدۇرسىزلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ساغلاملىق سالونى خەۋىرى:

 

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇقۇملانغانلىق سەۋەبلىك ئۆزىدە بەدەن ئاجىزلىشىش، ھەرىكەت قىلىشتا قىينىلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، باشقا نەرسىلەرگە قىززىقىشى ئازلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا كۈندۈزى ھالسىزلىنىش، كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرىلىدىغان بولۇپ، خىزمەت، ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىپ، تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 

ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ئىشتىن چۈشكەندە يەنە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ؟

ھارغىنلىق ھېس قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى مۈگدەش، ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تاقەتسىزلىنىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يۇقارقى ھارغىنلىق ئىپادىلىرىمۇ ئېغىرلاپ ماڭىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرىلىدىغان ھارغىنلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار، تۇراقسىز بولۇپ، ھارغىنلىقنىڭ ئالامىتى بىر كۈن ئىچىدە نەچچە قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن چۈشتىن بۇرۇن ئازراق چارچىغان بولسا، چۈشتىن كېيىن چارچاش ئېغىرلاپ كېتىش دېگەندەك. ھارغىنلىق ئالامىتى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچىدا كۆرىلىدىغان بولۇپ، كېسەللىك ئېغىرلاشقانسېرى چارچاشمۇ ئېغىرلاپ بارىدۇ، يەنە تېخى باشقا قوشۇمچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يۇقۇملانغۇچىلاردىكى ھارغىنلىق ئەھۋالىغا قاراپ كېسەللىكنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ، ھارغىنلىق دائىم كۆرىلىدىغان، ھارغىنلىق ئالامىتى ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى تۆۋەن بولىدۇ.

 

ھارغىنلىق ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبى

1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ بەدىنىدە كۈچلۈك بولغان ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن جەڭ قىلىدىغان بولغاچقا، كۆپ مىقداردا ئېنىرگىيە خورىتىدۇ، نەتىجىدە ئاستا-ئاستا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھارغىنلىق ھېس قىلىش بەدەندىكى ۋىرۇس مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر يۇقۇملانغۇچىلار بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى كۆپ بولسا، ئاسانلا ھېرىپ قېلىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش داۋالىشى قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ روھى ھالىتى ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

 

2. داۋالاش ئامىلى.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلاردا ھالسىزلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەكىس تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئالامەتلەر دورا يېيىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئاجىزلايدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇيقۇ ناچارلىشىش، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، قان ئازلىق قاتارلىقلارمۇ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى بولۇپ، بىمارلاردا بۇ خىل ئالامەتلەر ئېغىرلاپ بارغاندا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

 

3. ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئامىلى.

ئادەتتىكى زۇكام بولۇپ قىززىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ، سالامەتلىك ئەسلىگە كېلىۋاتقان ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە ھارغىنلىق ھېس قىلىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، بەزى ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تۇبىركۇلىيۇزى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىمارلاردا ئىنتايىن ئېغىر بولغان ھارغىنلىق پەيدا قىلىدۇ، داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ، ھارغىنلىق ئالامىتى بىر مەزگىل داۋام ئېتىدۇ.

ئىچكى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىمۇ ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم دورا ئىشلىتىدىغان كىشىلەردە، پەسىللىك سەزگۈرلۈك كېسىلى بار كىشىلەردىمۇ ئاسانلا مۈگدەيدىغان، ھارغىنلىق ئالامىتى كۆرىلىدۇ.

 

4. پىسخىكا ئامىلى (ئىنتايىن مۇھىم ئامىل)

خامۇشلۇق بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىققان چارچاشنىڭ مۇناسىۋىتى بەكلا زىچ، چارچاش خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خامۇشلۇق يەنە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەشۋىشلىنىشمۇ چارچاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە يۇقۇملانغۇچىلاردا ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كېچىدە ياخشى ئۇخلىيالماسلىق چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلاردا يۇقاردىكىدەك ئالامەتلەر دائىم كۆرۈلسە، چوقۇم مەسئۇل دوختۇرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى لازىم.

 

چارچاشنى يوقىتىشنىڭ ئاماللىرى

1. يېمەكلىككە دىققەت قىلىش، مەلۇم ۋىتامىن ۋە زەررىچە ئېلمىنىتلار كەم بولسا ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق دائىم كۆرىلىدىغان ئامىل، بەدەن قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقلار تەڭپۇڭ بولسا چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش، ۋاقىت ئاجرىتىپ كەيپىياتىنى تەڭشەش.

3. ھاراق ئىچىدىغانلار چوقۇم مىقدارىنى كونتىرول قىلىش، ھەركۈنى چوقۇم يېتەرلىك سۇ ئىچىش، قەھۋە بىلەن ھاراقنى كۆپ مىقداردا ئىچىشمۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، بەزى دورىلارمۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىدىن باشقا دورىلارنى قالايمىقان يېمەسلىك كېرەك.

4. ئائىلىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە ياكى ئۆزى ئىشىنەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش، كەيپىياتى ناچار چاغدا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ دەردىنى تۆكۈش.

5. ئەيدىز كېىسلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاش.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر