• يېڭى ماقالىلەر

بۇ 5 ئىشنى قىلىپ، ساقايماس ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

ئەيدىز تىلغا ئېلىنسىلا ، كۆپ سانلىق كىشىلەر ساقايماس يۇقۇملۇق كېسەلنى يادىغا ئالىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېسەلدىن ئادەتتىن تاشقىرى قورقىدۇ . ئۇنداقتا بىز قورققان ئىكەنمىز ئۇنى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىز كېرەك ، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئالغىلى ، بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ . شۇڭا بۈگۈن بىز بىرلىكتە ئەيدىزنى چۈشىنىپ باقايلى ، بۇنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزغا تېخىمۇ ياخشى ياردىمى بولىدۇ . 

 

ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا
ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى _ دەل ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم لىمفا ھۈجەيرىسى CD4T ھۇجۇم قىلىدۇ ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ ، بىمارلار ئىممۇنىتېت قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ  قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ خىل كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ ، ھەتتا ئەگەشمىسىدىن تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسىلى گەرچە داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇ داۋالىغىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، بۇ كېسەلنى ئۆزىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى ، بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ . 

بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ، بىرى ، بىمارنى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشتا ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتـى ۋە كۆپىيىش سانىنى تىزگىنلەپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ ، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ . 

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى 
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى . چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە توقۇلما ئەزالىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا ، شۇڭا ئاسانلا قان ئارقىلىق ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئۇسۇلىدىن باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ . 

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قايسىلار 
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ ، بۇ ئالامەتسىز ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى . 

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلى 
ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە ئادەم بەدىنىگە كىرگەن مەزگىلدە ،  ئورگانىزملارنى غىدىقلاش ئارقىلىق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، يۇقۇملىنىشتىن كېيىنكى 2-6 ھەپتە ئىچىدە مەسىلەن ، قىزىش ، باش ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ۋە ئىچى سۈرۈش ، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېيىن يەنە ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ ، ئارقىدىنلا كېسەللىك ئالامىتى يوشۇرۇن مەزگىلگە كىرىدۇ . 

2- ئالامەتسىز يوشۇرۇن مەزگىل
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىدە ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىكى ئادەم نورمال تۇرمۇشتا ، تاكى ئەيدىز دەۋرى تەرەققىي قىلىپ ، كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانغا قەدەر ھېچنېمىنى سەزمەيدۇ ، كېسەللىك قوزغالغاندا ئاندىن سېزىپ قالىدۇ . يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىكى ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بەزىلىرى نەچچە ئاي بەزىلىرى بىر قانچە يىل ھەتتا  نەچچە 10 يىلدا ئاندىن بىلىدۇ . دېمەك، يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە ئەيدىز كېسىلىنى بىلمەكچى بولسا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى بولسا ، بالدۇرراق ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

 

3- ئەيدىز كېسىلى مەزگىلى 
بۇ مەزگىل ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلى . دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەتتىكى زۇكام ياكى تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش ، قىزىتما، چارچاش ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاق تەۋىسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ، قاپارتما ، قان قېيىش دېغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. يەنە داۋاملىق ئىچكى ئەزالارغا ئاستا - ئاستا ھوجۇم قىلىدۇ، 3-4 ئاي سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۆتەل ، باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىچى سۈرۈش ، قانلىق تەرەت ، ئەگەشمە راك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسىمۇ يوق ، شۇڭا ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇسۇل يەنىلا  ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش . 

1- پاك بولۇپ ئۆزىنى قوغداش
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ، شۇڭا جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ، ئىلمىي ھالدا گاندون ئىشلىتىش ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش خەتىرىدىن ساقلىنىش كېرەك . 

 

2- قاندىن يۇقۇشتىن ساقلىنىش
چىش چوتكا ، ساقال ئالغۇچنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ، قاناش كېيىنكى ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك . دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تاتقۇزۇش ، ئاسما ئوكۇل سالدۇرغان چاغدا ، بىر قېتىملىق ئوكۇل يىڭنىسىنى ئىشلىتىش كېرەك . دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش قىلغاندا ، دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. قان سالدۇرۇش ، قان تەغدىم قىلىشتا مۇنتىزىم ئورۇنلارغا بېرىش ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان قاننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك . 

 

3- زەھەردىن يىراق تۇرۇش
زەھەر ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، ئوكۇل قىلىش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ . 

 

4- ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ساقلىنىش 
ئەيدىز ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ ، شۇڭا ئاياللار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا ، ھامىلدارلىقنى توختىتىشى ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك . ئەگەر بالا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بولسا چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قورساق كۆتۈرۈپ تۇغسا بولىدۇ, بىراق بۇمۇ بەك خەتەرلىك ، بالىغا يۇقۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقۇرى. ئېمىتىش ئۇسۇلىمۇ يۇقۇملىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئەگەر ئانا يۇقۇملانغۇچى بولسا بالىنى ئېمىتمەسلىكى كېرەك.

 

5- پاكىز بولمىغان يىڭنە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش 
يىڭنە سانجىش ، بەدەن چەكمىسى قىلغان چاغدا ، ئۈسكۈنىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر