• يېڭى ماقالىلەر

قايسى خىل كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش قىلىشى كېرەك؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنسانلارنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى، نەزىرىيە جەھەتتىن ھەر بىر كىشى قەرەللىك ھالدا ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق ئىشتۇر. بىراق خىلمۇ-خىل شارائىتلارنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماق قىيىن.

ئۇنداقتا قايسى خىل كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك؟

1.قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىلەر.

كۆپچىلىككە ئايانكى بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر سىزدە خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشى بولغان بولسا جەزمەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىشىڭىز كېرەك.

2.ھامىلدار بولماقچى ۋە بولغان ئاياللار.

ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى يەنە بىر خىل ئۇسۇل. تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈش سىزنىڭ بالىنى تۇغۇش ياكى تۇغماسلىقىڭىزنى قارار قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش بولسا بالىلارنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر.

3.زەھەر چەككۈچىلەر.

ئىشپىرىس، ئوكۇل يىڭنىسى، بولۇپمۇ زەھەر ئۇرۇش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش ئېھتىمالى بار. تەكشۈرۈپ تۇرۇشتىن باشقا، زەھەر ئۇرۇش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4.جىنسىي كېسەللىك بىمارى.

ناۋادا سىز جىنسىي كېسەللىككە قارىتا تەكشۈرۈش قىلغاندا مۇسبەت چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خەتەرلىك سىگنال. ئەڭ چوڭ خەتەر جىنسىي كېسەللىكتىن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ۋاقتىدا تەكشۈرۈش قىلىپ مۇقۇملاشتۇرۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش ياكى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشقا ماسلىشىشىڭىز كېرەك.

5.ئەر ھەمجىنىسلار.

بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ناتوغرا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ تەكشۈرۈش قىلىشىڭىز لازىم.

1.ئىلگىرى نامەلۇم ئادەمنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقان بولسىڭىز، مەسىلەن كۈتۈلمىگەن يارىدارلارنى بىر تەرەپ قىلغان بولسىڭىز.

2.ئىلگىرى شەھۋانىي سورۇنلارغا كىرىپ باققان ھەمدە بەدىنىڭىزدە يېقىمسىزلىق پەيدا بولغان بولسا.

3.بىر كېچىلىك جىنسىي تۇرمۇش، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي تۇرمۇش، كۆپ ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بولغان بولسا، ھەمدە بەدىنىدە يېقىمسىزلىق پەيدا بولغان بولسا.

4.چاچ ياساش ئورنى، چىش دوختۇرخانىلىرىدا يېنىك دەرىجىدىكى زەخمە بولغان بولسا، 14 كۈن ئەتراپىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا.

5.ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، لېكىن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز بولسا.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر