• يېڭى ماقالىلەر

سىز سەل قارىغان تۆۋەندىكى ئالامەتلەر ئەيدىزنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، پەن-تېخنىكا غەلىتە مەخلۇقىغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بۈگۈنكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەھىپىسىدە سۆزلەيدىغان تېما بولسا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە سەل قارىماڭ، بەلكىم ئۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، بالدۇر بىلگەندە ھاياتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلىشى بىلەن كىشىلەردە بۇ كېسەلگە نىسبەتەن كۈچلۈك قورقۇش شەكىللەندى، چۈنكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا 30 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن، شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۈگىنىشنى ئويلايدۇ.

ئالدى بىلەن ئۈزلۈكسىز قىزىيدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدە سەۋەپسىز قىززىش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بۇ خىل قىززىش 3-4 ئاي داۋاملىشىدۇ، بۇ چاغدا يەنە يۆتىلىش، نەپىسى قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاندىن ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ، شۇنداقلا داۋاملىق ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئىشتىھاسى بارا-بارا ناچارلايدۇ. سەۋەپسىزلا ئورۇقلاپ كېتىدۇ، ئۈچ ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى %10 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى چۈشىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش بويۇن، قولتۇق قاتارلىق جايلاردا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئىنكاس ئاستىلايدۇ.

ئاخىرىدا تېرىدە قىسمەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاق رەڭلىك شارسىمان باكتىرىيىدىن يۇقىملىنىش كۆپ يۈز بېرىدۇ، ناھايىتى ئاسانلا سۆسۈن داغ ۋە قان پۈۋەكچىسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئالامەتلەرمۇ كۈچىيىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ھەرگىز سەل قارىماستىن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، كېسەللىكنى بالدۇر بايقىسا بالدۇر ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە : xiaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر