• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ئېغىز بوشلۇقى ۋە سۈيدۈك يولى ئارقىلىق يۇقامدۇ؟ بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

نورمال جىنسىي ھەرىكەت ئاستىدا ، ئەيدىز ئادەتتە سۈيدۈك يولى ئارقىلىق ، ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق تارقالمايدۇ ، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا ( مەقئەت ئالاقىسى ، ئېغىز ئالاقىسىدىكى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ، يۇقىرى خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ) سۈيدۈك يولى ئارقىلىق ، ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك يۇقىشى مۇمكىن . بۈگۈن ئەلداۋا ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە بۇنى چۈشىنىپ باقايلى . 

1. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) قايسى خىل ئەھۋالدا سۈيدۈك يولى ۋە ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدۇ ؟ 

1- جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقىلىش : 
ئاساسلىقى ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ . 
① يات جىنىس بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ، ئەگەر بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسى / جىنىسي يولى ياللۇغلانغاندا ، ئاسانلا زەخنملىنىشتىن قانايدۇ ، بۇ چاغدا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدىكى ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدىكى HIV  پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قانغا كىرىپ تارقىلىدۇ. 
② ئوخشاش جىنسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ، بولۇپمۇ ئەرلەر مەقئەت ئالاقىسى قىلغاندا ، مەقئەت يولى قۇرغاق بولغاچقا ، تۈز ئۈچەي دىۋارىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولغانلىقتىن ، ئۆزئارا سۈركىلىشتىن ناھايىتى ئاسانلا قانايدۇ ، كىرگەن ئىسپىرمىدىكى ۋىروس قانغا يامراپ يۇقۇملىنىدۇ ، ئەگەر بىر تەرەپتە سۈيدۈك يولى ياللۇغى ياكى سۈيدۈك يولى زەخىملىنىشتىن قاناش كۆرۈلگەن ئەھۋالدا ، يەنە بىر تەرەپتە ئەيدىز كېسىلى بولسا ، مەقئەتتىن مۇناسىۋەت قېلىش جەريانىدا تۈز ئۈچەي دىۋارىنىڭ زەخىملىنىـپ قاناشتىن ئىككىسىنىڭ قېنى ئالمىشىپ ( ۋىرۇس تارقىتىش ) نى شەكىللەندۈردى . 
③ ناپاك ئېغىز ئالاقىسى ياكى جاراھەت خاراكتېرلىك ئېغىز ئالاقىسى ، مەسىلەن ئايال تەرەپتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسا ، ئەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا ، ئۆزىدىكى ياللۇغدىن باشقا يەنە ، ئېغىز ئالاقىسى جەريانىدىكى سۈركىلىشتىن ئېغىز ئىچى قانىشى مۇمكىن ، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا تارقىلىش يولى ھازىرلاپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىروسى قارشى تەرەپكە يۇقىدۇ . 

 

2- قان ئارقىلىق تارقىلىش : 
① يۇقۇملانغان HIV قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش . 
② HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش. 
③ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن زەھەر ئۇرۇش. 
④ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياكى كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش ( ساقال ئالغۇچ ، قاش پىچىقى ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى ) ئىشلىتىش جەريانىدا قاناش كۆرۈلگەندە ، بۇزۇلغان قاننىڭ باشقا ئىشلەتكۈچىنى يۇقۇملاندۇرۇش ئىھتىمالى بار.
⑤ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەزالار ياكى توقۇلمىلىرىنى باشقىلارغا كۆچۈرۈشتىن يۇقىدۇ . 

 

3- ئانىدىن بالىغا يۇقۇش :
 HIV بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار بالا ھەمراھى ، كىندىك ، تۇغۇت  ، سۈت ئېمىشتىن جەريانىدا ( بالىدا ئېغىز بوشلۇقى شەلۋەرەش ، چىرىگەن چىش ، يىرىڭلىق بادام بەز ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسا HIV  ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ) قاتارلىقلاردىن ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ . 

يۇقىرىقى ئۈچ خىل تارقىلىش ئۇسۇلى ، تېگى _ تەكتىدىن ئېيتقاندا ۋىرۇس قان ئىچىدىن تارقالغان ، ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى سۈيدۈك يولىدا قاندىن يۇقۇش يولى ھازىرلانمىسا يۇقمايدۇ . 
نورمال مۇھىت ئاستىدا ، ئەيدىز ۋىرۇسى كۈن نۇرىدا ئۆلىدۇ ، ھاۋا ، سۇ، يېمەكلىكتىن تارقالمايدۇ ھەم يۇقمايدۇ ، ئەمما نورمال قاندىمۇ ۋىرۇس مىقدارى بەلگىلىك يۇقۇش چېكىگە يەتمىسە يەنىلا يۇقمايدۇ . 

 
2. كۈندىلىك تۇرمۇشتا قايسى ئەھۋالدا تارقالمايدۇ ؟ 
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ، پاراڭلىشىش ، قۇچاقلىشىش ، بىللە غىزالىنىش ، زەخملىنىش بولمىغان قائىدە - يوسۇنلۇق سۆيۈشۈش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ . ئۇندىن باشقا، قاتناش بېكىتى ، سودا سارىيى ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ، سىنىپ ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ يۇقمايدۇ . ئاممىۋى تېلېفون ، ئىشىك تۇتقۇچى ( مەسىلەن ، ئىسپېرما ئېلىش ئۆيىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى ) ، ماشىنا - سايمانلىرى ، تەر ، ياش سۇيۇقلۇقى ۋە پاشا چېقىشتىمۇ يۇقمايدۇ . 

 

 قىسقىسى، ئەستە چىڭ ساقلاڭ ، پەقەت ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىن يەنە بىر ئادەم تېنىگە كىرىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ . 
ئىناق ياخشى مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىش ، ئەيدىزنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ ، ھوشيارلىق ياخشى ئىش ، لېكىن ئۆزىنى زىيادە ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ . ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆزىدىن خاتىرجەم بولالمىسا ، تەكشۈرگەندە مەنپىي چىققاندىن كېيىن ، 3 ئايدىن كېيىن يەنە قايتا تەكشۈرۈپ ، ئەگەر يەنىلا مەنپىي چىقسا ، ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر