• يېڭى ماقالىلەر

دوختۇر: ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان ياۋاش قىزنىڭ بۇ ناچار ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەردە بار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

 سەنجىيا فاكىس ئۈندىدار سالونى 12-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۆۋەندىكى ئىككى مىسال كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ

بىرىنچى مىسال

27  ياشلىق ۋاڭ چىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كىچىكىدىن تارتىپلا بىر ياۋاش قىز بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىم مۇھەببەتلەشتى. ئىككى ياش ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغىنى ھېس قىلىشقاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئۆتۈپ تويىنى قىلىۋالدى.

ئىككىيلەن ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈتۈشنى قىلغىلى بارغاندا دوختۇر ئۇنىڭغا «ئەيدىز، سىفلىس ۋە تىپلىق جىگەر ياللۇغى» قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەكشۈرۈش تالونىنى بېرىپ، تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغاندا ۋاڭ چىڭ :«مېنىڭ بۇنداق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈتۈشۈم ھاجەتسىز» دەپ رەت قىلغان ئىدى.

2016-يىلى ۋاڭ چىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. لېكىن ئۇ بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلىنى تەكشۈرتكەندە بىر مەيدان غايەت زور «يەر تەۋرەش»نىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا سىفلىس (梅毒) بىمارى (سىفلىس بولسا سىفلىس بۇرما تەنچىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سوزۇلما خاراكتېرلىك، تارقىلىشچان كېسەللىك بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ) دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، يولدىشى يۇقۇملانمىغان ئىدى.

ئۇنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن يولدىشى ئۇنىڭغا گۇمانىي نەزىرى بىلەن قارىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى. دوختۇرنىڭ تەپسىلىي سورىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تويدىن بۇرۇن بىر كىچىك يايمىدا قۇلىقىنى تەشتۈرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. «بۇ قېتىملىق ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى بەلكىم دەل شۇ ۋاقىتتا تېرىلغان بولۇشى مۇمكىن».

ئىككىنچى مىسال

«مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ۋۇ خانقىز ئۆزى ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارىغان بىر مىكرو ھۆسن تۈزەش ئورنىدا قېشىنى چەككۈزگەن.

نەتىجىدە  ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇنى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان. دوختۇر ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ۋۇ خانقىزنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرى قېشىنى چەككۈزگەنلىكىنىڭ ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ ئەسۋابلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەسۋابلارغا ئاسانلا قان يۇقۇپ قېلىپ، باشقا كىشىلەرگە تارقىلىدىغان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىمۇ مۇشۇ يول ئارقىلىق تارقىلالايدۇ.

ئەسكەرتىش! نامۇۋاپىق ھۆسن تۈزەتكەندە راستتىنلا كېسەل يۇقتۇرۇۋالىسىز

دوختۇر سىزگە شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، سىفلىس، ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىقلا تارقىلىشتىن باشقا يەنە بەدەنگە چەكتۈرۈش، قۇلاق تېشىش ۋە ھۆسن تۈزىتىش قاتارلىق جەريانلاردا دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش سەۋەبلىكمۇ تارقىلىدۇ.

بەدەنگە چەكتۈرۈش

بەدەنگە چەكتۈرۈش يىڭنە ئارقىلىق تېرىنى تېشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز. ئادەم بەدىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالمايدىغان مېتال ئوكسىد پىگمېنتىنى تېرە قەۋىتىگە كىرگۈزىدىغان بولۇپ، تېرىگە رەڭ بېرىدۇ.

بەدەنگە چەكتۈرۈش جەريانىدا يىڭنە بىلەن چەكتۈرگىچىنىڭ قېنى ئۈزلۈكسىز ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، يەنە بەدەن چەكمىسى دورا سۈيىگىمۇ ئەسۋاب قايتا قايتا چىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەردە يىڭنە ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىسا ياكى دورا سۈيى ئالماشتۇرۇلمىسا، بۇنى ئىشلەتكەن ئىككىنچى ئادەمنىڭ ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

بەدەنگە چەكتۈرۈش جەريانى پاكىز، قېلىپلاشقان بولمىسا، ئۇنداقتا تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز كېسىلى، باكتېرىيەلىك كۆز قىزىرىش كېسىلى، سىفلىس، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

گەرچە بەدىنىگە چەكتۈرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى يۇقۇملانمىسىمۇ، لېكىن بۇ تەلەي سىنايدىغان ئىش ئەمەس. بۇ خىل يىڭنە-پىچاقلارنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا چوقۇم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل، سەھىيە شارائىتى ياخشى ئورۇنلارنى ئىزدەش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تارقىتالايدۇ.

چىش گۈزەللەشتۈرۈش

ھازىر كۆپلىگەن چىش گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر چىش ئامبۇلاتورىيەلىرىگە بېرىپ چىشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

%80 تىن %90 كېچە بولغان چىش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ چىشىنى يۇيغاندا ياكى چىش سالغاندا چىش مىلىكى قاناپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەردە بۇ بىمارلارغا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنىش ئەھۋالى ياخشى بولمىغاندا، كېيىنكى بىمارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن چىش داۋالاتقىلى بارغاندا چوقۇم مۇنتىزىم بولغان ئامبۇلاتورىيە ئورنىنى تاللاش كېرەك. دوختۇر بىمارلارنىڭ چىشىنى يۇيۇپ، چىشىنى سالغاندا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى چوقۇم ياخشى دېزىنفېكسىيەلەپ ئىشلىتىشى كېرەك بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ئاندىن تازىلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بەرگىلى بولىدۇ.

يېرىم مەڭگۈلۈك گىرىم بويىقى تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار مەۋجۇت

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلغان يېرىم مەڭگۈلۈك گىرىم بويىقى تەركىبىدىكى مېتالنىڭ تەركىبى ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

كورېيە ئىستېمالچىلار مەھكىمىسى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە كورېيە بازىرىدىكى يېرىم مەڭگۈلۈك گىرىم بوياقلىرى ئىچىدە «قاش چېكىش، قاپاق چېكىش)، 12 خىل مەھسۇلات تەركىبىدىكى مېتالنىڭ مىقدارى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، قىسمەن مەھسۇلاتلاردىكى مېتالنىڭ مىقدارى ھەتتا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن 30 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىل مەھسۇلاتتىكى مېتالنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ۋە بەش ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن تەركىبلەر بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورېيەدە يېرىم مەڭگۈلۈك گىرىم بوياقلىرى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دېلو مىساللىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ دېلولارنىڭ ئىچىدىكى %70تىن كۆپرەكى يېرىم مەڭگۈلۈك گىرىم بوياقلىرىنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەكس تەسىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلاردا ئاغرىق پەيدا بولۇش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاش چېكىشنى يوشۇرۇن تەكشۈرگەن بولۇپ، ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە بەزى كىشىلەر نەچچە مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپلا، ئوقۇشتا بىر ھەپتىمۇ ئوقۇماستىن، ئۈسكۈنىدىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى باشلاپ كېتىدىكەن.

بىر قاش چېكىشنى ئۆگىتىدىغان سودىگەر دوستلار چەمبىرىكىگە «ئۈچ كۈندىلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىنلا تىجارىتىڭىزنى باشلىيالايسىز. باشلىنىشىدا نەچچە يۈز يۈەن ھەق ئېلىپ قولىڭىزنى كۆندۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ، كېيىن تېخنىكىڭىز پىشىپ يېتىلگەندە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايسىز» دەپ چىقارغان.

دوختۇرلار سىزگە شۇنداق ئەسكەرتىدۇ ! ھۆسن تۈزەتكەندە مۇنتىزىم ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنى ياخشى تاللاڭ

خېبېي ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ھۆسن تۈزەش- داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماۋ جۈنتاۋ دوختۇر شۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كورېيەچە يېرىم مەڭگۈلۈك بۇ خىل تېخنىكا ئەمەلىيەتتە تېرىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، تېرىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىرى بار. بۇ خىل ھۆسن تۈزەش ئۇسۇلىنىڭ مەشغۇلات جەريانىدا ئەگەردە ئىشلىتىلگەن ئەسۋابلار پاكىز، قوللىنىلغان ئۇسۇل مۇۋاپىق بولمىسا، يۇقۇملىنىش خەتىرى ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى مېتاللارنىڭ تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ راك پەيدا قىلىش خەۋىپىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۆسن تۈزەش تۈرىگە ئېھتىياجلىق بولسا، چوقۇم سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار، مۇنتىزىم ئورۇنلارنى تاللىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر