• يېڭى ماقالىلەر

ئادەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

مەنبە : ئەلداۋا ئۈندىدار سالونى

ئەيدىز كېسىلى ھازىر پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىشقا ئامال تېپىلمايۋاتقان ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىك. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېيىن تېببىي جەھەتتە پەقەت ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، لېكىن يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ.
شۇڭا ھېچقانداق داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمۈرى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ 

 

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە ، تۆۋەندىكى 3 دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ

بىرىنچى دەۋرــــــ يۇقۇملىنىش مەزگىلى 
يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، كۆپ قىسىم يۇقۇملانغان بىمارلاردا زۇكام ۋىرۇسىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، يەنى بېشى ئاغرىش ، بېشى قېيىش،  قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ ، لېكىن بۇ ئالامەتلەر 2-3 ھەپتىدىن كېيىن ئاستا - ئاستا يوقاپ كېتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ پەقەت بەدەندىكى زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ ، ھېچقانداق بىر تۇيغۇدا بولمايدۇ.

 

ئىككىنچى دەۋرى ــــ ئالامەتسىز دەۋر
 يەنى يۇقۇملىنىپ ئۆلگىچە بولغان جەرياندا ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتىدىن قارىماققا باشقىلار بىلەن پەرقى يوق ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان- بولمىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ ، لېكىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ بەدىنى ئىچىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بەزى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان ھالەتتە بولىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاللىقاچان ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولىدۇ.

 

ئۈچىنچى مەزگىل ــــ يەنى ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى 
بۇ ۋاقىتتا بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ ، يەنى كېسەللىك قوزغالغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز بىمارلىرى ناھايىتى ئاسانلا باشقا كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ ، ئادەتتە ئادەتتىكى بەزى خۇددى زۇكام قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەر ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن.

 

ھېچقانداق داۋالاش قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ ، قىسقا بولغاندا پەقەت 2 يىل ياشىيالايدۇ ، لېكىن ئۇزۇنراق بولۇپ كەتسىمۇ 20 يىل ياشىغىلى بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئومومەن ئېيتقاندا ، ئەگەر قاندىن يۇقۇملانغان بولسا ، 4-5 يىلغىچە ياشىيالايدۇ ، ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغان بولسا 11-13 يىلغىچە ياشىيالايدۇ. 13 يىل ياشىغانلارنىڭ ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ.

 

كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بارغانسېرى ئۇزارماقتا. نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆمرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولماقتا.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتىلىنىشىچە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا پەقەت ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلۇپ، ياخشى سەھىيە داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالانسىلا، ئۇلارنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولىدىكەن. 

 


نۇرغۇن ئامىللار ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان نەتىجىلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل موشۇ ئامىللار ۋە باشقا ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ.

* ئۈنۈملۈك HIV داۋالاش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش؛

* HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن CD4 ھۈجەيرە سانى تۆۋەنلەپ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر تېزدىن داۋالاش كېرەك. قانچە بالدۇر بايقاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشنى باشلىسا، مۆلچەر ئۆمرىنى شۇنچە ئۇزارتالايدۇ؛

* ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىدىكى HIV كېسەللىكلىرى بولغان بولۇپ، بۇ بەلكىم HIV بايقىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بولغان. بۇ كېسەللىكلەر ئۆمۈر كۆرۈشىگە نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

* نەتىجىدە HIV داۋالاش باشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالانغان بىر يىل ئىچىدىكى مۆلچەر ئۆمرى داۋالىمىغاندىكىدىن ياخشى بولغان. كونكرىت قىلىپ ئېيتقاندا، CD4 سانى ئاز دېگەندىمۇ 350 كە يەتكەن ھەمدە بىر يىل ئىچىدە ۋىرۇس مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولماي ئۆمۈر كۆرۈشى ياخشى بولغان؛

* HIV داۋالاش ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئۆتكەنكى بىر قانچە يىلدىن ياخشىلاندى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بايقالغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بۇرۇنقىلارنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇۋاتىدۇ؛

* باشقا سالامەتلىك ئەھۋاللىرى مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى ۋە راك، بۇلار ئۆلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى، بەلكى HIV ئەمەس؛

* زەھەر چېكىش- ھەددىدىن زىيادە زەھەر چېكىش ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك زەھەر چەككەن كىشىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى تېخىمۇ قىسقىرايدۇ؛

ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەن بولسۇن-بولمىسۇن، ھەربىر ئادەمنىڭ مۆلچەر ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك.

* جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادى مۇھىت سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز، تاپاۋەت قىلىشىڭىز، تەربىيىلىنىشىڭىز ۋە جەمىئيەتتىكى ئورنىڭىز قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆمرىڭىزدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت.

* جىنسى-ئاياللار ئادەتتە ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.

* تۇرمۇش ئۇسۇلى-ئوزۇقلىنىشى تەڭپۇڭ بولغان، ھەركەت قىلىدىغان، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغان، كۆپ ھاراق ئىچىشتىن ۋە دورا يېيىشتىن ساقلانغان ھەمدە جەمئىيەت ئالاقىسىنى ساقلىغان ئادەم تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش ئۆمۈرگە ناھايىتى پايدىلىق..

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر