• يېڭى ماقالىلەر

تېببىي خادىملارنىڭ بىمارغا كەسپىي تېگىشىشتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپلىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

كەسپىي تېگىشىش دېگەنلىك خىزمەتچى خادىملار ( تېببىي خادىملار، تەكشۈرگۈچىلەر، ساقچىلار قاتارلىقلار ) ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ياكى باشقا خىزمەتلەر جەريانىدا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ قېنى، بەدەن سۇيۇقلۇقى، جۈملىدىن ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، سىلىق پەردىسى، كۆكرەك پەردىسى، قورساق پەردىسى، يۈرەك قېپى سۇيۇقلۇقى، باش سۈيى، شۇنىڭدەك تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان تەجرىبىخانا ئەۋرىشكىلىرىگە تېگىپ قېلىش؛ خىزمەتچى خادىملارنىڭ زەخىملەنگەن تېرىسى بۇلغىنىش، مەسىلەن، يىڭنە سانجىپ كەتكەن، ئۆتكۈر سايمانلاردىن زەخىملەنگەن ياكى يېرىلغان تېرىسى، سۈرۈلۈپ زەخىملەنگەن يېرى ياكى يەللەنگەن تېرىسى ۋە شىللىق پەردىلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان نەرسىلەر تېگىپ قېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
    كەسپىي تېگىشىشتىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يىڭنە سانجىلغاندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.33، شىللىق پەردە يۈزى ئېچىلىپ قالغاندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.09 بولىدىكەن.
    يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان سەۋەبلەر: ئۇچراشقان قان مىقدارى كۆپ، زەخىم چوڭقۇر، زەخىم پەيدا قىلغان سايماندا كۆرۈنەرلىك قان يۇقى بار. سايمان ۋېنا ياكى ئارتېرىيە ئىچىگە سانجىلغان. يۇقۇم مەنبەسى دەسلەپكى ياكى ئاخىرقى مەزگىللىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى.


 تېگىشىشتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش:

① يەرلىك ئورۇننى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش. بېسىپ قانىتىش: ئەگەر جاراھەت ئېغىزى بولسا، يېنىك سىقىپ، قاننى ئىمكانقەدەر سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، سوپۇن سۈيى ياكى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىش كېرەك. ② زەخىملەنگەن ئورۇننى دېىنفېكسىيەلەش: جاراھەت ئېغىزىنى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ( مەسىلەن، %75 لىك ئىسپىرت ، %0.2 لىك ناترىي ھىپوخلورىد، %0.2 ~ %0.5 لىك ئاتسېتىك پېروكسىد، %0.5 لىك كودوفور قاتارلىقلار ) غا چىلاپ ياكى جاراھەت ئېغىزىغا ئۇنى سۈرتۈپ، دېزىنفېكسىيەلەنگەندىن كېيىن، جاراھەت ئېغىزىغا ئۇنى سۈرتۈپ، دېزىنفېكسىيەلەنگەندىن كېيىن، جاراھەت ئېغىزى تېڭىپ قويۇلىدۇ. ئېچىلىپ قالغان شىللىق پەردىلەر سۈزۈك سۇ ياكى فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تازىلىنىدۇ.
 

ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورا ئىشلىتىش:

تېگىشكەندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش قانچە بالدۇر باشلانسا، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىش سۈرئىتى ۋە تىرىك ۋىرۇسنى يوقىتىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ ياخشىسى تېگىشكەندىن كېيىنكى بىر- ئىككى سائەت ئىچىدە، ئۇزۇن بولغاندىمۇ 24 سائەت ئىچىدە دورا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھايۋانات تەجرىبە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېگىشىپ 24 ~ 36 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دورا ئىشلەتكەننىڭ ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش رولى بولمايدىكەن. بىراق، ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئېغىر كەسپىي تېگىشىشلەردە، گەرچە تېگىشكىنىگە بىر- ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كەسپىي تېگىشىشتىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش كۇرسى ئادەتتە 28 كۈن بولىدۇ. ھايۋانات تەجرىبىسىدە تۆت ھەپتىلىك بىر داۋالاش كۇرسى بارلىق داۋالىنىۋاتقان ھايۋانلاردىكى يۇقۇملىنىشنى توسالايدىغانلىقى بايقالدى. ئەگەر دورا ئىشلىتىش جەريانىدا 3 ~ 10 كۈنلۈك دورا ئازايتىلسا، ئۇنىڭ قوغداش رولى تۆۋەنلەيدۇ ياكى تولۇق بولمايدۇ.
    كەسپىي تېگىشىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، گەرچە بەزى دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ، لېكىن %100 ئۈنۈمى بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بەز ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن خەتەرنى %81 ئازايتقىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە چەت ئەللەردە ئاز بولغاندىمۇ 21 نەپەر كىشىدە ئالدىنى ئېلىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. شۇڭا، خىزمەت جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلەن تېگىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشتىن ئىبارەت.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر