• يېڭى ماقالىلەر

ئەۋەتىلمىگەن خەت

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: يۈكسەل بلوگى | ۋاقتى: 2018/03/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: يۈكسەل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

(تەرجىمە ئەسەر)

بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن

قەدىرلىكىم،

بۈگۈن يەكشەنبە، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ساڭا خەت يېزىپ ئولتۇرۇشقا كۆنۈپ قاپتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ خەتلەرنى ساڭا ئەۋەتمەيمەن، ئەمما مۇشۇنداق كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇپ سېنىڭ بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىدۇ.

بۇ بىر يىل ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن ھە؟! بىز ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ ھەش پەش دىگۈچە تۆت ئاي بولۇپ قاپتۇ، سەن كەتكەن شۇ كۈنى سەن  بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدىم، سېنىڭ تېلېفونىڭنى، كومپيۇتېرىمدىكى سېنىڭ QQ نومۇرۇڭ ھەتتا MSN نومۇرۇڭنىمۇ ئۆچۈرىۋەتتىم. پەقەت ئېكراندا سېنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سىمايىڭ قېلىپ قالدى.مۇشۇنداق قىلسام ئىشلەۋاتقاندىمۇ سەن يېنىمدا ھەمرا بولۇپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن. ئەيدىز خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئەپسۇنىدەك ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، تۇيۇقسىزلا پۈتۈن دۇنيا ماڭا رەڭسىز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. دىئاگىنوز قەغىزىنى قولۇمغا ئالغان شۇ دەقىقىدە ھاياتلىقنىڭ ماڭا بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭى بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.

 

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ھېلىقى كۈنى سەن قان تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ بۇلۇڭدىكى تاماقخانىدا ئۇزاققىچە جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق. مەن ئۆزەمنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشقا تىرىشىپ تۇرۇپ، ساڭا ئەگەر ساق چىقساڭ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى دىدىم. سەن بۇ گېپىمگە ئىپادە بىلدۈرمىدىڭ.كۆز ياشلىرىڭ توختىماي تۆكۈلىۋاتاتتى، ئاندىن« ئۇنداق قىلمايمەن، مەيلى ئاقىۋىتى قانداق بولسۇن، سەن بىلەن ئاخىرىغىچە بىللە بولىمەن» دېدىڭ. بەختىمىزگە يارىشا سەن يۇقۇملانمىغان بولۇپ چىقتىڭ.

ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قىزىقسىڭىز داۋاملىق كۇرۈڭ.......

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر