• يېڭى ماقالىلەر

نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارئىچىدە ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

ئەيدىز كېسىلى خىيىم-خەتەر دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقىدۇ.

HIV ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدىكى مۇھىم بولغان CD4T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە بۇ ھۈجەيرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ-دە، ئادەم ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كاردىن چىقىرىدۇ.

شۇ سەۋەپتىن، ئادەم ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ، ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

 

HIV يۇقۇمدارى نەچچە يىللىق، ھەتتا ئون يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يوشۇرۇن دەۋىرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئالامەتسىزھالدا خىزمەت ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق كېسەل، بۇ ساقايماس كېسەللىك ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشماقتا. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

 

ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىپ قالسا، ھېچقانداق داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان شارائىت ئاستىدا ھاياتلىق ئاساسەن دېگۈدەك يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە ئاخىرلىشىدۇ. 

ھەمجىنىسلار توپىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان يېقىنچىلىقلىرى، بۇ كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

 

ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئايال ھەمجىنىسلارنىڭ خەتىرى ئەر ھەمجىنىسلارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئەرلەر سانى ئاياللارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ.

قان سۇيۇقلۇقى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى زەھەر چەككۈچىلەر توپى ئىچىدە بەلگىلىك يۇقۇمدارلار بار ئىكەن، زەھەر چەككەن ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپكەن. كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچىلەر تازىلىققا دىققەت قىلماي ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئەرلەر تېخىمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر بىللە بولغاندا تازىلىققا دىققەت قىلمايدۇ، بەزى ئاياللار بىلەن ئارىلاشقاندىمۇ بەلگىلىك تەدبىر قوللانمىغاچقا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.

 

يۇقارقىلار ئەرلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئاياللاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقىلىش يولىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

1. ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.
ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش قىلمىشى جەمئىيەتتىكى بىر زەھەرلىك ئۆسمە. ئۇ سۆزنەك، سىبلىس قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ يامرىشىنىڭ باش جىنايەتچىسى، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندۇرىدىغان ئاساسلىق يول.

2. ئىستىلنى ياخشىلاپ، بارلىق نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشلارنى چەكلەش كېرەك.
كۆپ جىنسىي ھەمراھ تۇتۇش جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئالايلۇق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا يۇقۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %1 بولۇپ، ئۇچرىشىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئارتىپ بارىدۇ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

3. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون(ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى) ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىنىش-قىلىنماسلىقىغا ئالاقىدار ئىشلار بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر