• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشتە دائىم كۆرىلىدىغان سەككىز مەسىلە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ساغلاملىق سالونى خەۋىرى:

ۋاقتىدا، بەلگىلەنگەن نورمىدا، ئۆلچەم بويىچە دورا يېيىش داۋالاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، لېكىن ئادەتتىكى تۇرمۇشتا دائىم ھەر خىل ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكىلىرى دائىم كۆرىلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1.دورا يېيىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش ۋە تولۇقلاپ يېيش

ئادەتتە دورا يېگەندە ھەر كۈنى بىر مىنۇتمۇ پەرقلەندۈرمەي دەل ۋاقتىدا يېيىش بەكمۇ تەس، لېكىن ھەر كۈنلۈك دورا يېيىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئارتۇق پەرقلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، ئامال بار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دورا يېيىش، قاندىكى دورا مىقدارىنى ئامال بار كىچىك دائىرىدە ئۆزگەرتىش كېرەك.

ئەگەر راستىنلا بەزى ئىشلار سەۋەپلىك دورىنى ۋاقتىدا يېيەلمەي قالساق، ئەگەر دورا يېگەن ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، دەرھال تولۇقلاپ يېيىش، مەسىلەن بەزى دورىلارنى 12 سائەتتە بىر قېتىم يەيدىغان بولساق، ئەگەر ئالتە سائەتنىڭ ئىچىدە دورا يېيىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىمىز ئېسىمىزگە كەلسە، دەرھال تولۇقلاپ يېسەك بولىدۇ. 24 سائەتتە بىر قېتىم يەيدىغان دورىلارنى 12 سائەتنىڭ ئىچىدە تولۇقلاپ يېيىش، 12 سائەتتىن كېيىن تولۇقلىغانلار كېلەر قېتىم دورا يەيدىغان ۋاقىتتا بۇ دورىنى يېمەسلىك كېرەك.

2.كېيىن يېيىش

دورىنى ئۇزۇن مەزگىل ۋاقتىدا يېگەندە دورىنى ۋاقتىدا يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ چوڭ چەكتە دورا يېيىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دورىنى يېيىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئەڭ قورقۇنىچلىقتۇر، ۋاقتىدا دورا يېيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك، بەزى-بەزىدە ئازراق بۇرۇن ياكى ئازراق كېيىن دورا يېگەننىڭ چوڭ خەتىرى يوق، بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

3.دورىنى كۆپ يەۋېلىش

ئاخشاملىقتا  دورا يېگەن-يېمىگەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، بىر قېتىم دورىنى كۆپ يەۋەتسە بولامدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ يەۋەتكەنگەنگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئەگەر دورىنى كۆپ يەۋەتكەن بولسا چوقۇم سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك، لېكىن دورىنى كۆپ يەۋېلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.

4.ياندۇرۇش

ئەگەر دورا يەپ بولۇپ ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىككى سائەت ئىچىدە دورىنى تولۇقلاپ يېيىش، ئەگەر ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا تولۇقلاپ يېمىسىمۇ بولىدۇ.

5.يېمەكلىكلەردىن پەرىز تۇتۇش

تۇنجى قېتىم دورا ئىچكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئادەتتە دورا يەپ بىر ئايدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا تۇنجى قېتىم دورا يېگەندە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كېيىنچە بەدىنى كۆنۈپ بولغاندا يېيىش كېرەك. مېۋە-چىۋىلەردىن پومېلو (西柚)نىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغان بولۇپ، ئامال بار يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە تاماق بىلەن دورىنىڭ ئارىلىقىنى ئىككى سائەت ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ياخشى سۈمۈرلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، لېكىن ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

 

6.دورا يېيىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش

دورا يېيىش ۋاقتىنى ھەر بىرەيلەن ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاش كېرەك.

دورا يېيىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش: ئالدىغا سۈرۈش، مەسىلەن كەچ سائەت 11دە دورا يەيدىغانلار كەچ سائەت 9دا يەيدىغانغا ئۆزگەرتمەكچى بولسا بىۋاستە ئۆزگەرتسە بولىدۇ، كەينىگە سۈرۈش، مەسىلەن كەچ سائەت 9دا دورا يەيدىغانلار كەچ سائەت 11دا يەيدىغانغا ئۆزگەرتمەكچى بولسا، بىرىنچى كۈنى كەچ سائەت 10غا ئۆزگەرتىش، ئىككىنچى كۈنى كەچ سائەت 11غا ئۆزگەرتىش، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇقىم كەچ سائەت 11دا دورا يەيدىغان قىلىپ بېكىتىش لازىم.

7.ۋاقىت پەرقى

ئىككى يەرنىڭ ۋاقتىدا ئالتە سائەت پەرق بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى كەچ سائەت 10 شۇ يەردىكى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە ئۇدۇل كېلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا باشقا يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن، ھەر كۈنى بىر سائەتتىن كەينىگە سۈرۈش، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەتتىگەن سائەت بىردە دورا يېيىشكە ئۆزگەرتىش، دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىققان دەسلەپكى كۈنى يەنە بىر سائەت كەينىگە سۈرۈش، يەنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 8 دە دورا يېيىش، ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر سائەت كەينىگە سۈرۈش، يەنى سائەت 9 دا دورا يېيىش كېرەك.

ئەگەر ئىككى يەرنىڭ ۋاقتى 12 سائەت پەرقلەنسە، دۆلەت ئىچىدە كەچ سائەت 10دا دورا ييېىش، بارغان يەردە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىككى يەر ئارىلىقىدا 36 سائەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋاقىتتىن 18 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دورىنى بىر قېتىم تولۇقلاپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر