• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسلى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇش ۋە يۇقماسلىق يوللىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

ئەيدىز كېسەللىكى دېگەن نېمە؟
ئەيدىز ( AIDS ) كېسەللىكنىڭ رەسمىي نامى « ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندى كېسەللىكى » بولۇپ، 1981-بايقالغان بىر خىل يېڭى جىنسىي كېسەللىك، ئۇنى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى ( ئەيدىز ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ، ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو جانلىقلارغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەي، كۆپ خىل ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچى بىر خىل ياكى كۆپ خىل پۇرسەتپەرەس كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېسەللىكنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى ياكى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوق.
ئەيدىز كېسەللىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز قىلمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، ئۇ « قىلمىش كېسەللىكى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


ئەيدىز كېسەللىكى قانداق تارقىلىدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، بالىياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقى، شۆلگىيى، كۆز يېشى، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى سۇيۇقلۇقى، سۈتى، باش سۈيى ۋە سۈيدۈكتىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئايرىپ چېقىلدى. ئېپىدېمىيولوگىيەلىك ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قان بىلەن ئىسپېرما ئەڭ كۈچلۈك يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىغا يۇقىدىكەن. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك:
1. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىسپېرمىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدا كۆپ. ھەرقانداق شەكىلدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئىسپېرما ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا يەرلىك ئورۇندا پەيدا بولغان كۆرۈنەرلىك ياكى ناھايىتى يېنىك دەرىجىدىكى تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
تويدىن ئىلگىرىكى جىنسىي قىلمىش، نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىش، كۆپ ئاشنا تۇتۇش ۋە نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەر، بولۇپمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ھەرخىل جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
بىر قېتىملىق مۇھاپىزىتى بولمىغان جىنسىي ئالاقىدە، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %1 بولىدۇ؛ يات جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي ئالاقىسىدە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى %0.05 ~ %0.15، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى %0.03 ~ %0.09 بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇڭى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار كىشىلەر توپىدىكى ئېپىدېمىيولوگىيەلىك ئېھتىماللىق. شەخسلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشتىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار.
2. قان ئارقىلىق يۇقۇش. تەكشۈرۈلمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى سېلىش، شپىرىسىنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر ئوكۇل قىلىش، پاكىز بولمىغان يىڭنىلارنى ئىشلىتىش ياكى چاچ ئالدۇرغان، ھۆسن تۈزەتكەندە تېرىنى زەخىملەندۈرىدىغان سايمانلارنىڭ زەخىملەندۈرۈشى ئارقىلىقمۇ يۇقۇشى مۇمكىن. داۋالاش سايمانلىرى ئارقىلىق يۇقۇش ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇشتىكى ئاساسلىق تەرەپ. يەنى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەتتىكى بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن شپىرىسلارنىڭ بۇلغىنىشى، چىش بۆلۈم ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنىڭ تېرە، شىللىق پەردىلەرنى بۇزۇشى قاتارلىقلارمۇ كېسەللەر ئارىسىدا، كېسەللەر بىلەن دوختۇرلار ئارىسىدا ئەيدىز كېسەللىكىنى تارقىتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ. مەسىلەن، چاچ ئالدۇرۇش، بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈش، ھۆسن تۈزەش قاتارلىقلاردا ئىشلەتكەن سايمانلار كۆپىنچە دېزىفېكسىيە قىلىنمايدۇ ياكى چالا دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ. ئۇلار تېرە تاسادىپىي زەخىملەنگەندىمۇ سايماننى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، توقۇلما- ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ئەگەر ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئېلىنغان بولسا، شەكسىزكى بۇنىڭدىنمۇ ئەيدىز كېسەللىكى يۇقىدۇ. تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى بىمارنىڭ تومۇرىغا سالغاندا، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دېگەنلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئانا ھامىلىدار مەزگىلىدە، ھامىلە بالا ھەمراھى، تېرە، ئۈچەي يولى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇۋاتقان بوۋاقنىڭ شىللىق پەردىسى ياكى يېرىلغان تېرىلىرى تۇغۇۋاتقان ئايالنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى بىلەن تېگىشىپ يۇقۇملىنىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىنىڭ سۈتى بىلەن بىللە چىقىپ ئېمىۋاتقان بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى %15 ~ %30 بولىدۇ.


كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىش ۋە پاشا چېقىشتىن ئەيدىز كېسەللىكى تارقىلامدۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشلاردىن ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى تارقالمايدۇ. نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىن سىرتقى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز. ئەگەر ئۇ ھاۋادا ئوچۇق ھالەتتە تۇرسا تېزلا ئۆلىدۇ. شۇڭا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ:

① كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشلار، مەسىلەن، ئىشخانا سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، تېلېفوننى ئورتاق ئىشلىتىش؛

② قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، قائىدە- يوسۇن يۈزىسىدىن سۆيۈشۈش؛

③ بىللە غىزالىنىش ۋە چاي، تاماق قاچىلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش؛

④ ھاجەتخانا ۋە تەرەت قاچىلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش؛

⑤ قان بىلەن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى؛

⑥ بىللە يۇيۇنۇش؛

⑦ چۈشكۈرۈش ياكى يۆتىلىشتىن شەكىللەنگەن چاچراندىلار.

پاشا چېقىشتىن ئەيدىز كېسەللىكى يۇقمايدۇ. بۇ تەجىربىخانىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. ئەيدىز كېسەللىكى بەزگەك، دېنگې قىزىتمىسى ئارقىلىق تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە يەللىكى قاتارلىق پاشا چېقىشتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرگە ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىكلەرنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىلىرى پاشا تېنىدە ياشايدۇ ۋە كۆپىيىدۇ، ئاندىن پاشىنىڭ شۆلگىيى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى پاشا تېنىدە ياشىيالمايدۇ، پاشا ئۇنى يېمەكلىك ئورنىدا ھەزىم قىلىۋېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى چاققان پاشىنىڭ ئېغىزىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانى پاشىنىڭ يەنە بىر ئادەمنى چېقىپ يۇقۇملاندۇرۇشىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم چېقىۋاتقان پاشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندە، پاشا چاققان ئادەمنىڭ جاراھەت ئېغىزىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانى يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىشقا يەتمەيدۇ. بەزىلەر: پاشىنىڭ ئۇزۇن ئېغىز ئاپپاراتى خۇددى تېرە ئاستىغا ئوكۇل سالىدىغان يىڭنىگە ئوخشىمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يىڭنە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرالىغان يەردە پاشا يۇقتۇرالمايدۇ، دەيدۇ. چۈنكى، پاشىنىڭ قىزىلئۆڭگىچى بىلەن شۆلگەي كانىلى ئايرىم بولىدۇ. پاشا بىر كانالدىن شۆلگەينى قۇسۇپ چىقىرىدۇ، يەنە بىر كانالدىن قاننى شورايدۇ. قاننى شوراش يەككە يۆنىلىشلىك بولۇپ، ئۇ قورسىقىغا سۈمۈرۈۋالغان قاننى ( ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى ) ئۆزى چېقىۋاتقان ئادەمگە قۇسۇپ چىقىرىپ بەرمەيدۇ.
    ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسىمۇ پاشا چېقىشنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى تارقىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، بارلىق يۇقۇملانغانلار قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش شەكلى بويىچە يۇقۇملانغان. پاشا چېقىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم دۇنيادا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى.
 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر