• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىروسى يۇققاندىن تارتىپ ئاخىرقى دەۋرىگىچە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، B تىپلىق جىگەر يەللىكى ۋىرۇسىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ. قۇرغاقلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەيدىز ۋىرۇسىنى دەرھال ئۆلتۈرەلەيدۇ. كۆپ ساندىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈچ- تۆت مىنۇت ئىچىدىلا يوقىتالايدۇ.
 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئادەم تېنىدە تېز سۈرئەتتە نۇسخىلىنىپ، تارقىلىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزۇپ، ئاخىرىدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئورگانىزمنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. ھېچقانداق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغان ئەھۋالدا، نەچچە يىل ياكى ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئورگانىزمنى يېڭىپ، كېسەلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىش جەريانى ۋە ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ بەدەندىكى ھەرىكەت ھالىتىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن:
1. بەدەندىكى تارقىلىش دەۋرى.

ۋىرۇس بەدەنگە كىرىپ ئىككى كۈن ئىچىدە يەرلىك ئورۇندىكى لىمفا تۈگۈنلىرىگە يېتىپ بارىدۇ، بەش كۈن ئىچىدە قان ئايلىنىشقا كىرىپ بولىدۇ. نەتىجىدە، ۋىرۇس پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ مېڭە ۋە لىمفا توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بارىدۇ.
2. ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكىچە ئادەتتە 2 ~ 4 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. لېكىن، ئاز ساندىكى كېسەللەردە ئون ئايغا سوزۇلۇشى مۇمكىن. ئۆتكۈر يۇقۇملانغان بىرقانچە كۈن ئىچىدە، لىمفا تۈگۈنىدىكى قانلانغان لىمفا ھۈجەيرىلىرىدە يۇقىرى دەرىجىدە نۇسخىلانغان ۋىرۇسلار پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئالاھىدە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتېتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇسلۇق قان كېسەللىكى يېنىكلەيدۇ؛ قان پىلازمىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنىڭ زىبونۇكلېئىك كىسلاتا ( RNA ) سىنك تېمىتىش دەرىجىسى ئىككى- ئۈچ لوگارىفما دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئۆتكۈر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىمۇ يوقىلىدۇ.
3. كۆزنەك دەۋرى.

كېسەللىك قوزغاتقۇچى تەنچە بەدەنگە كېرىپ، ھازىرقى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشقا كېتىدىغان ۋاقىت دەلىللەنگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت « كۆزنەك دەۋرى » دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئورگانىزمغا كىرگەندىن تارتىپ ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى ئۆلچەشنىڭ « كۆزنەك دەۋرى » بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ئاي بولىدۇ.
4. يوشۇرۇن دەۋر.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئەيدىز كېسەللىكىگە تەرەققىي قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت « يوشۇرۇن دەۋر » دېيىلىدۇ. بۇ دەۋر ئالتە ئايدىن بىر نەچچە يىلغىچە بولۇپ، ئادەتتە 8 ~ 10 يىلغىچە بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 19 يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ دەۋردە كېسەلدە كىلىنىك ئالامەتلەر بولمايدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرگەندە نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. لىمفا توقۇلمىلىرى ۋىرۇسنىڭ ئاساسلىق ياشايدىغان جايى بولۇپ، ئەتراپ قان تومۇرلاردىكى قاندا ۋىرۇسنىڭ مىقدارى نىسپىي يۇقىرى بولمايدۇ، كېسەللىك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، لىمفا تۈگۈنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇزۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋىرۇسنى قويۇپ بېرىدۇ.
5.ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنقى دەۋرى.

بۇ دەۋر كىلىنىكىلىق ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
6. ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى.

ئاساسلىق ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنشلار ۋە ئۆسمىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دېگىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندە، ئەسلىدە ئادەم بەدىنىدە پارازىتلىنىۋاتقان، كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان بەز باكتېرىيەلەرنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىشى ياكى كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى كۈچىيىشتىن كېلىپ چىققان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يۇقۇملىنىش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نورمال ئادەملەردە كېسەللىك پەيدا قىلالمايدۇ.
7.  ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى.

ئەگەر بىمار داۋالانمىسا ئوتتۇرىچە ئۆمرى 12 ~ 18 ئاي بولىدۇ. بۇ دەۋر ھەقىقىي مەنىدىكى ئەيدىز كېسەللىكى دەۋرى بولۇپ، ھەر خىل ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېنىدە بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر