• يېڭى ماقالىلەر

كىنىيەدە 19ياشلىق ئەيدىزقىز3ئايدا324ئەرنى يۇقۇملاندۇردى،

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، كېنىيەدىكى 19 ياشلىق بىر قىز ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئەرلەردىن ئۆچ ئىلىش قارارىغا كەلگەن ، مەقسىتى HIV ۋىرۇسى ئاز دېگەندە 2000 نەپەر ئەرگە يۇقتۇرۇش ، 3 ئايدىلا 324 نەپەر ئەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .   

 

 بىر 19 ياشلىق قىز نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەسكى بولۇپ كەتكەن؟ 
ئەمەلىيەتتە، بۇ قىزمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى . 
بىر قېتىملىق يىغىلىشقا قاتناشقان چاغدا ، قىز مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇ ھېلىقى ئەرنى ئىزدەپ بارغان ، لېكىن ئەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولمىغان. 

 

بۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئۇنى ۋەيران قىلغان ، ئۇ ئامال بار تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشنى قارار قىلغان . 

ئۇ ئۆزىنىڭ 324 نەپەر ئەرنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 156 نەپىرى بولسا ئۇ ھازىر ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتىكى مەكتەپداشلېرى ، باشقا خېرىدار ، ئوقۇتقۇچى ، ئادۋۇكات ، داڭلىق شەخس قاتارلىق توي قىلغان ئەرلەركەن. 

ئەيدىز بولسا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئەمما داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل ، ئەمما، يەنە شۇنچە كۆپ ئادەملەردە بىخەتەرلىك ئېڭى يوق ! 

 


2017 - يىللىق مەركەزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئېلىمىز جۇڭگودا ھازىر 718 مىڭ ئەيدىز بىمارى باركەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەملىكەت بويىچە 200مىڭدىن 400 مىڭغىچە بولغان يۇقۇملانغانلار تېخى بايقالمىغان . بۇ سانلىق مەلۇماتلار راستتىنلا ئاتا - ئانىلارنى نۇرغۇن ئەندىشىگە سالىدۇ . بالىلار تېخى كىچىك ،بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن ، سىرتتا ئويناپ يۈرۈپ ئەگەر بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق ؟ 
بالىلارغا توغرا بولغان جىنسىيەت تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك ؟

 

1. جىنسيەت تەربىيىسىنى بالدۇر ئېلىپ بېرىشقا بولۇدۇكى ھەرگىز كېچىكتۈرمەسلىكىمىز كېرەك ، ئاتا - ئانىلار چىش يېرىپ گەپ قىلىشقا پېتىنالمىسا ، بالىغا قانداقمۇ توغرا جىنسيەت تەربىيىسىنى بەرگىلى بولسۇن!!!

1- بالا نېمىنى سورىسا ، شۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ھەمدە بالىلارنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇل بىلەن جاۋاب بېرىش . بەك جىق سۆزلىمەي مېغىزلىق قىلىپ سۆزلەش كېرەك .

 بالا قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ئاددىي سۆزلەش كېرەك

 

مەسىلەن:  بالا « ئانا نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ كۆكسى يوغىنايدۇ » دەپ سورىغاندا ، بىز ئاددىيلا قىلىپ : « قىز بالىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق بولىدۇ ، ئۇلار كەلگۈسىدە ئانا بولىدۇ ، بۇ شۇ چاغدىكى بوۋاققا قىلغان تەييارلىق ،- دەپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ .

 

ئۇندىن باشقا، ئوغۇل بالىلارغىمۇ جىنسىيەت تەربىيەسىنى مايسا ھالەتتىن باشلىساق بولىدۇ . ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلاردىن باشلاش بالىنىڭ مائارىپ باسقۇچىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ . 

2. توغرا تۇراقلىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش

« ئالتۇنى » ، « مەمەق » مۇشۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ ، بىۋاستە « زەكەر » ، « كۆكسى » دەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك .

 

بەدەندىكى ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ ئىسمىنى توغرا ئىشلىتىش ، مەسىلەن: « كۆز ئالمىسى » نى  « مۇنچاق » دېمەسلىك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بالا ئۇ قىسمىغا نىسبەتەن ئازراق ئالاھىدە ھېس قىلىپ قالىدۇ ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىنىڭ نورمال پاراڭلىشالماسلىقىدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىز كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ.

 

شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ، يەنە بالىغا ، جىنسىي ئەزايىنىڭ ئىنتايىن مەخپىي ئەزا ئىكەنلىكى ، سىرتلارغا بۇ توغرىسىدا پاراڭلاشسا ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك

3. جىنسيەت تەربىيىسىدە ، ئاتا - ئانىلارنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسى ئەڭ مۇھىم
ئاتا ئانانىلار بالا بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق سۆزلەشسە ، بالا شۇنچە توغرا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلالايدۇ . ئەگەر ئاتا - ئانا خالىمىسا ، ئۇنداقتا ئۇلار پەقەت باشقىلاردىن بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانا بۇ مەسىلىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى يوقىتىدۇ . 

 

4. بالىغا ئۆز بەدىنىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈش
بالىلارغا ئۆز تۇيغۇسىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى ئۆگىتىش . ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق كىشىنى رەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ، ھەتتا ئاتا - ئانا ، بوۋا - مومىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپى جايىغا يېقىن يوللاتماسلىق ، ھەتتا بەدىنىنىڭ خالىغان بىر قىسىمىغىمۇ قول تەككۈزۈشىگە يول قويماسلىقنى ئۆگىتىش كېرەك . بالىلارغا ئۆزىنىڭ بىئارامچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان « ياخشى كۆرمەيمەن» نى ئۆگىتىش. 

 

بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بولسا ، بالىلارغا ئۆزىنى قوغداشنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن ، شۇنداقلا ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش ، بەدەننىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش. 

5. بالا بىزدىن ئۇنى قۇچاقلاشنى سورىغاندا ، ئۇنى باغرىمىزغا بېسىپ قۇچاقلىشىمىز كېرەك 
بالىغا تېرە ئارقىلىق ئۇچرىشىشتىن مىھىرنى ھىس قىلدۇرۇش ، بولۇپمۇ بەزى بالىلار بۇنداق قىلىشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ ،  ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ باشقىلاردىن قانائەت تۇيغۇسى ئىزدەپ ، نامۇۋاپىق قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

 

ئەلداۋادىن سەممىي تەۋسىيە : بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز ، بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز . جىنسىيەت بالىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ ، جىنسىي تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور . بالا خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ ، جەمىيەت ئەيدىز ۋە سىفلىسكە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي پەيىتتە ئاتا - ئانا بولغۇچى چوقۇم ئۆز پەرزەنتىگە ئەيدىز توغرىسىدا تەلىم تەربىيە قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا يېتەكلەش قىلغاندا بالىلار ساغلام ، خۇشال -خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ .
ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ دەقىقە ۋاقتىنى چىقىرىپ، بۇ ماقالىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئىلتىماس قىلىمىز!!! بىر ئادەمنىڭ، بىر ياشنىڭ ئەيدىزدىن بىلمەسلىك تۈپەيلى، نادانلىق تۈپەيلى، بىھۇدە يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلاپ قالالىساق شۇ بىزنىڭ غەلبىمىز....

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر