• يېڭى ماقالىلەر

AIDS بىمارى ئىليارنىڭ ھېكايىسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: يۈكسەل بلوگى | ۋاقتى: 2018/03/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: يۈكسەل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئىليارنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەقىقى ئەھۋالنى نېمىشقا ئۇنىڭدىن سىر تۇتىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشمۇ ياكى ئۇنىڭغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ ؟! …
زىيارەت قىلىنغۇچى: ئىليار ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئۇيغۇر، ئەر ، 32 ياش.

- تىنىچلىقمۇ، ئىليار ياخشىمۇ سىز !
- ياخشىمۇ سىز .
- ئىليار بىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويمايمىزمۇ ؟
- بولىدۇ.
- قانداق ھېسسىياتقا بولۇۋاتىسىز ؟
- بىر خىل ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
- بۇ يىل قانچىگە كىردىڭىز؟
- 32 ياشقا.
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز (AIDS) بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى قاچان ئۇققان ئىدىڭىز؟
- 2005 – يىلى ئۇققان. ئەمەلىيەتتە ماڭا 97 – يىلىلا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغان ، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىكەن.
- 97 – يىلى ؟ ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئەينى ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يوقىملانغانلىقىڭىزنى بىلمىگەنمۇ ؟
- شۇنداق، ئەينى چاغدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىكىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ماڭا ئەمەس ئانامغا ئېيتقان ئىكەن. مەن زەھەر چەككەندە شپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغان ئىكەنمەن. 97 – يىلى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگەندە، تەكشۈرگۈچىلەر مېنىڭ يۇقۇملانغانلىقىمنى بايقىغان ئىكەن.


- 97 – يىلى زەھەر تاشلاش ئورنىدىكى چېغىڭىزدا بايقالغانمىدى؟
- ھەئە، زەھەر تاشلاش ئورنىدىكىلەر مېنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، ئانامغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ. مەن 2001 – يىلى شىزاڭغا ئىشلىگىلى بارغاندا، يەنە شۇ ئوخشاش سەۋەبتىن تەكشۈرۈلگەندە، ئەيدىز (AIDS) دىن يۇقۇملانغانلىقىم بايقالغان ئىكەن. ئەمما شۇ چاغدىمۇ ماڭا ئۇقتۇرماي ، ئانامغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئىكەن. ئانام بولسا ھەقىقىي ئەھۋالنى مەندىن يوشۇرۇپ كەپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 2005 – يىلى ئۆزۈمنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى ئۇققان چېغىمدا ، ئانام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن….
- ئانا ئۈچۈن ئۆز جىگەر پارسىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىشتىنمۇ ئارتۇق زەربە بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە، مۇشۇ مەزگىلدە ئانىڭىز سىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور بەرداشلىق ۋە قۇربانلىقلارنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

ھەي بىچارە ئانا.........

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر