• يېڭى ماقالىلەر

كومپيۇتېر تەقلىدى ئارقىلىق HIVنىڭ تارقىلىشىنى مۆلچەرلەش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

بىر بىمار ۋاشىنگتوندىكى Whitman Walker ئامبۇلاتورىيىسىدە ئولاكۇئېك تېز سۈرئەتلىك HIV-1 ئانتىتېلا سىنىقىنى قوبۇل قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئاللىقاچان كومپيۇتېر تەقلىد سىستېمىسىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ سىستېما ئارقىلىق كىشىلەر توپىدىكى HIVنىڭ تارقىلىشىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن.

يېقىندا «تەبىئىي مىكرو بىئولوگىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، لوس-ئالاموس دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى (Los Alamos National Laboratory)نىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومپيۇتېر تەقلىد سىستېمىسىنىڭ HIV تارقىلىشىنى توغرا مۆلچەرلىشى، مۇشۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

تەقلىد نەتىجىسى لوس-ئالاموس ئۆزلەشتۈرگەن ۋە قوغدىغان دۇنياۋى جامائەت HIV سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئېرىشىلگەن ئەمەلىي DNA سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئوخشاش بولغان. مەزكۇر ئارخىپخانا ھازىرغىچە 840,000 كىشىلىك پەن تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدىغان HIV تەرتىپىنى ئېلان قىلغان.

لوس-ئالاموسنىڭ ھېسابلاش بىئولوگى، مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى يازغۇچىسى توماس (Thomas Leitner) مۇنداق دېگەن: «بىز بىزنىڭ تەقلىدىي سىستېمىمىزدا كۆرگەن ئالاھىدە ئېرسىيەت شەكلىنى ئىزدىدۇق، بىز بۇ ئەندىزىنىڭ پۈتكۈل تارقىلىشچان كېسەللىك ھەققىدىكى ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتقا ماس كېلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق».

توماسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىنىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ۋىرۇس ھەربىر يۇقۇملانغان يەككىلىكلەردە تېز ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كود ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان «ئېرسىيەت ئىمزاسى» پەن تەتقىقات خادىملىرىنى يۇقۇملىنىشنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ۋاقىت رامكىسى بىلەن تەمىنلىگەن، نۆۋەتتە كومپيۇتېر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەقلىدىي ۋىرۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىز قوغلاش ۋە مۆلچەرلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۇ ۋىرۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە توساتتىن ئۆزگىرىش ئىقتىدارى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە پايدىلىق، لېكىن يەنىلا ۋاكسىنا ئارقىلىق ھەل قىلىش تەس بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئاپتور مۇنداق يازغان: «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ئۇچۇرى بويىچە، مەسىلەن ھەمراھ تەتقىقاتى، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش، جۈپلەشتۈرۈلگەن كىشىلەر توپى ئارقىلىق ئىز قوغلاش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلو مىسالى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى بېكىتىش.»

لوس-ئالاموس ئېرسىيەت سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش جەھەتتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، 1979-يىلى ئىپتىدائىي گېن بانكا تۈرىنىڭ ئورنى دەپ ئاتالغان، ئەينى چاغدىلا لوس-ئالاموس رەت تەرتىپى مەلۇمات ئامبىرى دەپ ئاتالغان ھەمدە نەزەرىيە بىئولوگىيىسى ۋە بىئو فىزىكا گۇرۇپپىسىدىكى Walter Goad تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان.

【xjaids】

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر