• يېڭى ماقالىلەر

ئالامىتى زۇكامغا ئوخشاپ قالىدىغان بۇ كېسەل ساقايمايدۇ، 72سائەتتە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

ئامىنە بىر خۇسۇسىي كارخانىدا مالىيەگە مەسئۇل ، بەلگىلىمە بويىچە ھەر يىلى ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە نۇرمال چىققان ،لېكىن بۇقېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئامىنە خانىمنى قورقىتىۋەتتى ،  بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!!! 

 

يېقىندىن بېرى ئۇنىڭدا ئازراق قىزىپ ، بېشى ئاغرىپ ، يۆتەل قاتارلىق زۇكام ئالامەتلىرى بولۇشتىن باشقا ، ھېچقانداق بىئارامچىلىق بولمىغان ، قانداقسىگە تۇيۇقسىز بۇنداق كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى ؟ 
دوختۇرلارنىڭ قايتا - قايتا ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشى ئارقىسىدا، ئامىنە خانىم  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بىر چىش شىپاخانىسىدا چىش ئاغرىش سەۋەبلىك كۆرۈنۈپ ئۇكۇل سالدۇرغانلىقىنى ئەسلىگەن ، بۇ بەلكىم يۇقۇملىنىشنىڭ سەۋەبىدۇر ۋە بەلكىم باشقا يۇقۇملىنىش يولىمۇ بولۇشى مۇمكىن . ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلىغان  ئامىنە خانىم بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي قالدى . 

 

ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىسپېرمىسى ، قان ۋە ئانا سۈتىدە مەۋجۇت بولۇپ ، پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ، قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغان كېسەللىك ، كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا، مەسىلەن ، قۇچاقلاش ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قاتارلىقلاردىن يۇقمايدۇ ، ھەرگىزمۇ پاشا چاققاندىن ، چۈشكۈرۈش قاتارلىق يوللاردىنمۇ يۇقمايدۇ . 
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەزى بىر قىسىم كىشىلەردە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ ياكى  يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ، يۆتەل ، قىزىتما، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى،  ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى،  تېرە مۇسكۇل لىمفا تۈگۈنى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن . دېمەك، دائىم زۇكام دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش قىلسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئەگەر ئېنىق جىنسىي ئۇچرىشىش تارىخى ، قان سالدۇرۇش تارىخى بولسا ، بۇلارنى بىرلەشتۈرگەندە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن  . 

 

دەسلەپكى ۋاقتتىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن، بىر خىل جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنى توسقۇچى دورىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى توسقۇچى دورا ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ ، مەزكۇر دورىنىڭ ئۈنۈمى % 95 كە يەتكەن ، بۇ خىل دورىنى ئادەتتە قىزىل كرېست جەمئىيىتى ، دوختۇرخانىدىن ئالغىلى بولىدۇ . 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ توسقۇچى دورا ئاساسلىقى 72 سائەت ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ، ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچىگە قارىتىلغان ، ۋاقىت قانچە بالدۇر بولسا ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .
 گەرچە نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان ئامال بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا نىسبەتەن تىزگىنلەپ داۋالاش ئۇسۇلى بار ، بۇ خىل داۋالاشنى قانچە بالدۇر قىلسا ياشاش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ ، شۇنچە كېچىكسە ياشاش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ كېتىدۇ .

 

كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ناچار ، بىمارلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش ئېغىر ، ھەتتا داۋالىنىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش ۋە داۋالاش توغرىسىدا ساقلانغان مەسىلىلەر.

ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ : 
كۆپچىلىك ئۆزىنى پاك تۇتۇشى كېرەك ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قان بېرىش قان ئالدۇرۇش ، مۇنتىزىم قان تەقدىم قىلىدىغان ئورۇنلارغا بېرىپ قان تەقدىم قىلىش ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرۇش ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ، ئەگەر ئۆزىدە بۇ كېسەللىكنى بايقاپ قالسا ئىككىلەنمەي دوختۇردىن ياردەم سوراش ، 72 سائەت ئىچىدە توسۇشقا ئۈلگۈرۈپ قالسا ، شۇ ئاساستا داۋالىنىش ، ئەگەر ئۇنداق تەلەيگە ئىگە بولالمىغاندىمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەي كېيىنكى ئۇزۇن مۇساپىلىك داۋالىنىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىپ ھاياتىنى قەدىرلىشى كېرەك . 
مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ ئەتراپىمىزدىكى ساغلام كىشىلەرگە قەستەن كېسەل يۇقتۇرماسلىق ، بۇنداق بولغاندا قىلىۋالدىم دېگەن بىلەن ، بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلىشتەك ھەسرەت نادامەتتە قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىشىڭىز كېرەك ، سىز كېسەل يۇقتۇرغان كىشىلەر سىزگە ئوخشاش ئويدا بولۇپ ، ئۆچ ئېلىشقا چۈشۈپ كەتسە ، دۇنيا نېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سالامەت ياشاشقا ھەققى بار…

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر