• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئۈچەي يولىدىكى مىكرو جانلىقلار بىلەن HIV يۇقۇملانغۇچىلىرى ئىمۇنىتېتىنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن،  تەتقىقاتچىلار توغرا كەسمە يۈزلۈك تەتقىقاتنى لايىھەلەپ چىققان. مەزكۇر تەتقىقاتقا بېيجىڭ شېخىي دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبولاتورىيەسىدىكى جەمئىي 61 نەپەر HIV يۇقۇملانغۇچىلىرى قاتناشتۇرۇلغان. بۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 26 نەپىرى تېخى داۋالانمىغان، 20 نەپىرىنىڭ ئىمۇنىتېتى قايتا شەكىللەنمىگەن ھەمدە 15 نەپىرىنىڭ ئىمۇنىتېتى بىر قەدەر ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە 30 نەپەر ساغلام كىشى سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسى سۈپىتىدە HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قاتناشتۇرۇلدى. مەزكۇر تەتقىقات ھەربىر تەتقىقات ئوبېيكتىنىڭ چوڭ تەرەت ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، يۈەن گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆلچەپ، بىمارلارنىڭ بارلىق كىلىنىكا ماتېرىيالى، T لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرغۇچى كەنجى توپ قاتارلىق كۆرسەتمىلىرىنى يىغقان.

 

تەتقىقات نەتىجىسى: مەزكۇر تەتقىقات غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپلىرىدىكى پرىژىۋالىسكى باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى تەركىبىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە باكتېرىيىسىمانلار ئۇرۇقدىشى مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ ئۆزگىرىشى CD4+T لىمفا ھۈجەيرە سانى، CD4+T لىمفا ھۈجەيرە سانىنى ئەستە ساقلاش، CD4+/CD28+T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ نىسبىتى ۋە CD8+/CD38+T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ نىسبتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 15 نەپەر ئىمۇنىتېتى بىر قەدەر ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىمۇنىتېتى قايتا شەكىللەنمىگەن گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىدىكى Faecalibacterium prausnitzii、unclassified Subdoligranulum sp بىلەن Coprococcus comes نىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بۇ ئۈچ خىل پەرقلىق باكتېرىلەر يەنە بوتانوئىك كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدىكەن.

مەزكۇر تەتقىقاتتا، HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى CD4+T لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەمدە ئىمۇنىتېت جانلىشىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بوتانوئىك كىسلاتا ھاسىل قىلىشى بەلكىم پاسسىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپلىرىنى تەتۈر يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇپ تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىمۇنىتېتنىڭ جانلىنىشىنى تىزگىنلەش HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئىمۇنىتېتىنىڭ قايتا شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەدبىرگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

باھا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر بىلەن كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى، ئىمۇنىتېتنىڭ جانلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىگە ئايلاندى. كۆپ تۈرلۈك 16S Rrnaنى ئاساس قىلغان گېننىڭ كېڭىيىشىنى ئۆلچەشنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى: HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ نورمال كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئېنىقلا پەرقىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىراق ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپلىرى ۋە ئىمۇنىتېتنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدىكى تەتقىقات يەنىلا چوڭقۇرلىشىشقا مۇھتاج. بۇ تەتقىقات نۆۋەتتە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. چۈنكى بوتانوئىك كىسلاتاسى بىلەن ئىمۇنىتېتنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ھەمدە ئىمۇنىتېتنىڭ جانلىنىشى ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت، كەلگۈسىدە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپى بولۇپمۇ بوتانوئىك كىسلاتا نۇقتىسىدىن داۋالاشقا تەسىر قىلىشنى ئەسكەرتىپ، ياللۇغ ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە ئىمۇنىتېتنىڭ قايتا شەكىللىنىشىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە 2018-يىلى 7-ئايدىكى AIDS 2018 چوڭ يىغىنىدا ئاغزاكى پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. بۇ تەتقىقاتنىڭ چەكلىمىلىكى دەل توغرا كەسمە يۈزلۈك ئىكەنلىكىدە ھەمدە ئەۋرىشكە مىقدارىنىڭ چەكلىكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. كېيىنكى ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقات ھەمدە ھايۋانات تەجرىبىسى قاتارلىقلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا HIV يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ باكتېرىيە توپى بىلەن ئىمۇنىتېتىنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەتقىق قىلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر