• يېڭى ماقالىلەر

Gammora راستتىنلا خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك HIV ۋىرۇسىنى ساقايتالامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

HIV ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى سالونى 12-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېخى يېقىندىلا ئىسرائىلىيەدىكى بىر تېخنىكا شىركىتى خاتا خەۋەردىن بىرنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قانچە تاراتقۇنىڭ Gammora ناملىق يېڭى دورىنىڭ HIV نى داۋالىيالايدىغانلىقىدەك خەۋەرنى تارقىتىشىغا ئىلھام بەرگەن.

ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدىكى نامى @ advbarryroux بولغان ئالاھىدە ھېسابات نومۇرى ئەڭ ئاۋۋال Gammora ناملىق دورىنىڭ HIV نى داۋالاپ يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتقان. بۇ ھېسابات نومۇرىنىڭ ئەگەشكۈچىسى 500 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە بولغان قىسقىغىنا ئارىلىق ئىچىدە 2600 ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە 1700 قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىلغان.

بۇ يىل يەتتىنچى ئايدىن سەككىزىنچى ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا Zion Medical (ئىسرائىلىيەدىكى تېخنىكا شىركىتى) Gammora ناملىق دورىغا قارىتا 1/2a ئادەم بەدىنى كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان. بىرىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق تەجرىبە ئوگاندانىڭ ئېنتېببې شەھىرىدىكى دوكتور رونالىد باتا قالدۇرۇپ كەتكەن دوختۇرخانىدا (Dr. Ronald Bata Memorial Hospital) ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، توققۇز نەپەر HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى تۆت ھەپتىدىن بەش ھەپتىگىچە بولغان داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ۋە ئوخشىمىغان مىقداردىكى Gammora ناملىق دورا بىلەن داۋالانغان (ئايرىم ئايرىم ھالدا 0.05-0.2mg/kg، 0.1-0.3 mg/kg، 0.2-0.4 mg/kg). ئاخىرقى نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى %90 تۆۋەنلىگەن.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق تەجرىبە بىرىنچى باسقۇچلۇق تەجرىبە تاماملىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق تۆت ھەپتىدىن بەش ھەپتىگىچە بولغان داۋالاش باسقۇچىدا يۇقۇملانغۇچىلار Gammora ناملىق دورا بىلەن بىرگە يەنە تەتۈر كۆچۈرۈلگەن ۋىرۇس بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان ئارىلاش داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان.

بىمارلار ھەر كۈنى شەھەردە سېتىلىدىغان LPNWLTNWP (洛匹那韦) ۋە 200mg ئەتراپىدا Ritonavir (利托那韦) دورىسى ئارقىلىق داۋالاشنى (LPV+r) ئاساس قىلىپ، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم Gammora (0.2-0.4 mg/kg) دورىسى بىلەن داۋالىنىشنى قوشۇمچە قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە،  (LPV+r) بىرىكمە تىپىدىكى داۋالاشتا بىمارلارنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلىش سەۋىيەسى HIV-1 RNA < 300 copies/mL گە يەتكەن بولۇپ، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ سانى بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە HIV ۋىرۇسىنىڭ سانى %99 تۆۋەنلىگەن.

بۇ ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياخشى ئۇسۇل ئەمەس بولۇپ، HIV-1 RNA<300 copies/mL ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەيدىغان بولۇپ، بەلكى ۋىرۇسىنىڭ سانىنىڭ %99 تۆۋەنلىگەنلىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەتقىقاتى تېخى ھەر قانداق بىر ئىلىم-پەن سۆھبەت يىغىنىدا ياكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەر قانداق بىر باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا رويخەتكە ئالدۇرمىغان. ئۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا Zion Medical دورىلارنىڭ داۋالاش پىرىنسىپىنى بايان قىلغان بولۇپ، Gammora بولسا بىر خىل HIV تۇغۇندىسىنىڭ ئېنزىم ماس ئېنزىم تۇغۇندىسى بولغان سىنتېتىك پېپتىدلىق بىرىكمىسى بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى قېتىلغان يۇقۇملانغان ھۈجەيرىدىكى DNA گە مەسئۇل بولىدۇ. Gammora بىر قانچە HIV ۋىرۇسىنىڭ DNA پارچىسىنى ئاساسىي تەندىكى ھۈجەيرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇملانغان ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنى يەنە يۇقۇملانغان ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىشى دەپمۇ ئاتايدۇ.

بۇ خىل دورا خۇددى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىگە كاشىلا قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ (لىبالار ۋېلۇىن ۋە ئىلگىرىكى C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدىغان دورىلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ). ئۇنىڭ رول ئوينىشى بىلەن ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ۋە باشقا ھۈجەيرىلەرگە يۇقۇملىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

لېكىن، ئۇنىڭ يوشۇرۇن تارقالغان ھۈجەيرىدە ۋىرۇس ئامبىرىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق. ئەگەردە ئۇ ساقايتالىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ۋىرۇس ئامبىرىنى ساقلاش رولىنى ئوينىيالايتتى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ۋىتتۋېرتسراند داشۆسىنىڭ پىروفېسسور فرانسوۋا ۋېنتې بۇ توغرىسىدا مۇنداق بىلدۈردى :« نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئالدامچىلىقلار بارلىققا كەلدى، ئېچىنىشلىق بولغىنى__ بۇ خىل ئالدامچىلىقلار يەنىلا كۆپەيمەكتە».

«مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە بۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن شىركەتنىڭ تور بېكىتىنى ئاختۇرۇپ باقتىم. بەلكىم سىز ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقان سىناق نەتىجىسىگە يېتىشىگە يەنە خېلى يىللار بار». ئۇ يەنە: «بۇ ئىلىم پەن ساھەسىگە ۋە ئىلىم-پەن تەتقىقاتچى خادىملىرىغا بىر يامان بولغان نام ئاتاقنى ئېلىپ كەلدى» دېگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر