• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: يۈكسەل بلوگى | ۋاقتى: 2018/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: يۈكسەل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئاساسىي مەزمۇن: زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تۈپەيلى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان. بىر بالىسى بار ، ئېرىدىن ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن …

مۇھىم نۇقتىسى : بىر ئانىنىڭ بۇرچ – مەسئۇلىيىتى ۋە مېھىر – مۇھەببىتى ، جەمئىيەتنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمى ، پەرزەنتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەشۋىش ۋە ئىزتراپ …

*** *** ***

- ياخشىمۇ سىز، مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

- بولىدۇ. ئىسمىم ئامىنە ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم.

- ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىزنى قاچان بىلگەن ئىدىڭىز؟

- ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدا. مەن زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئۆزۈمگە يۇقتۇرۇۋالغان.

- سىزنىڭ ئېرىڭىز ۋە بالىڭىز بارمۇ؟

- بىر بالام بار. ئېرىمدىن ئۆتكەن يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.

- ئۇنداقتا ئېرىڭىز ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانمۇ ياكى ؟

- ياق، ئۇ يۇقۇملانمىغان ، ناھايىتى ساغلام.

- ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىز مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشىمامسىلەر ؟

- ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپنى ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئېرىم مېنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مېنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتى. مەن ئۇچاغدا ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماستىن، مەن جىگەر كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈتىپ بېقىڭ، دەپ مەجبۇرىي ھالدا ئۇنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قېنىنى تەكشۈرۈتتىم. نەتىجىدە ئۇ تېخى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانمىغان، ساغلام بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتتىم.

ئاجىرشىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولغاندۇ؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر