• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز توغرىسىدا ئىغۋا تارقىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە، «ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ قېنىنى ساتقۇدەك يۈرەكنى سىزگە كىم بەردى؟ ئاقكۆڭۈل بولۇڭ، ئادەمدەك ياشاڭ.» ناملىق ماقالە بىر قانچە ئۈندىدار سالونىدا تارقىتىلىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلدى.

سوراپ بېقىڭ قايسى بىر يۇقۇمدار دۆتلۈكتە سىز بىلەن ئوخشاش چىقىپ، ئۆز قېنىنى بىلەن باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ؟ سىزگە يۇقتۇرۇشنى ئويلىسىمۇ. بۇنداق ئەقىلسىز، ئوچۇقتىن-ئوچۇق جىنايەتنى قوللانماس.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 13 يىل مابەينىدە، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ۋە تورلاردا نەچچە يۈزمىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدىم. مۇتلەق كۆپ قىسىم يۇقۇمدارلار بۇ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن ئەيىبلەيدىكەن، چۈنكى بۇ كېسەلنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن قورقىدىكەن. ھەتتا سۆيگىنى، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنى قۇچاقلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. ئۇلار مانا مۇشۇنداق ئاقكۆڭۈل.

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بۇنداق يۈكنى ئۈستىگە ئېلىۋالماسلىقى كېرەك!

ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دەل ۋاقتىدا، مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ھاياتىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىغاندا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىمۇ يۇقۇشچانلىق بولمايدۇ. دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئايال يۇقۇمدارلار ساغلام پەرزەنت كۆرۈپلا قالماي، ئەرلەرمۇ دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۆرىسىگە بۇ كېسەلنى يۇقتۇرماي ساغلام پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.

بىلمەسلىك ئەيدىزدىنمۇ قورقۇنچلۇق!

سىزنىڭ بىر قېتىملىق قالايمىقان بىلجىرلىشىڭىز بىلەن، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە بىر-بىرلەپ تارقىتىشىڭىز، ئاشۇ ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرىغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ.

چۈنكى سىز بۇ ئىغۋالىرىڭىز بىلەن قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقىڭىزنى بىلمەيسىز. لېكىن قانۇن سىزگە بىلدۈرۈپ قويىدۇ، ئىغۋا تارقاتقانلار ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

1. ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئىغۋا تارقاتقان قىز ساقچىلار تەرىپىدىن بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى.

 

 

2. ئەيدىز بىمارى قان تەقدىم قىلسا بولىدۇ.

دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا بىر تورداش مىكرو بىلوگدا مۇنداق بىر ئىنكاس يازغان: «شېنجىندا قان تەقدىم قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپ ساندىكى قان تەقدىم قىلغان كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.» ئىغۋا تارقاتقۇچى مەمۇرى جەھەتتىن يەتتە كۈن توختىتىلىپ قويۇلدى.



6-ئۆكتەبىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى كۈنى، شېنجىن تور ساقچىلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.

3. ۋۇيىلىق قىزچاق ئەيدىز توغرىسىدا ئىغۋا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى.


ۋۇيىلىق بىر قىز ئۈندىدار توپىدا ئىغۋا تارقىتىپ مۇنداق دېگەن: «ۋۇيىدىكى كۆپلىگەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا خېلى كۆپ سانلىق ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.» شىشىن ساقچىخانىسىدىكىلەر ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلىشنى باشلىۋەتكەن. ھەمدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقان، ئاممىۋىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. لىياڭ شى تارماق ئىدارە قانۇن بويىچە جىنايەتكە چېتىشلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلەپ، ئاممىۋىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلغان خۇ فامىلىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن يەتتە كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن.


ئۆتمۈشكە قاراپ باقساق، بۇنداق ئىغۋالار يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ!

ئۇلار راستىنلا بىلمەمدۇ؟ راستىنلا قورقماسمۇ؟

ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئادىمىيلىك ئىچىدىكى تەلەي سىنايدىغانلار ۋە سەتچىلىكنى چېكىگە يەتكۈچە يېيىۋېتىدىغانلار!

قارىغۇلارچە ئىغۋا پەيدا قىلمايلى، يېنىكلىك بىلەن ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىغۋالارنى تارقاتمايلى.

سىزنىڭ ئىدراكىڭىز، سىزنىڭ تەمكىنلىكىڭىز، سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز ئۇلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىپ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇق نۇرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر