قانداق ئادەملەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟ قانداق ساقلىنىش كېرەك ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


ئاساسلىقى:

① كۆپ ئاشنىسى بارلار ۋە نومۇسىنى ساتىدىغانلار، پاھىشىۋازلار؛

② جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار؛

③ ۋېنا تومۇرىغا زەھەر ئوكۇل قىلىدىغانلار؛

④ ھەمجىنىس؛

⑤ ئەيدىز كېسەللىكى ئانتىتېلاسى تەكشۈرۈلمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرى سېلىنغانلار؛

⑥ ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلارنىڭ ھامىلىسى ياكى پەرزەنتلىرى؛

⑦ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز كېسەللىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار؛

⑧ قان ياكى قان پىلازمىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، بولۇپمۇ قان ياكى قان پىلازمىسىنى سېتىشنى كەسىپ قىلىۋاتقانلار؛

⑨ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان دۆلەتلەردە تۇرۇپ قالغانلار.


  قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

 ئەيدىز كېسەللىكىنى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكروئورگانىزم ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل قىلمىشتىن ئىبارەت. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەيدىز كېسەللىكى بىر خىل قىلمىش كېسەللىكىدۇر. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ( ئەخلاقى ) نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپچىلىككە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمىز:

1)  جىنسىي ھەمراھلارنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە باشتىن- ئاخىر سۈپىتى لاياقەتلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قېپى ئىشلىتىش كېرەك.

2)  قەرەللىك ھالدا مۇنتىزىم دوختۇرخانا ياكى كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ھەرىكەتلەردە بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ئۆلچىتىش كېرەك.

3)  جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا، بالدۇرراق شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈش، جىنسىي ھەمراھىنىمۇ بىرلىكتە داۋالىنىپ تەكرار يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.

4)  زۆرۈر بولغان قان سالدۇرۇش، ئوكۇل ئېلىش ، يىڭنە سانجىشلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان قان، قان ياسالمىلىرىنى، قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەنگەن سايمان ۋە يىڭنىلارنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

5)  زەھەر چەكمەسلىك، بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلىتىپ ۋېناغا زەھەر ئوكۇل قىلماسلىق كېرەك.

6)  ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، مېدىتسىنالىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھامىلىنىڭ ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر